12-ئاينىڭ 8-كۈنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى بېيجىڭدا 2011-يىللىق ئاكادېمىكلارنى كۆپەيتىپ سايلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش شۆيۈئەنىنىڭ پىروفېسسورى ھوشۇر ئىسلام جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ سايلاندى، ئۇ شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدىكى تۇنجى ئاكادېمىك بولۇپ، دۆلەت پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى بۇ ئالىي شەرەپكە ئېرىشكەنلىكىدىن ھوشۇر ئىسلام ئىنتايىن ھاياجانلاندى.ئۇ مۇنداق دېدى، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل زېمىندا بىر ئۆمۈر خىزمەت قىلىپ، بۇ شەرەپكە ئېرىشىش پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭ داشۆسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىگەنلىكى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.ئۇ پارتىيە ۋە خەلققە، شىنجاڭ داشۆسىگە، كۆپ يىللاردىن بۇيان بىللە خىزمەت قىلغان كوللېكتىپقا ۋە خىزمەتداشلىرىغا رەھمەت ئېيتتى.ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ فاڭ.