4-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر خوتەن شەھىرىگە جايلاشقان جىڭخې سانائەت باغچە رايونىدىكى جەنلاڭ كىيىم-كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلماقتا. بۇ شىركەت ئاساسلىقى ئىلمە توقۇلما، مۇكا توقۇلما تەنھەرىكەت كىيىمى، قەغەز-سولياۋ ئورۇ قاتارلىقلارنى پىششىقلاش-ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، شۇ جايدىكى 200دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.
5-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ كېرىيە گۇيمى بىيو پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى قىزىلگۈل قۇرۇتماقتا. نۆۋەتتە، خوتەن ۋىلايىتىدە قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش كۆلىمى 65 مىڭ موغا يېقىنلاشتى.
كېرىيە ناھىيەسىنىڭ لۇڭخۇ كۆلى مەنزىرە رايونىدا بۈك-باراقسان قومۇش، سۇلۇق يەر، كۆل سۈيى بىر پارچە گۈزەل ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلدى. (5-ئاينىڭ 2-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
لوپ ناھىيەسى چارباغ بازىرى كوچا ئېرىق كەنتىدىن بىر كۆرۈنۈش (4-ئاينىڭ 28-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). بۇ كەنتنىڭ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاشيول قاتنىشى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق ياراتتى.
4-ئاينىڭ 28-كۈنى، ساياھەتچىلەر خوتەن شەھىرىنىڭ تۇەنچېڭ مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلماقتا. 2016-يىلى، خوتەن شەھىرى كونا شەھەر رايونىدىكى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، «بىر كوچىغا بىر پىلان بولۇش، بىر ئائىلىگە بىر لايىھە بولۇش»تىن ئىبارەت ئۆزگەرتىش ئىدىيەسىگە ئاساسەن، كونا شەھەرنىڭ تارىخىي قىياپىتىنى قوغداش بىلەن بىللە، بۇ يەرنى بىخەتەر ئۆزگەرتتى ھەم ئۇسلۇبنى بىرلىككە كەلتۈردى، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى تۇەنچېڭ گۈلزارلىققا ئايلىنىپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن، ساياھەتچىلەر چوقۇم بارىدىغان جايغا ئايلاندى.
4-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر گۇما ناھىيەلىك ئاياغ، كىيىم ـ كېچەك كەسىپلەر باغچىسىدىكى بىر كارخانىدا خۇرۇم ئاياغ ئىشلەپچىقارماقتا. گۇما ناھىيەسى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىتا، گۇما ناھىيەلىك ئاياغ، كىيىم ـ كېچەك كەسىپلەر رايونىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىپ، ماكانلاشقان كارخانىلارنى ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، تىرىشىپ بۇ كەسىپلەر باغچىسىنى رايون ئىچىدىكى بىرقەدەر زور تەسىر كۈچىگە، يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئاياغ، كىيىم-كېچەك كەسىپلەر توپى مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى تاڭ يۇڭ، راھىدە فوتوسى، خەۋىرى
خوتەن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان. ئىلگىرى، بۇ يەرنىڭ قاتناش تەرەققىياتى ئارقىدا قالغانلىقتىن، «ئاخىرقى ئۇچ» دەپ ئاتالغان.
بۈگۈنكى خوتەن ئۈمىدكە تولغان بىر مۇنبەت تۇپراق.
قاتار-قاتار يۈك ئاپتوموبىللىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئۇچقاندەك چاپىدۇ، سانائەت ئىشچىلىرى مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتىدۇ، تۈركۈم ـ تۈركۈم قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە كۆپ نۇقتىدا ئىش باشلاندى... بۇ يەر خۇددى «تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسى»نى باسقاندەك، كىشىگە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، توختىماي ئىلگىرىلەشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.
بۇ يەر ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان گۆھەر زېمىن.
رەتلىك ئۆيلەر، پاكىز كوچىلار، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۈزۈم كارىدورى... كەنتلەر يېڭى تۈسكە كىردى، يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى، ئىلگىرى «كەپتەر كوچىسى» دەپ ئاتالغان خوتەن تۇەنچېڭ بۈگۈنكى كۈندە ساياھەتچىلەر چوقۇم بارىدىغان جايغا ئايلاندى.
بۇ يەر يەنە شېرىن تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدىغان بەخت-سائادەتلىك ماكان.
پارنىكتا چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلگەن باغۋەنلەر، سېختىكى يىپ-يىڭنە بىلەن مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشچىلار، بازاردا ئۈنلۈك ئاۋازدا خېرىدار چاقىرىۋاتقان يايما تىجارەتچىلىرى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى مىنۇت- سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيۋاتقان كوپىراتىپ ئەزالىرى... ھەممىلا يەردە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئەمگەك قىلىۋاتقان مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇلار ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ئاپتوموبىل ھەيدىدى، شېرىن تۇرمۇش كەچۈردى.
ماڭغاچ كۆرۈپ چىقتۇق. يېزا ـ كەنت باغچىلىرى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەن، يېزا ـ كەنت تاشيوللىرى تەرەپ ـ تەرەپكە تۇتاشقان، خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرى بىر ـ بىرلەپ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتقان، ئاددىي-ساددا چېھىرلەردە كۈلكە جىلۋىلەنگەن... كەسىپلەر گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇشى باياشات بولغان گۈزەل مەنزىرە خوتەن تۇپرىقىدا جانلىق قانات نامايان بولماقتا.