3-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 9دىن 7مىنۇت ئۆتكەندە، باغراش ناھىيەسىنىڭ باغراش بازىرى ئاسمىنىدا تاڭ شەپىقى ئەتراپقا يېيىلدى. ۋاڭ لۇبىن فوتوسى
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ چىمىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 3-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەردە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باغراش ناھىيەسىدە ئازراق يامغۇر ياغدى. يامغۇردىن كېيىن ھاۋا ئېچىلىپ، ھاۋا نەمخۇش ھەم ساپ بولۇپ، ئىلگىرىكى باھار پەسلىدىكى چاڭ-توزاننىڭ ئىزنالىرى يوقاپ، كىشىلەرگە باھارنىڭ گۈزەل تۇيغۇلىرىنى ئېلىپ كەلدى.
كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئاسماندىكى بۇلۇتلار ناھايىتى تۆۋەنلەپ، خۇددى كىشىلەرنىڭ بېشىدىن يېقىن ئۇچۇپ ئۆتكەندەك كۆرۈنەتتى. مەيىن شامالدا بۇلۇتلار ئەركىن سەيلە قىلىپ، شەكلى ھەر خىل ئۆزگىرەتتى.
ئالتۇن رەڭلىك قۇياش تاغ كەينىدىن كۆتۈرۈلگەندە، ئاق بۇلۇتلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە رەڭگارەڭ تۈسكە كىردى. تاڭ شەپىقى ئاسماننى قىزارتىپ، شەھەرنى رومانتىك تۈسكە كىرگۈزدى.
يامغۇردىن كېيىن، ئىللىق قۇياش نۇرى ئەتراپقا يېيىلدى. ئىمارەتلەر بۇلۇتلار ئاستىدا قەد كۆتۈرۈپ، خۇددى چۆچەكلەر دۇنياسىدا تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى. قايدۇ دەرياسىنىڭ سۈيى بىلەن ئاسمان بىر خىل رەڭدە بولۇپ، يىراقلارغا نەزەر سالساق، تۇتاش كەتكەن قارلىق تاغلار خۇددى ماي بوياق رەسىمگە ئوخشاش كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى. بەيشىن ئىستىراھەت باغچىسىنى سەيلە قىلغىنىڭىزدا، كۆپكۆك ئاسمان گۈل-گىياھلار خۇددى يېڭىلا يۇيۇنغاندەك بولۇپ، كىشىنىڭ روھىي كەيپىياتى بۇنىڭغا ماس ھالدا كۆتۈرۈلۈپ قالاتتى.
3-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەردە، قايدۇ دەرياسى بورانسۇم دەريا توسمىسى ئەتراپىدىكى زۇمرەتتەك سۇلار، قارلىق تاغلار، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار يامغۇردىن كېيىنكى گۈزەل مەنزىرىنى نامايان قىلدى.ۋاڭ لۇبىن فوتوسى
3-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 10دىن 13مىنۇت ئۆتكەندە، يامغۇردىن كېيىنكى سەھەردە، باغراش ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى بىناسى ئۈستىدە بۇلۇتلار لەيلەپ يۈرمەكتە.ۋاڭ لۇبىن فوتوسى