冷资源 热表达

石榴云/新疆日报记者 姚刚

前不久,文化和旅游部、体育总局公布了第二批国家级滑雪旅游度假地名单,富蕴可可托海滑雪旅游度假地在列,去年阿勒泰滑雪旅游度假地、乌鲁木齐南山滑雪旅游度假地也获得这一国字号称号。

新疆两年三地获国字号滑雪旅游度假地称号的背后,是旅游配套服务设施越来越完善,从单一雪季经营向四季旅游度假经营发展,滑雪旅游度假休闲氛围不断提升,为游客提供越来越专业的度假服务,让冷资源实现热表达。

今年截至3月1日,新疆36家S级滑雪场共接待游客99.3321万人次,实现旅游收入1.05亿元。其中5S、4S滑雪场共接待游客76.5179万人次,占S级滑雪场接待总人数77.03%,实现旅游收入0.89亿元。“通过数据分析可以看出,围绕5S、4S滑雪场打造的阿勒泰、乌鲁木齐南山滑雪旅游度假地,吸引了众多游客。滑雪场以及周边民宿、酒店、餐饮、娱乐等配套设施的完善,满足了人们滑雪旅游度假的需求。”自治区文化和旅游厅市场管理处处长曹志辉说。

3月4日至5日,2022—2023年度乌鲁木齐市市民冬季运动会青少年高山滑雪比赛在丝绸之路国际度假区举行。该度假区位于乌鲁木齐南山滑雪旅游度假地,去冬今春举办了滑雪马拉松、青少年高山滑雪比赛、单板公园果酱赛等近10项赛事。“冬季滑雪、玩雪、泡温泉,夏季观光、徒步、野营。”该度假区品牌推广部经理翟廷飞说,度假区形成滑雪、餐饮、酒店、汤泉、观光等一系列度假产品。

乌鲁木齐市南山景区管委会副主任、乌鲁木齐县文化体育广播电视和旅游局党组书记魏建业介绍,乌鲁木齐南山滑雪旅游度假地围绕冰雪资源,依托冰雪特色小镇,发展冬季冰雪运动、旅游,春夏秋季开发生态观光、休闲度假、体育赛事、康体养生、商务、探险、亲子旅游、文化体验、自驾旅游等旅游产品。

“整合冰雪旅游资源,结合冰雪资源开发出多元化的冰雪旅游产品,在这方面冰雪旅游度假地发挥出规模化聚集效应。”新疆冰雪体育运动协会副会长王晶说。

目前,新疆各地正按照自治区《关于进一步破解瓶颈制约推动自治区冰雪运动和冰雪旅游高质量发展行动方案(2022—2025年)》,加紧布局冰雪旅游度假地建设。自治区文旅厅资源开发处副处长周皓介绍,伊犁哈萨克自治州、阿勒泰地区、博尔塔拉蒙古自治州、昌吉回族自治州、乌鲁木齐市等重点区域将新增1个至2个国家级滑雪旅游度假地、1个至2个国家体育旅游示范基地。

“在规划布局滑雪旅游度假地的同时,更要维护好利用好这个招牌。”新疆财经大学旅游学院副研究员徐晓亮建议,滑雪旅游度假地要对标国际滑雪旅游度假地发展新趋势,因地制宜,积极探索实践单一雪季经营向四季旅游度假经营发展路径和模式,“拓展多业态、多渠道合作,创新冰雪竞赛表演、滑雪旅游度假、定制娱乐活动、特色节庆、冰雪教育培训等多维度的冰雪旅游产品,以及滑雪旅游延伸的四季度假产品,突出滑雪旅游度假休闲氛围。”

سوغۇق بايلىقنىڭ قىزىق ئىپادىلىنىشى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ

يېقىندا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، تەنتەربىيە باش ئىدارىسى 2 - تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورۇنلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، كۆكتوقايدىكى كۆكتوقاي قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورنى تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى، بۇلتۇر ئالتاي قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورنى، ئۈرۈمچى نەنسەن تېغى قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورنىمۇ بۇ دۆلەت دەرىجىلىك نامغا ئېرىشكەنىدى. 

شىنجاڭدىكى ئۈچ جاينىڭ ئىككى يىلدا دۆلەت دەرىجىلىك قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورنى دېگەن نامغا ئېرىشىشى ساياھەت يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ، يەككە قار پەسلى تىجارىتىدىن تۆت پەسىل ساياھەت ئىستىراھەت تىجارىتىگە قاراپ تەرەققىي قىلىپ، قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت كەيپىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ كەسپىي ئىستىراھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، سوغۇق بايلىقنى قىزغىن ئىپادىلەشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن بولدى.

بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، شىنجاڭدىكى S دەرىجىلىك 36 قار تېيىلىش مەيدانى جەمئىي 993 مىڭ 321 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، 105 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى ياراتتى. بۇنىڭ ئىچىدە 5S ،4S قار تېيىلىش مەيدانلىرى جەمئىي 765 مىڭ 179 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانلىرى كۈتۈۋالغان ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ %77.03ىنى ئىگىلەپ، 89 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى ياراتتى. «سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 5S ،4S قار تېيىلىش مەيدانلىرىنى چۆرىدەپ بەرپا قىلىنغان ئالتاي، ئۈرۈمچى نەنسەن تېغى قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورنى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلغان. قار تېيىلىش مەيدانى ھەمدە ئەتراپتىكى ئائىلىۋى مېھمانخانا، مېھمانساراي، يېمەك - ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنىڭ مۇكەممەللىشىشى كىشىلەرنىڭ قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئېھتىياجىنى قاندۇردى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بازار باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ساۋ جىخۇي. 

3 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 5 - كۈنىگىچە، 2022 − 2023 - يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر ئاھالىلىرى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش مۇسابىقىسى يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئىستىراھەت رايونى ئۈرۈمچى نەنسەن تېغى قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورنىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇلتۇر قىش، بۇ يىل ئەتىيازدا مارافونچە قار تېيىلىش، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش مۇسابىقىسى، يەككە تاختا باغچىسىدا ئىختىيارىي ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى قاتارلىق ئون تۈرگە يېقىن مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى. «قىشتا قار تېيىلغىلى، قار تاماشاسى قىلغىلى، ئارشاڭغا چۈشكىلى، يازدا سەيلە قىلغىلى، پىيادە ماڭغىلى، دالىدا قونغىلى بولىدۇ.» بۇ ئىستىراھەت رايونى ماركا كېڭەيتىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى جەي تىڭفېي مۇنداق دېدى: ئىستىراھەت رايونى قار تېيىلىش، يېمەك - ئىچمەك، مېھمانساراي، ئارشاڭ، سەيلە - ساياھەت قاتارلىق بىر قاتار ئىستىراھەت مەھسۇلاتلىرىنى شەكىللەندۈردى. 

ئۈرۈمچى شەھىرى نەنسەن تېغى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۈرۈمچى ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋېي جيەنيې مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈرۈمچى نەنسەن تېغى قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورنى قار - مۇز بايلىقىنى چۆرىدەپ، قار - مۇز خاس كىچىك بازارلىرىغا تايىنىپ قىشلىق قار - مۇز تەنھەرىكىتى، ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردى، ئەتىياز، ياز، كۈز پەسىللىرىدە ئېكولوگىيەلىك سەيلە - ساياھەت، ئىستىراھەت - دەم ئېلىش، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش، سودا ئىشلىرى، ئېكسپېدىتسىيە، ئائىلىۋى ساياھەت، مەدەنىيەت تەسىراتى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش قاتارلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئاچتى.

«قار - مۇز ساياھەت بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، قار - مۇز بايلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ كۆپ مەنبەلىك قار - مۇز ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئاچتۇق، بۇ جەھەتتە قار - مۇز ساياھەت ئىستىراھەت ئورۇنلىرى كۆلەملىك توپلىشىش ئېففېكتىنى جارى قىلدۇردى» دېدى شىنجاڭ قار - مۇز تەنتەربىيە ھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ۋاڭ جىڭ. 

نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئاپتونوم رايوننىڭ «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار - مۇز ساياھىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ھەرىكەت لايىھەسى (2022 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»گە ئاساسەن، قار - مۇز ساياھەت ئىستىراھەت ئورنى قۇرۇلۇشىنى جىددىي ئورۇنلاشتۇرماقتا. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بايلىق ئېچىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جوۋ خاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا يېڭىدىن بىردىن ئىككىگىچە دۆلەت دەرىجىلىك قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورنى، بىردىن ئىككىگىچە دۆلەت تەنتەربىيە ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى كۆپەيتىلىدۇ. 

«قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورۇنلىرىنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، بۇ ۋىۋىسكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.» شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى ساياھەت شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى شۈ شياۋلياڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورۇنلىرى خەلقئارا قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورۇنلىرىنىڭ تەرەققىيات يېڭى يۈزلىنىشى بويىچە ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، بىرلا خىل قار پەسلى تىجارىتىدىن تۆت پەسىل ساياھەت ئىستىراھەت تىجارىتىگە قاراپ تەرەققىي قىلىش يولى ۋە ئەندىزىسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، «كۆپ كەسىپ ھالىتى، كۆپ يول ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، قار - مۇز مۇسابىقىسى بويىچە ماھارەت كۆرسىتىش، قار تېيىلىش ئىستىراھەت ساياھىتى، زاكازلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى، خاس بايرام تەنتەنىسى، قار - مۇز تەنھەرىكىتى بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق كۆپ ئۆلچەملىك قار - مۇز ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ھەمدە قار تېيىلىش ساياھىتى ئۇزارتىلغان تۆت پەسىل ئىستىراھەت مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت كەيپىياتىنى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك».

发布时间 :
2023/04/18
责任编辑 :
栏目归属 :
旅新疆
يوللانغان ۋاقتى:
2023/04/18
مەسئۇل مۇھەررىر :
تەۋە سەھىپە:
شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش
相关专题
مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس سەھىپىلەر