6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ساياھەتچىلەر لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا تۆگىگە مىنىپ سەپەر قىلىشنى ھېس قىلماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مەنزىرە رايونى ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى ئەلا سۈپەتلىك، كۆڭۈللۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بۇ مەنزىرە رايونى 43 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى.□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىرېن جياڭ
«نەچچە يىل كەلمىسەم، بۇ يەردە زور ئۆزگىرىش بوپتۇ.» كورلا شەھىرى ئاھالىسى خۇاڭ رۇيجۈەن يۇرتى ئەنخۇيدىكى تۇغقانلىرىنى ئېلىپ، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلغاندا ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى. مەنزىرە رايونىدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئىشىكى، دەرەخ ئۆي ۋە «ئوۋچىلار ئائىلىسى» قاتارلىق ئائىلە زىيارەت نۇقتىلىرى كىشىلەرنى قىزىقتۇراتتى.
ساياھەتچىلەرنىڭ بىر ئېغىز ماختىشى دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىپ ياسالغان 43 تۈردىن كەلگەن. بۇ مەنزىرە رايونى بۇ يىل تاماملىغان بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ساياھەت ئاپتوموبىلى، بەلگە - كۆرسەتكۈچ تاختىسى، مەنزىرە رايونىدىكى ياڭراتقۇ، چىراغ قاتارلىقلار قوشۇلۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.
ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئېسىل مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش... جۇڭگودىكى ساياھەت بايلىقى تۈرى ئەڭ تولۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت بايلىقى مىقدارى ئەڭ كۆپ، ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ساياھەت قاتتىق ماتېرىياللىرىنى تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ پۇختا، يۇمشاق ماتېرىياللارنى تېخىمۇ ئەۋرىشىم، تېخىمۇ يېقىشلىق قىلىپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن قىياپەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.
ھويلا - ئارانلار پاكىز تازىلىنىپ مېھمانلار كۈتۈۋېلىندى
ئاپتوموبىللار توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، ئادەملەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.
ھەر يىلىدىكى گۈللەر ئوخشاش ئېچىلسىمۇ، ھەر يىلىدىكى «يول» ئوخشاش بولمىدى. مايتاغ - كۇچا تاشيولى لىنىيەسى بويىدىكى ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنىڭ يىلدىن - يىلغا ئۆستۈرۈلۈشى ھەر يىلىدىكى «ئوخشاش بولماسلىق»نىڭ تۈپ سەۋەبى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى مايتاغ - كۇچا تاشيولى كۇچا بۆلىكى لىنىيەسى بويىدىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، جەمئىي 60 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالدى. «بۇ يىل قاتناش ئەسلىگە كېلىشتىن بۇرۇن، بىز ھەرقايسى تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، لىنىيە بويىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردۇق، دەرىجىسىنى ئۆستۈردۇق» دېدى كۇچا شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى سو شەنۋۇ.
«شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، يەنە ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بويىچە ئۆزگەرتىش ۋە ئىقتىدارلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ» دەپ قارىدى تۇڭچېڭ تەتقىقات يۇرتىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى چېڭ چاۋگوڭ.
ھويلا - ئارانلار پاكىز تازىلىنىپ مېھمانلار كۈتۈۋېلىندى. قىزغىن، مېھماندوست شىنجاڭ ساياھەت ئۇل ئەسلىھە سەۋىيەسىنى يىلدىن - يىلغا ئۆستۈردى.
ئالتاي ۋىلايىتى ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بولۇپمۇ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قاناس مەنزىرە رايونىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ ياساشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئون تۈردىكى 43 تۈر قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، جەمئىي 270 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مۇقىم مۈلۈككە 766 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىشقا تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە قاناس قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى، ساياھەت ھاجەتخانىلىرىنىڭ مۇھىتى، يول قاتنىشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. 2018 - يىلىدىن ھازىرغىچە، شۇ جاي سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، مەخسۇس تۈر زايومى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قەرز پۇلى ئارقىلىق 10 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى.
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ساياھەت تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلدى. 2018 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە، باغراش كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كۈنەس مەنزىرە رايونى ئۇل ئەسلىھەسى قاتارلىق 69 يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان، داۋاملىق قۇرۇلىدىغان تۈرنى يولغا قويۇشنى تاماملاپ، 37 زاپاس تۈرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىي 8 مىليارد 362 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملىدى، ھەرقايسى ناھىيە - شەھەرلەر 1 مىليارد 718 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 18 مەدەنىيەت - ساياھەت تۈرىنى قۇردى، «يىپەك يولىدىكى تاغ - دەريا، گۈزەل بايىنغولىن ئوبلاستى»دىن ئىبارەت ساياھەت ئوبرازى جانلىق نامايان قىلىندى. «تۈرنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، تۈرنى كۆزلىگەنلىك كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك، تۈر قۇرۇلۇشى بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى» دېدى بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يۈ شۇيىڭ.
«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى ئۈزلۈكسىز زورايتىلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى تۈرىدىن 141ى يولغا قويۇلدى، نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىلگاھلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، بىرقەدەر كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئېسىل مەنزىرە رايونلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىلدى، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى.
ئىشەنچ چىڭىتىلدى، غەيرەت تولۇپ تاشتى
«قەشقەر، بىز كەلدۇق!» 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، قەشقەر ۋوگزالىدا ساياھەتچىلەر قىزغىن تەنتەنە قىلىشتى − 2 - تۈركۈمدىكى 2022 - يىللىق «10 مىڭ كىشى قەشقەرنى ساياھەت قىلىش» مەخسۇس پويىزىدىكى 132 ساياھەتچى قەشقەرگە يېتىپ كەلدى. بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى، قەشقەر تۇنجى تۈركۈمدىكى 923 ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغانىدى.
6 - ئاينىڭ بېشىدا شىنجاڭ ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا ئائىت بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئاپتونوم رايون ھەرقايسى جايلارنى «ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىش» مۇكاپاتلاش ۋە ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى ئېلان قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرىنى «ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. ھەرقايسى جايلار بولسا تۈرى كۆپ بولغان كىرىش بېلىتىدە ئېتىبار بېرىش، ياتاقتا يېتىش ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق بىر قاتار ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى كەينى - كەينىدىن چىقاردى.
پايدىلىق سىياسەت - تەدبىرلەر سىجىل يولغا قويۇلۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تېخىمۇ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، 2022 - يىللىق «مەن جېجياڭ - شىنجاڭنى سۆيىمەن» بويىچە «شېئىرىي تۈسكە تولغان جېجياڭ - شىنجاڭ» 100 ئۆمەكتىكى 10 مىڭ كىشىنىڭ ئاقسۇنى ساياھەت قىلىش تۇنجى ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىككى مەخسۇس پويىزى 2000دىن ئارتۇق جېجياڭلىق ساياھەتچىنى ئېلىپ ئاقسۇ شەھىرى، كۇچا شەھىرىگە يېتىپ كەلدى، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە تۆت كۈنلۈك قالتىس ساياھىتىنى باشلىدى. 6 - ئاي كىرگەندىن بۇيان، ساياھەت ھۆددە ئايروپىلانلىرى كەينى - كەينىدىن قەشقەر، ئىلى قاتارلىق جايلارغا يېتىپ باردى. «قەشقەر ساياھىتى بۇ يىل ناھايىتى قىزىپ كەتتى» دېدى قەشقەر شىيۈ جىڭديەن ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى بەي يىنفېڭ.
يازلىق تەتىلنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى تېز جانلاندى. تۇڭچېڭ ساياھەت شىركىتى 6 - ئايدا ئېلان قىلغان «<ئوقۇش پۈتكۈزۈش ساياھەت پەسلى>دىكى ئىستېمال يۈزلىنىشى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى يازلىق تەتىلدە سىجىل جانلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى «2000 - يىللاردا تۇغۇلغانلار» ئالقىشلىغان ساياھەت مەنزىلگاھى تىزىملىكىدە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە مۇقىم كىرىپ، «ئوقۇش پۈتكۈزۈش پەسلى»دىكى يازلىق تەتىلدە ئەڭ تېز جانلانغان ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلانغان.
ھەرقايسى جايلار ھەمدە ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى بازارنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەتنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ «ئىچكى ماھارەت» يېتىلدۈردى. مەسىلەن، ئالتاي ۋىلايىتى تور ۋە تور سىرتى، تەكلىپ قىلىپ كىرگۈزۈش، سىرتقا چىقىرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ساياھەت يېتەكچىسى ماھارىتى، مۇلازىمەت قائىدە - يوسۇنى، پىكىر ئالماشتۇرۇش ماھارىتى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، 500 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، ساياھەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.
6 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئومۇميۈزلۈك دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن «شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» ئاقىل ساياھەت مۇلازىمەت سۇپىسى پۈتۈنلەي يېڭى قىياپەتتە تورغا چىقىرىلىدۇ، نۆۋەتتە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 34 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتكە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى توپلاش ۋە كىرگۈزۈش خىزمىتى تاماملاندى، بۇ، مەنزىرە رايونى، مېھمانساراي/ئائىلىۋى مېھمانخانا، ساياھەت ئىستراتېگىيەسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىرغىچە، «شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» سۇپىسى بىلەن بولغان تىجارەت ھەمكارلىقى پۈتۈن شىنجاڭدىكى %96.3، 3A دەرىجىلىك ھەمدە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەنزىرە رايونىنى قاپلىدى، سۇپا ئارقىلىق ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتىنى زاكاز قىلىش، مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلىشقا يېتەكلەش، ئاۋازلىق چۈشەندۈرۈش، مېھمانساراي زاكاز قىلىش، ئەرز قىلىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.
مەملىكەت ئىچى - سىرتىغا ئېچىۋېتىش ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى
مۇشۇ كۈنلەردە، ليەن يەنۋېي ھەر كۈنى سەھەر سائەت ئىككى - ئۈچلەردە ئاندىن ئارام ئالدى − ئۇ رۇسىيە ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بىلەن ئالاقىلەشتى. «7 - ئايدا، شىنجاڭ ئۈرۈمچى - ئالماتا، ئۈرۈمچى - بېشكەك، ئۈرۈمچى - دۈشەنبە قاتارلىق ئۈچ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭغا كېلىپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئىزدەشنى ئويلايدۇ» دېدى ليەن يەنۋېي. ليەن يەنۋېي شىنجاڭ يىپەك يولى دوستلۇق خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى، يىپەك يولى خەلقئارا داۋالاش - ساياھەت ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى، ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىش، ساغلاملىق - كۈتۈنۈشتىن ھۇزۇرلىنىشقا تەشكىللىگەن.
«گەرچە يۇقۇم تېخى ئۆتۈپ كەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك» دېدى ليەن يەنۋېي. بۇ يىل 3 - ئايدا، ئۇ ئالاقىدار تارماقلارغا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى، چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى قىزغىن بولۇشى ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.
شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى روشەن بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، مەملىكەت ئىچى - سىرتىغا ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە. يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش بازىرى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، لېكىن ساياھەتكە بولغان ئېھتىياج توختاپ قالمايدۇ. چېڭ چاۋگۇڭ مۇنداق قارىدى: شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇمۇ كۈچ توپلايدىغان پۇرسەت. شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۆزىنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى، ساياھەت ئاپپاراتلىرى يېڭى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئەلالاشتۇرۇشى ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىشى كېرەك، پايدىلىق سىياسەتلەر بولسىلا ياكى شارائىت يار بەرسىلا، تېخىمۇ ياخشى بۆسۈش ھاسىل قىلغىلى، تېخىمۇ كۆپ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ.
«ساياھەت ئىقتىسادى بىر خىل تىپىك بولغان ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىساد. بىر رايوننىڭ ئېچىۋېتىلىشى كۆپ ھاللاردا ئاۋۋال ساياھەتچىلىكتىن باشلىنىدۇ؛ بىر رايوننىڭ گۈللىنىشىمۇ ساياھەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك تىرەك بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ» دەپ قارىدى شېچېڭ تەتقىقات يۇرتى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى پېڭ خەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ مەملىكەت ئىچىگە ئېچىۋېتىلىشىدە ئوخشاشلا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى: شىنجاڭ ئارقا - ئارقىدىن جۇڭگو ساياھەت گۇرۇھى، خۇاچياۋچېڭ گۇرۇھى، جۇڭگو ياشلار ساياھەت پاي كونترول پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ساياھەت تۈرى ھەمكارلىقى ۋە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، جىڭدۇڭ گۇرۇھى، تۇڭچېڭ گۇرۇھى، ئالادىڭ گۇرۇھى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى كارخانىلار بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، مۇھىم، زور تۈرلەرنى ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.