باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش باشلىنىش ئالدىدا، كورلا لىچېڭ ئايرودۇرۇمى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشقا پائال ئاتلاندى. 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، كورلا لىچېڭ ئايرودۇرۇمى چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسى بىلەن بىرلىشىپ تۇرپان ـ كورلا ـ ئالتاي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى، كورلىدىن ئالتايغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان لىنىيە يولۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ خىللاشقان سەپەرگە چىقىش تاللىشى بىلەن تەمىنلىدى.
1-ئاينىڭ 17-كۈنى، كورلا لىچېڭ ئايرودۇرۇمى چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسى بىلەن بىرلىشىپ تۇرپان ـ كورلا ـ ئالتاي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى.ئىختىيارىي مۇخبىر لى يى فوتوسى
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تۇرپان ـ كورلا ـ ئالتاي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسى ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدىكەن، نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى EU2943/44 بولۇپ، ھەر ھەپتىدە تۆت نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىكەن، ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى ئىجرا قىلىنىدىكەن. بېرىش مۇساپىسىدە نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلان بويىچە سائەت 10دا تۇرپاندىن ئۇچۇپ، سائەت 10دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە كورلىغا قونىدىكەن، سائەت 12دە كورلىدىن ئۇچۇپ، سائەت 13تىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ئالتايغا قونىدىكەن؛ قايتىش مۇساپىسىدە نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلان بويىچە سائەت 17دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئالتايدىن ئۇچۇپ، سائەت 18دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە كورلىغا قونىدىكەن، سائەت 19دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە كورلىدىن ئۇچۇپ، سائەت 20دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە تۇرپانغا قونىدىكەن.
بۇ يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى بىلەن شىمالىي شىنجاڭدىكى ئالتاي ئارىسىدا قولايلىق بوشلۇق كۆۋرۈكى بەرپا قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە يولۇچىلارنى ئۆيگە قايتىش ۋە سەپەرگە چىقىشتا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق تاللاش بىلەن تەمىنلىدى.
بېلەت باھاسى جەھەتتە، چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسى «يېڭى سەپەر قەلب مەنزىلى» خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، كورلىدىن ئالتاي، تۇرپانغا بارىدىغان ئالاھىدە ئېتىبارلىق ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسى 99 يۈەندىن باشلىنىدۇ. يولۇچىلار «شيېچېڭ»، «تۇڭچېڭ»، «فېيجۇ»، «چۈنائېر» قاتارلىق سۇپىلاردىن سېتىۋالسا بولىدۇ.
كورلا ئايرودۇرۇمى يولۇچىلارنىڭ ئۆيىگە قايتىش يولىنىڭ تېخىمۇ راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، بېيجىڭ، شىئەن قاتارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى زىچلاشتۇرۇپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ئىللىقلىققا تولغان قىش پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ ئۆيىگە قايتىش يولىغا كاپالەتلىك قىلدى.
(بايىنغولىن ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى جىڭ لىجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر لى يى)