7 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى كەچقۇرۇن، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى رىيۆشىڭگۇاڭ پىيادىلەر كوچىسىدىكى رىيۆ تىيانشان شىڭگۇاڭ كىچىك بازىرىدا جەم بولدى. شۇ كۈنى، بۇ كىچىك بازارغا كەلگەن شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ مېڭفەن
چوڭ بازارنىڭ كەچلىك بازىرىدا ناخشا ـ ئۇسسۇل قىزىپ كەتتى، يۈك ساندۇقى پاسونىدا ياسالغان كىچىك بازاردا مەززىلىك تائاملارنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالغانىدى، باغچىدا كىشىلەر ئارامبەخش سەيلە قىلىپ سالقىنداۋاتاتتى، بۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ياز كۈنلىرىدىكى كېچىلىك تۇرمۇشنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. كەچكى شەپەق نۇرىدىن تارتىپ نۇرلۇق چىراغلار كېچە ئاسمىنىنى يورۇتقۇچە، ئۈرۈمچىدە كېچىلىك تۇرمۇش رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىدۇ.
7 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى سائەت 20دە، كەچكى شەپەق گۈزەل تۈسكە كىردى. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى پىيادىلەر كوچىسى مەززىلىك تائاملار كوچا رايونى دارۋازلىق شادلىق مەيدانىدا، 19 ياشلىق دارۋاز سەيپۇللا يەر يۈزىدىن 14 مېتىر ئېگىزلىكتىكى پولات سىمدا، كۆزىنى ئېتىپ، ھېچقانداق قوغداش تەدبىرى بولمىغان ئەھۋالدا، قولىدا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش خادىسىنى تۇتۇپ، پولات سىمدا باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇشقا تەييارلاندى.
بارلىق تاماشىبىنلارنىڭ نەزەرى ۋە نەپەس رىتىمى سەيپۇللانىڭ ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىۋاتاتتى، بۇنىڭ ئىچىدە گۇاڭدۇڭدىن كەلگەن ساياھەتچى لياڭ كېشىنمۇ بار ئىدى. سەيپۇللانىڭ پولات سىمدا باداشقان قۇرۇپ مەزمۇت ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن قولىنى پۇلاڭلىتىپ ھۆرمەت بىلدۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، تاۋا كاۋاپ كۆتۈرۈۋالغان لياڭ كېشىن ۋە باشقا تاماشىبىنلار ھاياجانلانغان ھالدا تەنتەنە قىلىشتى.
لياڭ كېشىننىڭ قولىدىكى تاۋا كاۋاپ ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى مەززىلىك تائاملار كوچىسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن. تاۋا كاۋاپ يايمىسى ئالدىدا مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەرلىك شەھەر ئاھالىلىرىمۇ، شۇنداقلا شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلارنى لياڭ كېشىنگە ئوخشاش بۇ جايدىكى ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان تائاملارنىڭ خۇش ھىدى جەلپ قىلغانىدى. ئاشخانىسىدىكى مەززىلىك تاۋا كاۋاپ تېتىغانلىقتىن كۆپچىلىكنىڭ باشمالتىقىنى چىقارغانلىقىنى كۆرگەن دۇكان ئىگىسى ئارزىگۈلنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يىل يازدا سودام ناھايىتى ياخشى بولدى، ھەر كۈنى 200 كىشىلىكتىن ئارتۇق تاۋا كاۋاپ ساتالايمەن. بولۇپمۇ كەچتە، جەزمەن كېلىدىغان بۇ جايغا نۇرغۇن ساياھەتچى ئالايىتەن كېلىدۇ، تەخمىنەن ھەر ئون خېرىدارنىڭ ئالتىسى ساياھەتچى.
سائەت 21دە، سۇس كەچكى شەپەق شۇنچە چىرايلىق ئىدى. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى A رايونىدىكى سەھنە ئالدىدا، شىنجاڭ ئۇسسۇل مۇزىكىسىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، يەرلىك شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بىرلىكتە ئۇسسۇلغا چۈشتى. ئەسلا تونۇشمايدىغان ناتونۇش تۇيغۇ يوق، پەقەت «كېلىڭلار دوستلار، ئوينايلى دوستلار» دېگەن دوستانە تەكلىپلا بار. كۆپچىلىكنىڭ ئۇسسۇلنى شۇنچە بېرىلىپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگەن گۇاڭدۇڭلۇق ساياھەتچى چېن شياۋشېڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھەربىر كىشى ئۇسسۇلنى شۇنداق خۇشال ئوينايدىكەن، بۇ خىل خۇشاللىق كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان بەخت تۇيغۇسى».
سائەت 22دە، گۇگۇم چۈشتى. تىيانشان رايونى رىيۆ شىڭگۇاڭ پىيادىلەر كوچىسىغا جايلاشقان رىيۆ تىيانشان شىڭگۇاڭ كىچىك بازىرى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى. ئۇياقتىن ـ بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ قولىدا ھەر خىل ئۇششاق يېمەكلىكلەر بار بولۇپ، كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى دۇكانلارنىڭ سودىسى ئاۋات ئىدى. بۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇنجى ئۈستى ـ ئۈستىگە دەستىلەپ ياسالغان رەڭلىك يۈك ساندۇقلۇق بازار بولۇپ، يېمەك ـ ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش، سەيلە ـ ساياھەت قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تىجارەت باشلانغىنىغا بىر ھەپتە بولمايلا، بۇ يەر شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ جەزمەن كېلىدىغان جايىغا ئايلاندى.
رىيۆ تىيانشان شىڭگۇاڭ كىچىك بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى «كاشتان كەلدى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىك يېمەكلىك دۇكىنىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ چىڭيۈن ئۆتۈشۈپ تۇرغان مېھمانلارنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىۋاتاتتى. سائەت 23تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، شۇ كۈنىدىكى 343 ـ ئۈلۈش كاشتان سېتىلغاندىن كېيىن، كىچىك يېمەكلىك دۇكىنىدىكى كاشتاننىڭ ھەممىسى سېتىلىپ تۈگىدى. ۋاڭ چىڭيۈن ئامالسىز كاشتان سېتىۋالالمىغان خېرىداردىن كەچۈرۈم سورىدى. پىشقان سودا چەمبىرىكى ۋە كېچىدىكى قىزغىن كەيپىيات ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سودىسىغا بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇردى.
بۇ چاغدا، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ما شۆخۇي دوستلىرى بىلەن ئىچىملىك كۆتۈرۈپ، رىيۆ تىيانشان شىڭگۇاڭ كىچىك بازىرىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىن كىرىپ سەيلە ـ ساياھەت، تاماشا قىلدى، كوچا بويىدىكى بىر قىسىم سودىگەرلەر شۇ كۈندىكى تاۋارلىرىنى سېتىپ بولغانىدى. مۇخبىر كىچىك بازارنىڭ يېنىدىكى ياشلار يولىدىكى بىر مىشۆ قار ـ مۇز شەھەرچىسى ئىچىملىك دۇكىنىغا كەلدى، دۇكان باشلىقى خۇاڭ جىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 6 ـ ئايدىن بۇيان، سودا سىجىل ياخشىلاندى، يۈك ساندۇقى كىچىك بازىرىنىڭ ئېچىلىشى ئەتراپتىكى دۇكانلارنىڭ سودىسىغا تۈرتكە بولدى. ھەر كۈنى سائەت 21دىن كېيىن، خېرىدارلار تەدرىجىي كۆپىيىدۇ، شۇ كۈنى دۇكاندىكى يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ كۈندىلىك سېتىلىش مىقدارى 100 ئىستاكاندىن ئاشىدۇ.
ياز كۈنلىرىدە، باغچىمۇ ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى ئارام ئېلىپ سالقىندايدىغان ياخشى جاي. 7 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى سائەت 21دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، كۈن غەربكە پاتتى. ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن باغچىسىدا، شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ گۇاڭيۈەن ئائىلىسىدىكىلەر باغچىنىڭ جەنۇبىدىكى كۆلدە تەپمە قولۋاق ئېلىپ كەلگەن ئازادىلىكتىن ھۇزۇرلانماقتا ئىدى. ياز كۈنلىرىنىڭ كەچكى شامىلى يۈزنى سىيپاپ ئۆتەتتى، كۆل بويىدىكى سۆگەتلەر شامالدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى، كۆلدە رەڭدار كارب بېلىقى ئۈزۈپ يۈرەتتى، ياۋا ئۆردەكلەر سۇدا ئوينايتتى. تەپمە قولۋاقنىڭ مەسئۇلى گاۋ جۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ياز پەسلى كىرگەندىن بۇيان، ھەر كۈنى كەچتە نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ يەرگە كېلىدىكەن. يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى كۆرۈلگەندە، سائەت 21دىن كېيىنمۇ يەنە نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ يەرگە كېلىپ تاماشا قىلىدىكەن.
سائەت 22دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، قاراڭغۇ چۈشتى. يېشى 50تىن ئاشقان ۋاڭ گۇاڭيۈەننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ياز كۈنلىرى كەچتە خۇڭسەن باغچىسىغا كېلىپ ئېگىزگە چىقىپ يىراققا نەزەر سېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ھازىرمۇ يەنىلا يازدا ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ خۇڭسەن باغچىسىغا كېلىپ سالقىنداشنى ياخشى كۆرىدىكەن. ھەر قېتىم باغچىدىن ئۆيگە قايتقاندا، ئۇ شىداچياۋ كۆۋرۈكىدە تۇرۇپ، ساي يولى تېز سۈرئەتلىك يولىدا ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئاپتوموبىللارغا قاراپ، ئىختىيارسىز ھالدا بۇ شەھەرنىڭ كېچە مەنزىرىسىنىڭ بەك گۈزەللىكىنى ماختايدىكەن.