كۈلرەڭ تۇرنا. ماتېرىيال سۈرەت
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يەن شياۋتيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋېي خۇڭمېي
ھازىر، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 14-شى كۇنيۈ شەھىرىنىڭ 225-تۇەنىدىكى شېڭچۇەن كۆلى سۇلۇق يېرى پەسىل قۇشلىرىنى تاماشا قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەسلىنى كۈتۈۋالدى. پەسىل قۇشلىرى بۇ يەردە ماكانلىشىپ، توپ-توپ بولۇشۇپ سۇ يۈزىدە ئارام ئېلىشىدۇ.
شېڭچۇەن كۆلى سۇلۇق يېرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۈلرەڭ تۇرنىلارنىڭ قىش پەسلىدىكى مۇھىم ماكانلىرىنىڭ بىرى، ھەر يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە كۈلرەڭ تۇرنىلار يېتىپ كېلىدىغان يۇقىرى پەللە مەزگىلى.
«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۈلرەڭ تۇرنا، ئاققوتان، قوڭۇر باش چايكا قاتارلىقلار كۆپلەپ كېلىپ، تېخىمۇ كۆپ ياۋايى ھايۋانلار بۇ يەرگە ماكانلاشتى». 225-تۇەن مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى گۇ گوۋېن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يەر شۇ جايدىكى ۋە ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ دەم ئېلىش، ساياھەت قىلىشتا ئالدىن تاللايدىغان جاي بولۇپ قالدى.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىل قىشتا شېڭچۇەن كۆلى سۇلۇق يېرىدە قىشلايدىغان پەسىل قۇشلىرىنىڭ سانى ۋە تۈرى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن خېلىلا ئاشقان، كۈلرەڭ تۇرنا، ئاق قوتان، قوڭۇر باش چايكا قاتارلىق قىشلايدىغان پەسىل قۇشلىرى10 نەچچە تۈردىن، سانى 2500دىن ئاشقان.
«يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، بىز ھەر يىلى سۇلۇق يەرگە كېلىپ تۇرنىلارنى كۆرۈپ، تۇرنىلارنى سۈرەتكە تارتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان ئېكولوگىيەلىك ئۆزگىرىشنى كۆردۇق» دېدى كېرىيە ناھىيەسىدىن كەلگەن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى لى لىن.