花花”世界商机无限

石榴云/新疆日报记者 王新红

又是一年花开季,踏青赏花正当时。

杏花、梨花、桃花、玫瑰花、薰衣草花……姹紫嫣红次第绽放的花儿,犹如多彩的调色板,不仅使春天里的新疆底色更加绚丽,还为从各地前来赏花的游客递上了大美新疆的第一张名片。

“花花”世界商机无限,日渐成熟的赏花经济,已成为我区高质量发展的生动注脚。

各地大做“花文章”

每年3月中下旬,北疆一些地方冰雪还未融化时,素有“新疆第一春”之称的吐鲁番市托克逊县夏镇南湖村已是杏花飘香处处春,粉团满簇暗香来。新疆旅游重头戏之一的赏花游也随之开启。

有着村里种杏“第一人”之称的苏力坦·都尕木,一年的忙碌从村里杏花开放的那一刻开始。

“杏花开了,游客来了,我的收入也就来了。”苏力坦说。

以前,苏力坦的眼里只有杏子,收入也靠杏子。近几年,依托赏花游,苏力坦的收入也越来越多。“每年杏花开时,我都会把自家庭院改造的农家乐对外出租,一个月有几千块的收入。杏子成熟后,除了卖杏子,还有游客进园采摘的收入。”苏力坦说。

在南湖村,因赏花游拓宽增收渠道的村民不止苏力坦一人。

已经搬到托克逊县城居住的南湖村村民外力·如所力说,每年杏花开前,他都会提前从城里回到村里,把游客喜欢吃的托克逊黑头羊、土鸡等准备好,一个月能收入6000元左右。如今,外力在县城买了房,还买了车。

据当地统计,自2013年以来,南湖村已举办了多场杏花季旅游活动,累计接待游客超200万人次。“去年,村里人均收入达到2.2万余元。”南湖村党支部书记阿米娜·艾赛提说。

南湖村是新疆众多靠赏花游拓宽群众增收渠道的一个缩影。

以旅促农,以旅富民。近几年,新疆各地围绕赏花游大做“花文章”,根据林果不同的花期特点,举办各类以花为主题的文旅活动。为此,各地规划完善了相应的旅游设施,统一打造了商业街等,使赏花游以新的业态呈现和释放,游客的消费新需求得到满足。

“良性发展的赏花游,增强了各地群众发展乡村旅游的信心,促进了农旅融合,推进了富民兴村和乡村振兴。”自治区文化和旅游厅资源开发处处长段玉明说。

“一枝花”的价值

坐着火车去看杏花,是新疆农业大学退休教师王芳华每年3月的必修课。

说到赏花,王芳华掰着手指给记者算起了新疆花历。她说,每年3月、4月是杏花、梨花、桃花盛开的季节,5月郁金香、山花、玫瑰花最艳,6月中旬薰衣草花正旺盛,7月是油菜花盛开的季节,8月、9月向日葵开花……

“今年,我邀请了几位南京的朋友来新疆赏花。前几天,他们去托克逊看杏花时说,新疆的杏花美得让人流连忘返!”王芳华说。

随着赏花游的兴起,新疆各大旅行社也精心梳理了赏花线路,打造了一系列赏花游产品。新疆铁路部门也推出了不同方向的赏花专列,去天山南北看花,已成为新疆春季旅游的卖点之一。

“今年,国内其他省区市到新疆赏花的游客人数较多,赏花游已成为各旅行社的拳头产品。”新疆雪莲花国际旅行社有限公司副总经理校兵说。

据了解,今年托克逊县杏花盛开后一周的时间,就迎来了30万名来自全国各地的游客。轮台、塔什库尔干、库车、新源等地举办的杏花节,也都迎来了比往年更多的游客。

新疆越野车师探险旅行社有限公司负责人张军介绍,今年春节过后,就有客户预定了塔莎古道的旅游。这些游客都是冲着沿途村庄的杏花来的。

“早听说塔莎古道沿途杏花很美,这次过来一看,简直就是世外桃源,美不胜收!”开着房车、带着照相机,自驾到塔什库尔干旅游的河南游客李海涛说。

段玉明介绍,秉承以花兴农,大力发展“赏花经济”,以乡村旅游产业助推乡村产业振兴的发展思路,我区各地积极举办赏花游节事活动,已开发旅游线路及产品上百个。

近几年,我区赏花经济从最初的城市周边乡镇,延伸到偏远乡村。伊犁、喀什、阿克苏、库尔勒、吐鲁番等地,依托特色林果花期,将赏花与乡村游、生态游结合,推出“赏花+模式”。传统“赏花经济”的拓展,放大了“一枝花”的产业价值,“花花”世界的无限商机,成为推动乡村产业振兴的有利抓手。

真功夫在花外

“参观薰衣草文化博物馆,弥补了我没有亲眼见到万亩薰衣草盛开的遗憾。”3月26日,在霍城县清水河镇解忧公主薰衣草园薰衣草文化博物馆,游客朱美婷说。

朱美婷在深圳一家金融机构工作,此前她从网上看到霍城薰衣草的照片后,心里一直惦记着。此次,她利用出差的机会,专程来到霍城。

遗憾的是,田野中,刚刚返青不久的薰衣草还在孕育花苞。朱美婷只能拿着相机,在博物馆里拍了一些照片。

新疆天然芳香农业科技有限公司董事长任珂介绍,2011年,公司投入上亿元打造薰衣草园,建起了中国首家“香草科普文化基地”。如今,只要到霍城的游客,都会到薰衣草文化博物馆参观。

众所周知,“赏花游”的痛点是花期短,如遇天气等原因,花期常常难以持续。对此,我区各地推出了一系列不受花期限制的特色文旅项目,开发生产“花样产品”,延长了产业链条,使“赏花经济”变得可持续。

“赏花游,旅游是载体。表面来看,游客追的是花是景,其实体验的是新疆的风土人情,展现的是新疆旅游产业无穷的魅力。‘赏花经济’要‘四季常开’,真功夫在花外。”新疆旅游协会旅游营销分会会长陈剑文说。

如今,随着“赏花+模式”的提档升级,从“花样产品”到幸福产业、快乐产业,“赏花经济”的创新链条越拉越长,盈利模式越来越多元,已成为我区旅游业高质量发展的有力支撑。

گۈل - چېچەكلەر دۇنياسىدا سودا پۇرسىتى چەكسىز

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ

بىر يىلدىكى چېچەك پەسلى يەنە باشلاندى، باھار سەيلىسى - چېچەك سەيلىسى قىلىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى.

ئۆرۈك چېچىكى، نەشپۈت چېچىكى، شاپتۇل چېچىكى، ئەتىرگۈل، ئۈستىقۇددۇس گۈلى... رەڭگارەڭ گۈللەر ئارقا - ئارقىدىن پورەكلەپ ئېچىلىپ چىرايلىق تۈسكە كىرىپ، رەڭدار رەڭ تەڭشەش تاختىسىغا ئوخشاش باھاردىكى شىنجاڭنىڭ ئاساسىي رېڭىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپلا قالماي، يەنە ھەرقايسى جايلاردىن چېچەك سەيلىسى قىلغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرگە گۈزەل شىنجاڭنىڭ تۇنجى نام كارتىسىنى سۇندى.

گۈل - چېچەكلەر دۇنياسىدا سودا پۇرسىتى چەكسىز، كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىۋاتقان چېچەك سەيلىسى ئىقتىسادى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ جانلىق ئىزاھاتىغا ئايلاندى.

ھەرقايسى جايلار «چېچەككە ئائىت ئىشلار»نى ياخشى قىلدى

ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرىلىرى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ بەزى جايلىرىدىكى قار - مۇزلار تېخى ئېرىمىگەن چاغدا، «شىنجاڭدا تۇنجى باھار باشلىنىدىغان جاي» دەپ نام ئالغان تۇرپان شەھىرىنىڭ توقسۇن ناھىيەسى شا بازىرى نەخۇل كەنتىدىكى ئۆرۈك دەرىخى شاخلىرىدا ھالرەڭ ئۆرۈك چېچەكلىرى ھۆپپىدە ئېچىلىپ خۇش پۇراق چېچىپ ھەممە جاي باھار تۈسىگە كىرگەنىدى. شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى مۇھىم پائالىيەتنىڭ بىرى بولغان چېچەك سەيلىسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ باشلاندى.

كەنتتىكى «ئۆرۈك ئۆستۈرۈش ماھىرى» دەپ نام ئالغان سۇلتان دۇگامنىڭ بىر يىلدىكى ئەڭ ئالدىراش چاغلىرى كەنتتىكى ئۆرۈكلەر چېچەكلىگەن ئاشۇ پەيتتىن باشلاندى.

«ئۆرۈك چېچەكلىدى، ساياھەتچىلەر كەلدى، مەنمۇ كىرىم قىلىشقا باشلايمەن» دېدى سۇلتان.

ئىلگىرى سۇلتاننىڭ نەزەرىدە پەقەت ئۆرۈكلا بار بولۇپ، كىرىم قىلىشتىمۇ ئۆرۈككە تايىناتتى. يېقىنقى نەچچە يىلدا، چېچەك سەيلىسىگە تايىنىپ سۇلتاننىڭ كىرىمىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. «ھەر يىلى ئۆرۈك چېچەكلىگەندە مەن ھويلامنى ئۆزگەرتىپ قۇرغان دېھقانلار ئارامگاھىمنى ئىجارىگە بېرىپ، بىر ئايدا نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلىمەن. ئۆرۈك پىشقاندىن كېيىن، ئۆرۈك ساتقاندىن باشقا، يەنە ساياھەتچىلەرنىڭ باغقا كىرىپ ئۆرۈك ئۈزۈشىدىنمۇ كىرىم قىلىمەن» دېدى سۇلتان.

نەخۇل كەنتىدە چېچەك سەيلىسىدىن كىرىم قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتكەن كەنت ئاھالىسى يالغۇز سۇلتانلا ئەمەس.

توقسۇن ناھىيە بازىرىغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان نەخۇل كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋەلى رۇسۇل مۇنداق دېدى: ھەر يىلى ئۆرۈك چېچەكلەشتىن بۇرۇن، شەھەردىن كەنتكە بالدۇرلا قايتىپ كېلىپ، ساياھەتچىلەر ياقتۇرۇپ يەيدىغان توقسۇن قارا باش قويى، يەرلىك توخۇسى قاتارلىقلارنى ياخشى تەييارلايمەن، بىر ئايدا 6000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايمەن. بۈگۈنكى كۈندە، ۋەلى ناھىيە بازىرىدىن ئۆي سېتىۋالدى، يەنە ئاپتوموبىلمۇ سېتىۋالدى.

شۇ جاينىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2013 - يىلىدىن بۇيان، نەخۇل كەنتى كۆپ قېتىم ئۆرۈك چېچىكى پەسلى ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 2 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان. «بۇلتۇر، كەنتنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 22 مىڭ يۈەندىن ئاشتى» دېدى نەخۇل كەنتى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئامىنە ئەسەت.

نەخۇل كەنتى شىنجاڭدىكى چېچەك سەيلىسىگە تايىنىپ ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتكەن نۇرغۇن كەنتنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

ساياھەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى، ساياھەت ئارقىلىق خەلق بېيىتىلدى. يېقىنقى نەچچە يىلدا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار چېچەك سەيلىسىنى چۆرىدەپ، «چېچەككە ئائىت ئىشلار»نى ياخشى قىلىپ، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدە چېچەكلەشتەك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، چېچەك باش تېما قىلىنغان تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقايسى جايلار مۇناسىپ ساياھەت ئەسلىھەلىرىنى پىلانلاپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودا كوچىسى قاتارلىقلارنى بىرتۇتاش بەرپا قىلىپ، چېچەك سەيلىسىنى يېڭى كەسىپ ھالىتىدە نامايان قىلىپ ۋە يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستېمال يېڭى ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

«ياخشى تەرەققىي قىلىۋاتقان چېچەك سەيلىسى ھەرقايسى جايلاردىكى ئاممىنىڭ يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشەنچىنى ئاشۇردى، يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى، خەلقنى بېيىتىپ كەنتنى روناق تاپقۇزۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بايلىق ئېچىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى دۈەن يۈمىڭ.

«بىر تال گۈل»نىڭ قىممىتى

پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۆرۈك چېچىكى كۆرگىلى بېرىش شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ فاڭخۇانىڭ ھەر يىلى 3 - ئايدا جەزمەن قىلىدىغان ئىشى.

گۈل سەيلىسى تىلغا ئېلىنغاندا، ۋاڭ فاڭخۇا بارماقلىرىنى چىقىرىپ مۇخبىرغا شىنجاڭدا گۈل - چېچەكلەرنىڭ ئېچىلىدىغان ۋاقتىنى ساناپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر يىلى 3 -، 4 - ئايلار ئۆرۈك چېچىكى، نەشپۈت چېچىكى، شاپتۇل چېچىكى پورەكلەپ ئېچىلىدىغان پەسىل، 5 - ئايدا كۈركۈم گۈلى، تاغ گۈلى، ئەتىرگۈل ئەڭ چىرايلىق ئېچىلىدۇ، 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۈستىقۇددۇس گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىدۇ، 7 - ئاي قىچا چېچىكى پورەكلەپ ئېچىلىدىغان پەسىل، 8 -، 9 - ئايلاردا ئاپتاپپەرەس ئېچىلىدۇ...

«بۇ يىل، مەن نەنجىڭدىكى بىرقانچە دوستۇمنى شىنجاڭغا كېلىپ چېچەك سەيلىسى قىلىشقا تەكلىپ قىلدىم. بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، ئۇلار توقسۇنغا ئۆرۈك چېچىكى كۆرگىلى بارغاندا، شىنجاڭدىكى ئۆرۈك چېچەكلىرىنىڭ گۈزەللىكىدىن ئادەمنىڭ ئايرىلىشقا قىيمايدىغانلىقىنى ئېيتتى!» دېدى ۋاڭ فاڭخۇا.

چېچەك سەيلىسىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ ساياھەت كوپىراتىپلىرىمۇ چېچەك سەيلىسى لىنىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ رەتلەپ چىقىپ، بىر يۈرۈش چېچەك سەيلىسى مەھسۇلاتلىرىنى ياراتتى. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىمۇ ئوخشاش بولمىغان يۆنىلىشكە قاتنايدىغان چېچەك سەيلىسى مەخسۇس پويىزىنى يولغا قويدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا بېرىپ چېچەك سەيلىسى قىلىش شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق ساياھىتىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

«بۇ يىل، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن شىنجاڭغا كېلىپ چېچەك سەيلىسى قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بىرقەدەر كۆپ بولدى، چېچەك سەيلىسى ھەرقايسى ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ كوزىر مەھسۇلاتىغا ئايلاندى» دېدى شىنجاڭ قار لەيلىسى خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شياۋ بىڭ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل توقسۇن ناھىيەسى ئۆرۈك چېچەكلەپ بىر ھەپتە ۋاقىت ئىچىدىلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 300 مىڭ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان. بۈگۈر، تاشقورغان، كۇچا، كۈنەس قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىدىمۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغان.

شىنجاڭ دالا ئاپتوموبىلى ئېكسپېدىتسىيە ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جاڭ جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل باھار بايرىمىدىن كېيىن، خېرىدارلار تاشقورغان - يەكەن قەدىمىي يولى ساياھىتىنى ئالدىن زاكاز قىلدى. بۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى يول بويىدىكى كەنتلەردە ئېچىلىدىغان ئۆرۈك چېچەكلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن.

«تاشقورغان - يەكەن قەدىمىي يولى بويىدىكى ئۆرۈك چېچەكلىرىنىڭ ناھايىتى گۈزەل ئىكەنلىكىنى بۇرۇنلا ئاڭلىغانىدىم، بۇ قېتىم كېلىپ قارىسام، بۇ جاي ھەقىقەتەن گۈزەل ماكان ئىكەن، گۈزەللىكىنى كۆرۈپ تۈگەتكىلى بولمايدىكەن!» دېدى ئۆزى ئۆي ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ، فوتو ئاپپاراتىنى ئېلىپ تاشقورغانغا ساياھەتكە كەلگەن خېنەنلىك ساياھەتچى لى خەيتاۋ.

دۇەن يۈمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گۈل ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، «چېچەك سەيلىسى ئىقتىسادى»نى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا - كەنت ساياھەت كەسپى ئارقىلىق يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش تەرەققىيات پىكىر يولىغا تايىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار چېچەك سەيلىسى بايرىمى پائالىيەتلىرىنى پائال ئۆتكۈزۈپ، 100دىن ئارتۇق ساياھەت لىنىيەسى ھەم مەھسۇلاتىنى ئاچتى.

يېقىنقى نەچچە يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چېچەك سەيلىسى ئىقتىسادى ئەڭ دەسلەپكى شەھەر ئەتراپىدىكى يېزا - بازارلاردىن چەت، يىراق يېزا - كەنتلەرگىچە كېڭەيدى. ئىلى، قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا، تۇرپان قاتارلىق جايلار مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ چېچەكلەش مەزگىلى ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ، چېچەك سەيلىسىنى يېزا - كەنت ساياھىتى، ئېكولوگىيە ساياھىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «چېچەك سەيلىسى+ئەندىزە»نى يولغا قويدى. ئەنئەنىۋى «چېچەك سەيلىسى ئىقتىسادى»نى كېڭەيتىش «بىر تال گۈل»نىڭ كەسىپ قىممىتىنى زورايتتى، گۈل - چېچەكلەر دۇنياسىدىكى چەكسىز سودا پۇرسىتى يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى پايدىلىق تۇتقىغا ئايلاندى.

ھەقىقىي ماھارەت گۈل - چېچەكلەر سىرتىدا

«ئۈستىقۇددۇس مەدەنىيەت مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، 10 مىڭ مو ئۈستىقۇددۇسنىڭ پورەكلەپ ئېچىلغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرەلمەسلىكتىن ئىبارەت ئەپسۇسلىقىمنىڭ ئورنىنى تولدۇردۇم» دېدى 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، قورغاس ناھىيەسىنىڭ چىڭسىخوزا بازىرى جيېيوۋ گۇڭجۇ ئۈستىقۇددۇس باغچىسى ئۈستىقۇددۇس مەدەنىيەت مۇزېيىدا ساياھەتچى جۇ مېيتىڭ.

جۇ مېيتىڭ شېنجېندىكى بىر پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدا خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى ئۇ قورغاستىكى ئۈستىقۇددۇسنىڭ سۈرىتىنى توردىن كۆرگەندىن كېيىن، كۆڭلىدە كۆرۈپ كېلىشنى ئىزچىل ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدى. بۇ قېتىم ئۇ كاماندىروپكىغا چىققان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەخسۇس قورغاسقا كەلدى.

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، دالىدا ئەمدىلا كۆكىرىشكە باشلىغان ئۈستىقۇددۇسلار تېخى غۇنچىلاۋاتاتتى. جۇ مېيتىڭ ئامالسىز فوتو ئاپپاراتنى ئېلىپ مۇزېيدا بىر قىسىم سۈرەتلەرنى تارتتى.

شىنجاڭ تيەنرەن فاڭشياڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى رېن كې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2011 - يىلى، شىركەت 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ ئۈستىقۇددۇس باغچىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگودىكى تۇنجى «خۇش پۇراق ئوت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەدەنىيەت بازىسى»نى قۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، ساياھەتچىلەر قورغاسقا كەلسىلا ئۈستىقۇددۇس مەدەنىيەت مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ.

ھەممىگە مەلۇمكى، «چېچەك سەيلىسى»نىڭ ئاغرىق نۇقتىسى چېچەك مەزگىلىنىڭ قىسقا بولۇشى، ئەگەر ھاۋارايى ئۆزگىرىش قاتارلىق سەۋەبلەرگە يولۇقسا، چېچەك مەزگىلىنىڭ داۋاملىشىشى قىيىن بولىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار چېچەك مەزگىلىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان بىر يۈرۈش خاس مەدەنىيەت ساياھەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، «گۈل - چېچەككە مۇناسىۋەتلىك خىلمۇ خىل مەھسۇلاتلار»نى ئېچىپ، ئىشلەپچىقىرىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، «چېچەك سەيلىسى ئىقتىسادى»نى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلدى.

«چېچەك سەيلىسىدە ساياھەت قىلىش ۋاسىتە. مۇنداقچە قارىغاندا، ساياھەتچىلەرنىڭ ئىنتىلىدىغىنى گۈل - چېچەكلەر ۋە مەنزىرە بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھېس قىلىدىغىنى شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ - ئادىتى، نامايان قىلىنىدىغىنى شىنجاڭ ساياھەت كەسپىنىڭ چەكسىز جەلپكارلىقى. <چېچەك سەيلىسى ئىقتىسادى>نى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدىلا جانلاندۇرۇش كېرەك، بۇنىڭدىكى ھەقىقىي ماھارەت گۈل - چېچەكلەر سىرتىدا» دېدى شىنجاڭ ساياھەت جەمئىيىتى ساياھەت ماركېتىڭى شۆبە جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى چېن جيەنۋېن.

بۈگۈنكى كۈندە، «چېچەك سەيلىسى+ ئەندىزە»نىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، «گۈل - چېچەككە مۇناسىۋەتلىك خىلمۇخىل مەھسۇلاتلار»دىن بەختلىك كەسىپ، خۇشال - خۇرام كەسىپكىچە، «چېچەك سەيلىسى ئىقتىسادى»نىڭ يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بارغانسېرى ئۇزىراپ، پايدا ئېلىش ئەندىزىسى بارغانسېرى كۆپ مەنبەلىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا كۈچلۈك تىرەككە ئايلاندى.

发布时间 :
2023/04/11
责任编辑 :
栏目归属 :
乡村旅游
يوللانغان ۋاقتى:
2023/04/11
مەسئۇل مۇھەررىر :
تەۋە سەھىپە:
يېزا-كەنت ساياھىتى
相关专题
مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس سەھىپىلەر