1-ئاينىڭ 2-كۈنى ساياھەتچىلەر بورتالا شەھىرى بېيشەن دېڭىز-ئوكيان سارىيىدا ئوينىماقتا. بېيشەن دېڭىز-ئوكيان سارىيى بورتالا شەھىرىنىڭ بېيشەن باغچىسى ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ، جەمئىي 6 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىنىپ، لەھەڭ، يىلانبېلىق، دېڭىز شىرى قاتارلىق 40 نەچچە خىل دېڭىز-ئوكيان جانلىقى كىرگۈزۈلگەن، شۇنداقلا دېڭىز شىرى ئويۇنى، ساھېبجامال بېلىق ئويۇنى، مېدۇزا سارىيى، خىيالىي مەنزىرە بوشلۇقى قاتارلىق تۈرلۈك ساياھەت تۈرلىرى كىرگۈزۈلۈپ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېڭى ساياھەت مەنزىلى بولۇپ قالدى.تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى