ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شياۋمى خەۋەر قىلىدۇ) 3-ئاينىڭ ئاخىرى 4-ئاينىڭ بېشىدا، شىنجاڭ بايىنبۇلاق دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى كۆچۈشتىن قايتقان چوڭ ئاق قۇ، كۈل رەڭ تۇرنا قاتارلىق ياۋا قۇشلارنى كۈتۈۋالدى.
يېقىندا، مۇھاپىزەت رايونىدا بەخىرامان سۇ ئويناۋاتقان قۇشلار.شىنجاڭ بايىنبۇلاق دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسى مەركىزىي باشقۇرۇش-قوغداش پونكىتى تەمىنلىگەن سۈرەت
4-ئاينىڭ 1-كۈنى، بۇ مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسى مەركىزىي باشقۇرۇش-قوغداش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى يۈسۈپ راخمان مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى بىرنەچچە كۈندە تېمپېراتۇرا بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، نۇرغۇن جايلاردا قارلار ئېرىدى، تۈنۈگۈن كەچتە يەنە قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى. بىز بۇ ئىككى كۈندە چارلىغاندا، نۇقتىلىق ھالدا قۇشلارنىڭ قۇتقۇزۇش-ياردەمگە ئېھتىياجلىق ياكى ئەمەسلىكىگە قارايمىز».
بۇ قوغداش پونكىتىنىڭ كۆزىتىش ئەھۋالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، پەسىل قۇشلىرىنىڭ ئۇچۇپ كېلىش ۋاقتى بۇلتۇرقىدىن بەش كۈن ئەتراپىدا كەينىگە سۈرۈلگەن، تۇنجى تۈركۈمدىكى پەسىل قۇشلىرى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇچۇپ كەلگەن، مۆلچەرلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈشىدىكى يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە قەدەم قويىدىكەن، ھەر يىلى ياۋايى قۇشلارنىڭ سانى 100 مىڭ ئەتراپىدا بولىدىكەن، ياۋا ئاق قۇنىڭ سانى 10 مىڭغا يېتىدىكەن.
يېقىندا، ھەر خىل قۇشلار مۇھاپىزەت رايونىدا ئەركىن پەرۋاز قىلماقتا.شىنجاڭ بايىنبۇلاق دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسى مەركىزىي باشقۇرۇش-قوغداش پونكىتى تەمىنلىگەن سۈرەت
بۇلتۇر قىشتا بۇ مۇھاپىزەت رايونىدا 16 ئاق قۇ قىشلىغان بولۇپ، ئىزچىل مۇھاپىزەت رايونىدا ياشىغان، قىش پەسلىدە قوغداش پونكىتىدىكى خىزمەتچى خادىملار قەرەللىك ھالدا ئۇلارغا قوناق قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى بەرگەن. 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىدا كۆچكەن پەسىل قۇشلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، قوغداش پونكىتىمۇ بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىراش مەزگىلگە كىرگەن، 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىدا پەسىل قۇشلىرى ئۇچۇپ كەتكەنگە قەدەر قوغداش پونكىتىدىكى خىزمەتچى خادىملار ھەر كۈنى كۈندىلىك چارلاش ئېلىپ بېرىپ، ياۋايى قۇشلارنى چارلاپ تەكشۈرىدىكەن ۋە كۆزىتىدىكەن، يارىلانغان ياۋايى قۇشلارنى بايقىغان ھامان ۋاقتىدا قۇتقۇزىدىكەن. «ھەرقانداق ئاپتوموبىل، ئادەمنىڭ مۇھاپىزەت رايونىنىڭ قۇشلار كۆپىيىدىغان جايىدىكى تەجرىبە رايونى ۋە ئارىلىق رايونىغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، ياۋايى ھايۋانلار ۋە سۇلۇق يەر پەسىل قۇشلىرىنىڭ ئادەملەرنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلايمىز» دېدى يۈسۈپ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۇ مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئېكولوگىيە-مۇھىتنى تۈزەشنى تەدرىجىي كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيە-مۇھىتنى سىجىل ياخشىلاپ، ياۋايى ھايۋانلار، بولۇپمۇ قۇشلارنىڭ ياشىشى، كۆپىيىشىگە ياخشى شارائىت يارىتىپ بەرگەن.