ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ شەنبىڭ
«ياڭ خەيلىڭغا يېزا ـ كەنت ساياھىتى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولغانلىقى ئۈچۈن بەش نومۇر قوشۇپ بېرىلدى، ھويلا ـ ئاران تازىلىقى پاكىز بولغانلىقتىن، بىر نومۇر قوشۇپ بېرىلدى... ئەمدى، كۆپچىلىك ئۆز ئائىلىسىنىڭ جۇغلانما نومۇرىغا ئاساسەن مۇناسىپ مۇكاپات بۇيۇمىنى تىگىشىۋالسا بولىدۇ!» 4 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، ماناس ناھىيەسىنىڭ لەنجوۋۋەن بازىرى باجياخۇ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى مەدەنىيەت مەركىزىدە، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لۇ خاۋدۇڭ كەنت ئاھالىلىرىگە ھەربىر ئائىلىنىڭ جۇغلانما نومۇر ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.
«بۇ يىل 1 ـ پەسىلدە، يېزا ـ كەنت ساياھىتى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاكتىپ قاتناشقانلىقىم ئۈچۈن، كەنت ئائىلىمىزگە بەش جۇغلانما نومۇر قوشۇپ بەردى، ئائىلىمىزنىڭ ھازىرقى جۇغلانما نومۇرى 89 نومۇرغا يېتىپ، كەنت بويىچە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىردۇق، مەن ھەم شەرەپ ھېس قىلدىم، ھەم خۇشال بولدۇم» دېدى كەنت ئاھالىسى ياڭ خەيلىڭ.
باجياخۇ كەنتى ماناس ناھىيەسى بويىچە يېزا ـ كەنت ئىدارە قىلىشنى تۈزەشتە «جۇغلانما نومۇر تۈزۈمى»نى ئەڭ بۇرۇن يولغا قويغان كەنت. دەسلەپتە «جۇغلانما نومۇر تۈزۈمى»نى يولغا قويغاندا ئاساسلىقى مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش مەقسەت قىلىنغانىدى.
2017 ـ يىلىدىن باشلاپ، باجياخۇ كەنتى دۆلەت تۈرى ۋە ھەر دەرىجىلىك مالىيەنىڭ قوللىشىدا، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىشنى كەنت بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، كەنتتە قاتتىقلاشتۇرۇش، يورۇتۇش، گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، گۈزەل يېزا ـ كەنت بەرپا قىلدى. كەنت خۇيجوۋ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىنى ئاساس قىلىپ، پۈتۈن كەنتنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى بىرتۇتاش ئۆزگەرتتى. كەنت يوللىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇش، سۇ تۇرۇبىسى ۋە يۇندى تۇرۇبىسى تورى، يۇندى بىر تەرەپ قىلىش پونكىتى ۋە ئەخلەتلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ يىغىۋېلىش پونكىتى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى. بۇنىڭدىن باشقا، كەنتتە ھەر يىلى دەل ـ دەرەخ، گۈل ـ گىياھلار ئۆستۈرۈلۈپ، پۈتۈن كەنتنىڭ كونا قىياپىتى يېڭىلاندى.
لېكىن، باجياخۇ كەنتىمۇ ئىلگىرى كونا مەسىلىگە دۇچ كەلگەنىدى.
2019 ـ يىلى، باجياخۇ كەنتى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىشنى يولغا قويدى. لېكىن، ئۇزاق مۇددەتلىك ئادەتلىنىش سەۋەبىدىن، بەزى كەنت ئاھالىلىرى يەنىلا تۈرلۈك تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر خالتىغا قاچىلايتتى، بۇ كېيىنكى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىشقا قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن كەنت «ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش چارىسى»نى تۈزۈپ، جۇغلانما نومۇرنى تېگىشىش مېخانىزمىنى ئىجادىي يولغا قويدى. كەنت ئاھالىلىرى ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىپ مەركەزلەشتۈرۈپ تاشلىسا جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشەلەيدىغان، جۇغلانما نومۇرنى مۇكاپات بۇيۇمىغا تېگىشەلەيدىغان بولدى.
لۇ خاۋدۇڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، «جۇغلانما نومۇر تۈزۈمى» باجياخۇ كەنتىنىڭ يېزا ـ كەنت ئىدارە قىلىشتىكى بارلىق ساھەلىرىگە چېتىلدى. مۇھىت تازىلىقىنى ئاسراش، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ بېيىش، قانۇن ـ ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، چوڭلارغا ۋاپادار بولۇش، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىغا كۆيۈنۈش، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى «جۇغلانما نومۇر تۈزۈمى» بويىچە باشقۇرۇشتىكى نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىغان تۈرلەردۇر.
«كەنت ئاھالىلىرى ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇغلانما نومۇرنى قولغا كەلتۈرۈپ، نومۇر جۇغلاشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئادەت ئارقىلىق يېڭى ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، <كەنت ئىشى>نى <ھەربىر ئائىلىنىڭ ئىشى>غا ئايلاندۇرۇپ، ھەممە ئائىلە تىرىشىپ گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشىغا قاتناشقۇچىلاردىن بولۇپ، يېزا ـ كەنت ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.» لۇ خاۋدۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە يىلدا، «جۇغلانما نومۇر تۈزۈمى» بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، باجياخۇ كەنتىگە ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ «جۇڭگودىكى گۈزەل ئىستىراھەت يېزا ـ كەنتى» ۋە «مەملىكەت بويىچە يېزا ـ كەنت ئىدارە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك كەنت» دەپ نام بېرىلدى، بۇ ھەم باجياخۇ كەنتىدىكى ھەممە كىشى قەدىرلەيدىغان ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىغا ئايلاندى.
جۇغلانما نومۇر يەنە يېتەكچى ۋە يۆنىلىش بەلگىسى بولدى.
باجياخۇ كەنتى ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ يادرولۇق رايونىغا يانداش بولۇپ، مول سۇ بايلىقى ۋە گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئىگە. بۇ بىرقانچە يىلدا، باجياخۇ كەنتى يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكى تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ تۈرنىڭ جۇغلانما نومۇر قىممىتىنى ئاشۇردى.
ياڭ خەيلىڭ بېلىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى بېيىش باشلامچىسى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئۇ كەنت «ئىككى كومىتېت»ىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، كەنتتىكى نېلۇپەر كۆلى، بېلىق كۆلچىكىنى ھۆددىگە ئېلىپ يېزا ـ كەنت سەيلە ـ ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولدى، قىسقۇچپاقا، سوبيەن بېلىقى، راك قاتارلىق سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىدىن باشقا، يەنە بېلىق تۇتۇش، سۇ ئۈستى موتوسىكلىتى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى پىلانلىدى. ئۇنىڭ بۇ ئويى كەنت «ئىككى كومىتېت»ڭىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن ھۆددىگەرلىك كېلىشىمى ئىمزالاپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش تۈرى بويىچە بەش جۇغلانما نومۇر قوشۇپ بەردى.
لۇ خاۋدۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ بىرقانچە يىلدا «جۇغلانما نومۇر تۈزۈمى»نىڭ يېتەكلىشىدە، باجياخۇ كەنتى «سۇلۇق يەرنى ساياھەت قىلىش، پەسىل قۇشلىرىنى تاماشا قىلىش، مەززىلىك تائاملارنى تېتىش، مېۋە ـ كۆكتات ئۈزۈش، بېلىق تۇتۇش، خاس مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش، ئائىلىۋى مېھمانخانىغا چۈشۈش، يۇرتنى سېغىنىش» ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان خاس يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى، بۇنىڭ بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشتى.
باجياخۇ كەنتىدە يېزا ـ كەنت ئىدارە قىلىش بويىچە «جۇغلانما نومۇر تۈزۈمى»نىڭ يولغا قويۇلۇشىدا يەنە پۈتۈن ناھىيەگە مۇناسىۋەتلىك بىر چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش بار.
2019 ـ يىلى، ماناس ناھىيەسى مەملىكەت بويىچە يېزا ـ كەنت ئىدارە قىلىش سىستېما قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتىكى ئۈلگىلىك ناھىيە قىلىپ بېكىتىلىپ، پۈتۈن ناھىيەدە يېزا ـ كەنت ئىدارە قىلىش بويىچە «جۇغلانما نومۇر تۈزۈمى» ۋە «تىزىملىك تۈزۈمى» ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى. ئۆزى ئىدارە قىلىش تۈرى، قانۇن ئىدارە قىلىش تۈرى، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تۈرى، ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش تۈرىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈردىكى 49 تۈرلۈك جۇغلانما نومۇر تۈزۈمى ئورنىتىلدى.
«مېخانىزم ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، بىز <ئازغىنە جۇغلانما نومۇر> بىلەن يېزا ـ كەنتلەرنى <ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش>قا تۈرتكە بولدۇق. ھازىر، كەنت دەرىجىلىك دېموكراتىك باشقۇرۇش، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ۋە كادىرلارنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى» دېدى لۇ خاۋدۇڭ.