□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە
3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى تال توزغىقىغا پۈركەنگەن نەنجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى ھەرقايسى چوڭ ساياھەت كوپىراتىپلىرى ۋە مەدەنىيەت - ساياھەت كارخانىلىرىغا تەكلىپ ئەۋەتتى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرىدىن كەلگەن سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرىنىڭ تونۇشتۇرغۇچىلىرى ئۆمەك تەشكىللەپ گۈزەل شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇپ، ھەمكارلىق سەپىرىنى باشلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر يۈ جيې مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر شىنجاڭدا باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلىپ، چىرايلىق ئۆرۈك چېچەكلىرى تەبەسسۇم بىلەن جىلۋە قىلىپ، ھال رەڭ شاپتۇل چېچەكلىرى شامالدا يەلپۈنۈپ، ئاق رەڭلىك نەشپۈت چېچەكلىرىنىڭ خۇش ھىدى يىراقلارغا تارقىلىپ، ئېگىزلىكتىكى ئۆرۈك چېچەكلىرى كىشىلەرنىڭ چۈشىدىكى شاپتۇل چېچىكى ماكانىنى قايتا نامايان قىلماقتا. شىنجاڭدا ئەزەلدىن مۇز چوققىلار بىلەن ئوت يۇرتى بىر - بىرىگە بېقىشىپ تۇرىدىغان، قۇملۇق بىلەن بوستانلىقلار تۇتىشىپ كەتكەن، مەدەنىيەت جۇغلانمىسى مول، مىللىي ئۆرپ - ئادەت قويۇق بولۇپ، ھەممە ئادەم تەلپۈنىدىغان ئارزۇدىكىدەك جاي.
شىنجاڭ بىلەن جياڭسۇ چوڭقۇر تارىخىي مەنبەگە ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش رىشتىسىگە ئىگە. ئىككى جاي نىشانلىق ياردەم بېرىش، ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئارقىلىق ئىقتىساد ئۆزئارا تۇتاشقان، مەدەنىيەت ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان، تەقدىرى ئۆزئارا باغلانغان دوستلۇق يولىنى ئاللىبۇرۇن شەكىللەندۈرگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بولغان سېلىنمىنى سىجىل زورايتىپ، «كۈلۈمسىرىگەن شىنجاڭ» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرگە خاتىرجەم، كۆڭۈلدىكىدەك، ئازادە ئىستېمال مۇھىتى يارىتىپ بەردى. «بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭنىڭ قاتناش تورى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىپ، يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى تېخىمۇ ئادىمىيلەشتۈرۈلدى. بۇ قېتىم بىزمۇ ھەقىقىي ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئېلىپ كەلدۇق، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ گۈزەل سەپەرنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى يۈ جيې.
«بىز مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقى ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ئارقىلىق <ساياھەتچىلەرنى قىزىلسۇغا كېلىشكە جەلپ قىلدۇق>.» ئاتۇش شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت تونۇشتۇرغۇچىسى سۇلپىنۇر ئەنۋەر مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا يىپەك يولىدىكى قەدىمىي يادىكارلىقلار، خەلق ئۆرپ - ئادىتىنى ھېس قىلىش ساياھىتى، پامىر ئېگىزلىكى مەنزىرىسى ساياھىتى، چېگرا چوڭقۇر ساياھىتى، «ماناس» تارىخىي داستانى خەلق ئۆرپ - ئادىتى مەدەنىيىتى ساياھىتىدىن ئىبارەت تۆت ئېسىل لىنىيەنى ئېلىپ كەلدۇق. «بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپلا قالماي، ھەر مىللەت ئاممىمۇ ئىنتايىن قىزغىن، بىز كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان <پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن تاغا> ئابدۇجاپپار مېڭدى بىلەن بىللە سىزنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىغا كېلىشىڭىزنى كۈتىمىز».
«شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بۇ يىل چوقۇم جانلىنىدۇ.» جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ ساياھەتچىلەر يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى مياۋ پۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئېلىپ كەلگەن سەرخىل ساياھەت لىنىيەلىرى شىنجاڭغا ئون نەچچە قېتىم بارغان ماڭا پۈتۈنلەي يېڭى مەزمۇنلارنى ھېس قىلدۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ئىزچىل ساياھەتچىلەر بېرىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان مەنزىلگاھلارنىڭ بىرى، بۇ قېتىمقى ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنىنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى مول، يېڭىدىن ئېچىلغان ساياھەت لىنىيەلىرىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە مۇلازىمەت خاراكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك بوپتۇ، «مەن نەق مەيداندىكى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كېلىشىپ قويدۇم، كېلەر ئايدا شىنجاڭغا بېرىپ لىنىيە تاللاپ، 5 - ئايدا ئۆمەك ئەۋەتىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ جياڭسۇلۇق كىشىلەرنى شىنجاڭغا بالدۇرراق بېرىپ ئۆزگىچە مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز».
جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى باش كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتى(جياڭسۇ) خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالىي كەسپىي دىرېكتورى جوۋ مىن «ياخشى» دېگەن سۆزنى ئۇدا ئۈچ قېتىم ئىشلىتىپ، ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. «ياخشى مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقى، ياخشى ئېتىبار بېرىش سىياسىتى، ياخشى خەلق ئۆرپ - ئادىتى.» ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ساياھەت كوپىراتىپى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، كۆپچىلىك شۇ جاينىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ھەمدە غىزالىنىش، مال سېتىۋېلىش، ساياھەت قىلىش، قونۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇچۇر بايلىقىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ، بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ھەممىسىگە چېتىلىپتۇ، بۇ، ساياھەت كوپىراتىپىمىزنى بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇشقا بولغان يېتەرلىك ئىشەنچكە ئىگە قىلدى.
نەق مەيداندا، ئىلى غەربىي قىسىم خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جياڭسۇ چۈەنجىڭ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتى بىلەن ساياھەت ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى؛ قورغاس ئاسىيا - ياۋروپا خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى شيۇڭلې خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى باش كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتى نەنجىڭ شۆبە شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن خېرىدار مەنبەسىنى ئۆزئارا يەتكۈزۈش كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ . جياڭسۇ ئىككى جاينىڭ ساياھەت كوپىراتىپلىرى ساھە يەرمەنكىسىدە ساياھەت كارخانىلىرى ۋەكىللىرى بەس - بەستە كەڭ - كۇشادە سۆز قىلىپ، پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتقا ئىنتىلىپ، «ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىش»قا ئورتاق كۈچ قوشتى.
تونۇشتۇرۇش يىغىنى مەيدانى سىرتىدا، «شىنجاڭ سوۋغىسى» باش تېما كۆرگەزمىسى نەنجىڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى خاسلىققا ئىگە، قۇرۇق مېۋىلىرى يېيىشلىك، بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم شىنجاڭغا بېرىپ، ھەقىقىي شىنجاڭچە تەمنى ھېس قىلىمىز.