تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرى لى فېي خەۋىرى، فوتوسى
ياز كۈنلىرىدىكى بايىنبۇلاق ئوتلىقىنىڭ ئوت-چۆپلىرى بولۇق ئۆسكەن، سۈيى ئەلۋەك بولۇپ، كالا-قويلار ئوبدان سەمرىيدۇ، يىراقتىكى قارلىق تاغ، دەريا ئېقىنى، كۆك ئاسمان بىر پارچە گۈزەل ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمنى ھاسىل قىلىدۇ.
بايىنبۇلاق ئوتلىقى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خېجىڭ ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، تۆت ئەتراپىنى قارلىق تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 2500 مېتىر كېلىدۇ، ئوتلاقنىڭ يەر تۈزۈلۈشى تەكشى، سۇ، ئوتلىرى مول بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم چارۋىچىلىق بازىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە قارلىق تاغ باغرىدىكى گۈزەل ماكان بار بولۇپلا قالماستىن، يەنە «ئەگرى - بۈگرى» قايدۇ دەرياسى بار بولۇپ، يەنە كىشىنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەل ئاق قۇ كۆلىمۇ بار...
قوي پادىسى ئوتلاقتا بىمالال يايلىماقتا. (6-ئاينىڭ 5-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)
يامغۇردىن كېيىن، قارلىق تاغ بۇلۇتلۇق تۇمان بىلەن قاپلانغانىدى. (6-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان)
ئوتلاقتا يۈرۈۋاتقان قوي پادىسى. (6-ئاينىڭ 5-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)
ئوتلاقتىكى قوتاز پادىسى گاھ مېڭىپ، گاھ ئوتلاپ يۈرمەكتە. (6-ئاينىڭ 5-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)
كالا پادىسى ئوتلاقتا يايلىماقتا. (6-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان)
يامغۇردىن كېيىنكى بايىنبۇلاق ئوتلىقى. (6-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان)
بايىنبۇلاق ئوتلىقى ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىۋاتقان تازقارا (6-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان)