ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋىرى) نۆۋەتتە، قەشقەر ۋىلايىتى ساياھەت قىزغىنلىقى سىجىل ئېشىپ، قەشقەر داكا قىلىدىغان قىزىق جاي بولۇپ قالدى. 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى قەشقەرگە چېتىلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 14نى ئىجرا قىلىشنى پىلانلىدى. كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش، زىچلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇۋاپىق ئەلالاشتۇرۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىگە كىرىدىغان-چىقىدىغان يولۇچىلارنى مول، قولايلىق، كۆپ مەنبەلىك ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش تاللىشى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
قەشقەر قەدىمىي شەھىرى تىيانشان تېغى بىلەن كوئېنلۇن تېغىنىڭ ھىمايىسىدە مىڭ يىل بۇرۇنقى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان. ماتېرىيال سۈرەت
شىنجاڭنىڭ سىرتى جەھەتتە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى قەشقەردىن بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شېنجېن، چېڭدۇ، جىنەن، جېڭجوۋ، چاڭشا، ۋۇخەن، لەنجوۋ، چۇڭچىڭدىن ئىبارەت دۆلەت ئىچىدىكى 11 شەھەرگە قاتناپ، ھەر ۋاقىت تەكشى تارقىلىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ. بۇ ئاۋىياتسىيە پەسلىدە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى قەشقەر-لەنجوۋ-جېڭجوۋ ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئېچىپ، ھەر كۈنى بىر نۆۋەت ئايروپىلان قاتنايدۇ؛ قەشقەردىن-گۇاڭجوۋغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى زىچلاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىپ، ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە كۈنلىرى، ئىككى كۈندە بىر نۆۋەت ئايروپىلان قاتنايدۇ؛ ھەر كۈنى بىر نۆۋەت قەشقەر-بېيجىڭ داشىڭغا بىۋاسىتە بېرىش-كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، قەشقەر-چېڭدۇ تيەنفۇ، قەشقەر-ۋۇخەنگە بىۋاسىتە ئۇچۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى مۇقىم ئىجرا قىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن ئىقتىسادى جانلانغان رايونلار ئارىسىدا قولاي ھاۋا تېز لىنىيەسى بەرپا قىلىپ، قەشقەر ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ئىچى جەھەتتە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى قەشقەر بىلەن ئۈرۈمچى، خوتەن، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەرنى زىچ تۇتاشتۇرشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. قەشقەردىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان «ھاۋا تېز لىنىيەسى» بەرپا قىلىپ، ھەر كۈنى 9-8 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەتىگەن سائەت 8دىن كەچ سائەت 22گىچە قاتناپ، ھەر ۋاقىت ئەتىگەن، چۈش، كەچتە پۈتۈن كۈننى قاپلاپ، ساياھەتچىلەر، ھۆكۈمەت، سودا ئىشلىرى يولۇچىلىرىنىڭ شۇ كۈنى ئىككى جايغا بېرىپ-كېلىش ئېھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرىدۇ، شۇنداقلا يولۇچىلارنىڭ ئۈرۈمچىدە شۇ كۈنى باشقا دۆلەت ئىچىدىكى شەھەرلەرگە ئالمىشىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى قەشقەر بازىرىدا ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، قەشقەرنىڭ ئىككىلەمچى تۈگۈن قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى قۇرۇلمىسىنى تەدرىجىي بېيىتىپ، تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىنىڭ سىرتقا تۇتىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى بىلەن بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، يولۇچىلارنى گۈزەل سەپەرگە چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.