ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى باھار شامىلى ئىللىقلىق بېغىشلاپ، بارلىق شەيئىلەر جانلاندى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تۇرپان ئويمانلىقىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12-شىسى 221-تۇەنىدىكى 1000 مو ئۆرۈكلۈكتە ئۆرۈك دەرەخلىرى بەس-بەستە چېچەكلىدى، چېچەكلەرنىڭ رەڭگى خۇددى بۇلۇتتەك، شەپەقتەك بولۇپ، كۆزلەرنى قاماشتۇرۇپ، كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى. ساياھەتچىلەر ئۆرۈكلۈكتىكى چېچەك دېڭىزىدا سەيلە قىلىپ، گاھ چېچەكلەرنى ھۇزۇر بىلەن تاماشا قىلىپ، گۈزەل ھېس-تۇيغۇلارغا چۆمسە، گاھ گۈل ھىدىنى ھىدلىغىنىچە، سۈرەتلەرگە چۈشۈپ، بۇ گۈزەل پەيتلەردىن بەھرىمەن بولاتتى.
2024-يىلى 221-تۇەن ئۆرۈك چېچىكى مەدەنىيەت-ساياھەت پەسلى پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى. تيەن يۈەن فوتوسى
ئۆرۈك چېچىكىنى تاماشا قىلىۋاتقان ساياھەتچىلەر سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلماقتا. تيەن يۈەن فوتوسى
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان بۈگۈر ناھىيەسىدىكى 200 مىڭ مودىن ئارتۇق ئۆرۈك دەرىخى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن چېچەكلەپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى چېچەك سەيلىسى قىلىشقا، مەنزىرە رەسىمى سىزىشقا جەلپ قىلدى، ساياھەتچىلەر چېچەك دېڭىزىدا سەيلە قىلىپ، رومانتىكىلىقنى ھېس قىلدى.
3-ئاينىڭ 30-كۈنى، كىچىك دوستلار تارىم ئويمانلىقىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ يېڭىسار بازىرىدىكى بىر ئۆرۈكلۈك باغدا ئوينىماقتا. چۆ . خۇرە فوتوسى