
7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ساياھەتچىلەر ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ خەيلىفاڭ شادلىق دېڭىزى دۇنياسىدا سۇ ئوينىماقتا. خەيلىفاڭ شادلىق دېڭىزى دۇنياسى ئۆي ئىچى ئىستىراھەت، ئۆي سىرتى كۆڭۈل ئېچىشتىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەسەن - ھۈسەن سىيرىلغۇچ، شىددەتلىك دولقۇن ساھىلى، دېڭىز دولقۇنى كۆلچىكى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى بار بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى سالقىنداپ ئويناپ كېلىشكە جەلپ قىلدى. □ ئېزىز سامساق فوتوسى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاي كىرىشى بىلەن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ئارقا - ئارقىدىن تەتىل قويۇپ بېرىشى ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ پائال تۈردە «ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىش»ىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بازىرى جانلىنىپ، ئەسلىگە كېلىشنى كۈتۈۋالدى. قاتناش، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق تارماقلار ۋە ساياھەتكە چېتىشلىق كارخانىلار قاتارلىقلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، يازلىق تەتىللىك ساياھەتنىڭ ئالتۇن مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، خاسلىق يارىتىش، ئەمەلىي نەپ بېرىش، يېڭى تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ساياھەتنى كېڭەيتىش، مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش، كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆستۈرۈپ، ساياھەت بازىرىنىڭ جانلىنىشىغا سىجىل تۈرتكە بولدى.
«ھەقىقەتەن قەشقەرگە بارمىسا، شىنجاڭغا كەلگەن ھېسابلانمايدىكەن، بىز قايتقاندىن كېيىن، چوقۇم سېھرىي كۈچكە تولغان قەشقەرنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تەۋسىيە قىلىمىز.» 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن باشلاپ، جياڭسۇ رادىيو ئىستانسىسىدىن كەلگەن 112 ئاخبارات خىزمەتچىسى مارالبېشى ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى، يەكەن ناھىيەسى ۋە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە كېلىپ، 12 كۈنلۈك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بويىچە لىنىيە تاللاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خەلق ئۆرپ - ئادەتلىرى، تەبىئىي مەنزىرىلىرى كۆپچىلىكنىڭ توختىماي ماختىشىغا ئېرىشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايىتى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىپ، ئۆلكە ھالقىغان ئۆمەكلەر ساياھىتىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ساياھەت ھۆددە ئايروپىلانى ۋە مەخسۇس پويىزىنى يولغا سېلىش، شىنجاڭ سىرتىدىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە بېرىپ تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ھەم ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى لىنىيە تاللاشقا تەكلىپ قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پائال تۈردە «ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىپ»، شۇ جاينىڭ ساياھەت تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى.
تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشىغا ئەگىشىپ، تۆمۈريول يولۇچى تىرانسپورتى كۆرۈنەرلىك جانلاندى. تۆمۈريول تارماقلىرى 6 - ئاينىڭ 28 -، 29 - كۈنلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش مەخسۇس پويىزىدىن ئىككىنى يولغا سالدى، 7 - ئايدا يەنە جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش مەخسۇس پويىزىدىن بىرقانچىنى ھەم «شىندۇڭفاڭ تېز پويىزى» ساياھەت پويىزىدىن ئىككىنى يولغا سالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «يىپەك يولىدىكى تىيانشان» ناملىق يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت مەخسۇس پويىزىمۇ 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى يولغا سېلىنىدۇ. پۈتۈن يىلدا، شىنجاڭ تۆمۈريولى ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىن 102نى يولغا سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ 1.7 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
خەلق ئاۋىياتسىيەسى جەھەتتە، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى نۇرغۇن ساياھەت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ، ساياھەت سەرخىل ھۆددە ئايروپىلان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن توققۇزنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ساياھەتچىلەرنى «ئۇچار تاكسى»غا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئۈرۈمچىدىن گۇاڭجوۋ، شىئەن، چېڭدۇ قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى قىزىق نۇقتا مەنزىلگاھىغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ قېتىم سانىنى ئالاھىدە كۆپەيتتى. تۇرپان ئايرودۇرۇمى 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن باشلاپ قاناس - تۇرپان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ، ھەر ھەپتىدە تۆت نۆۋەت ئايروپىلان قاتنايدۇ؛ 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن باشلاپ نەنتۇڭ - جېڭجوۋ - تۇرپان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ، ھەر ھەپتىدە ئۈچ نۆۋەت ئايروپىلان قاتنايدۇ.
ساياھەت ئىستېمالىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ ھەرقايسى جايلارنى «ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىش» مۇكاپاتلاش ۋە ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى ئېلان قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرىنى «ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. ھەرقايسى جايلار يەنە كىرىش بېلىتىدە ئېتىبار بېرىش، ياتاقتا يېتىش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش، سەرخىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق بىرقاتار ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى كەينى - كەينىدىن ئوتتۇرىغا چىقاردى، مەسىلەن، نارات مەنزىرە رايونى 2022 - يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارغا كىرىش بېلىتىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.
پاراۋانلىق پايدىسىنى قويۇپ بېرىش بىلەن بىللە، ساياھەتكە چېتىشلىق ھەرقايسى كارخانىلارمۇ بەس - بەستە مەھسۇلاتلىرىنى موللاشتۇرۇپ، ئويناش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، مۇلازىمەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كۆپ خىل ماھارەتنى ئىشقا سېلىپ ساياھەتنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇردى. ئۈرۈمچى فاشيەن تەنسو ئاپتوموبىل مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى بۇ يىل مايتاغ - كۇچا تاشيولى، غۇلجا - موڭغۇلكۈرە تاشيولى يۇقىرى دەرىجىلىك كىچىك ھۆددە ئۆمەك مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، نۆۋەتتە، 8 - ئايغىچە زاكاز قىلىنىپ بولدى، ساياھەتچىلەر گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن قاتارلىق جايلاردىن كەلدى. قاراجون مەنزىرە رايونى «تەنتەربىيە + ساياھەت»نى ياخشى يولغا قويۇپ، لەيلەپ ئېقىش، سىيرىلما ئارقان، فېيلادا قاتارلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى ئېچىپ، تەنھەرىكەتنى قىزغىن سۆيىدىغان، غىدىقلاش تۈرىدىكى تەنھەرىكەتنى ياخشى كۆرىدىغان ياشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.