ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ
شىنجاڭنىڭ تاغ - دەريالىرى بىپايان، چەكسىز كەڭ؛ شىنجاڭنىڭ تۆت پەسلى ئېنىق، رەڭگارەڭ؛ شىنجاڭنىڭ تارىخى ئۇزاق، مەدەنىيىتى شانلىق؛ شىنجاڭنىڭ بايلىقى مول، خەلقى باياشات، ئىناق ھەم گۈزەل.
بۈگۈنكى شىنجاڭدا، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى قەدەممۇقەدەم چوڭقۇرلىشىپ، سەرخىل مەنزىرە رايونلىرى ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كېلىپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر توپلىنىپ، كىشىلەر ئەڭ تەلپۈنىدىغان جايلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى. 2022-يىلى 7-ئايدا، باش شۇجى يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ: مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنى بېيىتىش كەسپىنى بەرپا قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. 2023-يىلى 8-ئايدا، باش شۇجى ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.
يىراق - يېقىندىن كەلگەنلەر شىنجاڭدا بەھۇزۇر ساياھەت قىلدى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، ساياھەتچىلىك ئارتۇقچىلىقىنى تەدرىجىي جارى قىلدۇرۇپ، كۈچ - قۇۋۋەت توپلاپ، ئىستىقبالى پارلاق بولغان مۇھىم ئالتۇن مەزگىلنى كۈتۈۋالماقتا.
گۈللىنىشكە قاراپ ئىلگىرىلەش
− ئۆزگىچە ئەۋزەللىك ۋە جەلپكارلىقنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا قاراپ قەدەم قويدى
گۈزەل شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى مول. بايلىقنىڭ ئۈستۈنلۈكى ياخشى، سانى كۆپ، تۈرى تولۇق، سۈپىتى يۇقىرى، بىرىكتۈرۈلۈشى ئەلا بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ساياھەت بايلىقى تۈر ئايرىمىسى ئىچىدە سەككىز ئاساسلىق تۈرنىڭ %100ىنى، 31 ئىككىلەمچى تۈرنىڭ %96.77(30ى بار)ىنى ۋە 155 ئاساسىي تۈر تىپىنىڭ %83.87(130ى بار)ىنى ئىگىلەيدۇ، دېڭىز - ئوكيان بايلىقىدىن باشقا بايلىقلىرى تولۇق.
ئاجايىپ كۆركەم تەبىئىي مەنزىرە، ئاساسى چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت، قويۇق، رەڭدار مىللىيچە تۈس بىردەك ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى قىممەتلىك بايلىق ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇنداق مول، ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت بايلىقىغا، شۇنداقلا ئالاھىدە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولغاچقا شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تامامەن ماڭالايدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدا پائال نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېز قايتا جانلىنىش، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى نامايان قىلدى. 2023-يىلى، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 265 مىليون 440 مىڭ 300 ئادەم قېتىم بولۇپ، 2022-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %117.04 ئاشتى؛ يارىتىلغان ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 296 مىليارد 715 مىليون يۈەن بولۇپ، 2022-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %226.93 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى مىقدارىدا تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
ھەممە يەر يېشىللىققا پۈركەلدى، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى. 2023-يىلى 6-ئايدا، ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ھەم «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلدى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەخمىنەن 600 ئەزىز مېھمان مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەرگە جەم بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل تاغ - دەريالىرى، جۇلالىق ئادىمىيەت مەنزىرىسىدىن بىرلىكتە ھۇزۇرلاندى، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات زور پىلانى ئورتاق پىلانلاندى.
شىنجاڭ ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا تېخىمۇ ئېنىق بولغان يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، «ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى (2024-يىلىدىن 2026- يىلىغىچە)» «جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2023-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە)» «ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى» قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى كەينى - كەينىدىن ئېلان قىلىپ، سىجىل تۈردە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش قۇرۇلمىسىنى مۇستەھكەملەپ، تۈزۈم كاپالىتى ئاساسىنى پۇختىلىدى.
شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى زور تەرەققىياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، جەزمەن گۈللىنىۋاتقان تەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە جەلپكارلىقىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايون بولۇشقا قەدەم قويۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى گۈللىنىۋاتقان كەسىپكە ئايلىنىشى كېرەك.
گۈللىنىۋاتقان كەسىپنىڭ جەلپكارلىقى چەكسىز. ساياھەتچىلىك تەدرىجىي ھالدا مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى ئېگىزلىككە ئايلاندى، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ تىپتىكى كارخانىلار بەس - بەستە شىنجاڭغا مەبلەغ سالدى. 2023-يىلى مېھمانساراي سېلىنمىسى زور دەرىجىدە ئېشىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مېھمانساراي تۈرى ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىشتىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ئۈرۈمچى، بورتالا، قەشقەر قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىدە ۋىندېمۇ، شىئېردۇن، شىلەيدېڭ قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى خەلقئارالىق داڭلىق ماركىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي قۇرۇلۇشى باشلاندى. 2023-يىلى شىنجاڭ بويىچە جەمئىي 130 مېھمانساراي قۇرۇلۇش تۈرىدە ئىش باشلانغان بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 40 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايدىن 33ى بولۇپ، تەخمىنەن 33 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى. جۇڭگو لۈفا مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىنجاڭ رايونىدىكى چوڭ - چوڭ تۈرلەردە مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالىدى ھەم ئىش باشلىدى، بۇ، خەلقئارالىق توققۇز ئالىي داڭلىق مېھمانساراينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلار ئۈرۈمچى، كورلا، غۇلجا، ناراتتىن ئىبارەت تۆت جايغا جايلاشقان بولۇپ، سېلىنما سوممىسى 9 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتتى.
گۈللىنىۋاتقان كەسىپنىڭ جانلىقلىقى چەكسىز. 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، تىيانشان تېغى قارغا پۈركىلىپ، قار - مۇز ساياھىتى باشلاندى. 12-ئاينىڭ 22-كۈنى، 17-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى ھەم 2023-يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمى داغدۇغىلىق باشلاندى، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى 500دىن ئارتۇق كارخانا كۆرگەزمىگە، يەرمەنكىگە قاتناشتى، گىرۇزىيە، تاجىكىستان، قازاقىستان قاتارلىق 12 دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ۋەكىللىرى ۋە كارخانا ۋەكىللىرى شىنجاڭدا جەم بولدى، خېبېي، جىلىن قاتارلىق 27 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر كۆرگەزمىگە، يەرمەنكىگە قاتناشتى، يۈرۈشلۈك قار - مۇز پائالىيەتلىرى، مۇسابىقىلەر شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىنى تېخىمۇ قىزىتىۋەتتى. «تاغلاردىن قۇشلار ئۇچۇپ ئۆتمەيدىغان، يوللاردا ئادەمنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيدىغان» قىش پەسلى ئىلگىرى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى كاسات پەسىل ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە، تەدرىجىي ھالدا ساياھەتچىلىكتىكى ئاۋات پەسىلگە ئايلاندى. شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى قىزىپ، جانلىنىپ، ئاۋات پەسىل ئۇزىراش، كاسات پەسىلدە كاساتلاشماسلىق ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئايلاندى. 2023-يىلى، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئاۋات پەسلىدە «بالدۇر باشلىنىش، كېچىكىپ ئاخىرلىشىش» كۆرۈنەرلىك بولدى. ئىلگىرى ئاۋات پەسىل 7-ئايدىن 9-ئايغىچە ئىدى. 2023-يىلى، 4-ئايدىلا ئاۋات پەسىل باشلىنىپ، تاكى 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىپ، قار قىزغىنلىقى ئەۋجگە چىققان قار - مۇز ساياھىتى بىلەن «يوچۇقسىز جىپسىلاشتى». ئىلگىرىكى يىللاردا، 1 - پەسىل شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى ئەنئەنىۋى كاسات پەسىل ئىدى. 2023-يىلى 1-پەسىلدە، شىنجاڭ بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 35 مىليون 226 مىڭ 800 ئادەم قېتىم بولۇپ، 2022-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %18.64 ئاشتى، 2019- يىلىدىكىدىن %64.65 ئاشتى. 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2024-يىلى 4-ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 1000 تۈردىن ئارتۇق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ، 2024-يىلى 1-پەسىلدە ساياھەت قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈشىدىن ئۈمىد بار.
گۈللىنىۋاتقان كەسىپنىڭ ھاياتىي كۈچى چەكسىز. مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى بەرپا قىلىش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى چوڭقۇر يۇغۇرۇش شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا چەكسىز تەرەققىيات بوشلۇقى ئېچىپ بەردى، چەكسىز تەسەۋۋۇر بوشلۇقى قوشتى. 2023-يىلى، 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت قوش يىل كۆرگەزمىسى، 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى، تەمگە باي يىپەك يولى يېمەك - ئىچمەك يىغىنى، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت فوتو سۈرەت يىغىنى ھەم «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى ساياھەت فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، كەيپىيات جانلىنىپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى مەزگىلىدە، دۆلەت ئىچىدىكى 27 ئويۇن قويۇش ئۆمىكىنىڭ 28 ئويۇنى 12 تىياتىرخانىدا 62 مەيدان قالتىس ئورۇنلاندى، 100 مىڭغا يېقىن كىشى تىياتىرخانىلارغا كىردى، 80 مىليوندىن ئارتۇق كىشى بۇلۇت تېرمىنالىدا جەم بولدى، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى 800دىن ئارتۇق تاراتقۇ ھەر تەرەپلىمە خەۋەر قىلدى، پۈتۈن توردىكى تارقىتىلىش مىقدارى 1 مىليارد 180 مىليون قېتىمدىن ئاشتى.
2023-يىلى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلاردا چوڭ تىپتىكى ئويۇن قويۇش، مۇسابىقە، كۆرگەزمە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى پائالىيىتى قاتارلىقلار قالتىس قىزىپ كەتتى، ساۋمېي مۇزىكا بايرىمى، مىدى مۇزىكا بايرىمى، پىڭشىڭ شىكۇڭ مۇزىكا كاتتا مەرىكىسى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك داڭلىق مۇزىكا بايراملىرى شىنجاڭدا بەس - بەستە ئۆتكۈزۈلدى، جياڭگو مۇزىكا بايرىمى، شىخو پىۋىسى بايرىمى، سايرام كۆلى مۇزىكا بايرىمى قاتارلىقلار ئىستېمال ھەم ساياھەتچىلىككە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. بۇلتۇر شىنجاڭدا 5600 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق تىجارەت خاراكتېرلىك ئويۇن قويۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ تىپتىكى مۇزىكا بايرىمى، ناخشا كېچىلىكى 119 مەيدان قېتىم بولدى. «مەدەنىيەت - ساياھەت + ئويۇن قويۇش» يېڭى مودىغا ئايلىنىپ، «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش» قاتارلىق چۆكمە تەسىرات شەكلىدىكى، كۆرۈنۈش شەكلىدىكى بىر تۈركۈم مەدەنىيەت - ساياھەت مەھسۇلاتلىرى كۆزنى قاماشتۇرۇپ نامايان بولدى، «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش» مەملىكەت بويىچە ساياھەت سەر خىل سەنئەت نومۇرى تىزىملىكىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاللاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «مۇزېي قىزغىنلىقى» ساياھەت بازىرىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، ھەر دەرىجىلىك مۇزېيلار 500 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈپ، 7 مىليون ئادەم قېتىم ئېكسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋالدى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن نام يىراق - يېقىنغا تارقالدى.
بەخت يارىتىدىغان كەسىپ
− ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يانچۇقىنى تومپايتىپ، مىڭلىغان - ئون مىڭلىغان يېزا - كەنتنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ساياھەتچىلىك ئۇنىۋېرسال كەسىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ساياھەتچىلىك تۈرتكە بولىدىغان ئالاقىدار كەسىپ 110دىن كۆپرەككە يەتكەن بولۇپ، ساياھەت كىرىمى ھەربىر يۈەن ئاشسا، ئالاقىدار ساھەلەر كىرىمىنىڭ 4.5 يۈەن ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن، ساياھەت سېلىنمىسى ھەربىر يۈەن ئاشسا، باشقا ساھەلەر سېلىنمىسىنىڭ بەش يۈەن ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن، ساياھەتچىلىك يېتەكلەشچانلىقى ۋە باغلىنىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى كەسىپلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. شىنجاڭدا ساياھەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىلىك رولى تېخىمۇ مۇھىم ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.
يىل ئاخىرىدىكى كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي بازىرىنىڭ تاراتى كەنتى قارغا پۈركەلگەن چەكسىز كەڭ دالىدا كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئاتلارنىڭ تۇياق ئاۋازى قىش كۈنلىرىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تاشلىدى − بۇ كەنتتىكى «تۆھپىكار ئاتلىق ئەترەت»نىڭ قارلىق دالىدىكى ئوغلاق تارتىشىش ئويۇنى باشلاندى، 100 ئېتى بار بۇ ئاتلىق ئەترەت تاراتى كەنتىنىڭ ساياھەت تۈرلىرىنىڭ بىرى. قارلىق دالىدا، «تۆھپىكار ئاتلىق ئەترەت»نىڭ ئات چانىسى، ئوغلاق تارتىشىش، قىز قۇۋار قاتارلىق خاس خەلق ئۆرپ - ئادىتى تەنھەرىكىتى بۇ جاينىڭ قار - مۇز مەنزىرىسىگە ئۆزگىچە تۈس قوشتى. قىشتىن ئەتىيازغىچە، ئەتىيازدىن كۈزگىچە، ئالتاي تېغى باغرىدىكى بۇ كىچىك تاغلىق كەنت ساياھەتچىلىك ئارقىلىق داڭقى چىققان «ئېرتىش دەرياسى بويىدىكى 1-كەنت»كە ئايلىنىپ، تېخىمۇ مۇھىمى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى يىلدىن - يىلغا ئاشتى.
ئالتاي تېغى ئېتىكىدىن يولغا چىقىپ، شىنجاڭ تۇپرىقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىدىكى كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىگە كەلگەندە، چىرا ناھىيەسى ئۇلۇغساي يېزىسىنىڭ ئاقچىغ كەنتى قارلىق چوققا ئېتىكىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ جاينىڭ ياز پەسلى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان چاغ بولۇپ، شىنجاڭ كوئېنلۇن تېغى مەنزىرە رايونىغا تايىنىپ، ئىلگىرىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاز، كەسىپ قۇرۇلمىسى بىر خىل بولۇش سەۋەبىدىن، كىرىمنى كۆپەيتىشى قىيىن بولغان ئاقچىغ كەنتى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى. كەنتتە كوئېنلۇن تاغ قورۇقى بەرپا قىلىندى، كەنت ئاھالىلىرى تاغ قورۇقىدا دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىپ، ساياھەت ئائىلىۋى مېھمانخانىسى ئېچىپ، ساياھەتچىلەرنى قونالغۇ، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش، دالا تامىقى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەپ، كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى، كەنتتە تېخىمۇ كۆپ ئۆزگىرىش بولدى. «ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، نەزەر دائىرەم تېخىمۇ كېڭەيدى» دېدى ئاقچىغ كەنتىدىكى 1-تۈركۈمدە ساياھەتچىلىكتىن نەپ ئالغان ئايگۈل توختىقۇربان. ئون يىل ئىلگىرى ئۇ باشقىلارنىڭ ئاشخانا ئېچىشىغا ياردەملەشكەنىدى، ھازىر ئۇ ئۆزى ئاشخانا ئېچىپ، كىگىز ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ، ئائىلىۋى مېھمانخانا ئېچىپ، شۇ جايدىكى نامى چىققان ساياھەت ئارقىلىق بېيىش باشلامچىسى بولۇپ قالدى. 2021-يىلى، ئۇ كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ ساياھەتچىلىكنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇردى.
ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق ئارىسىدا دەريا ئېقىنلار گىرەلىشىپ كەتكەن، بوستانلىقلار كەڭ تارقالغان 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان شىنجاڭ تۇپرىقىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلماقتا.
ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يانچۇقىنى تومپايتتى، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان يېزا - كەنتلەرنى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزدى. 2023-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، شىنجاڭ يېزا - كەنتلەرگە كەلگەن ساياھەتچىدىن تەخمىنەن 80 مىليون 566 مىڭ 700 ئادەم قېتىمنى كۈتۈۋالدى، بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون كۈتۈۋالغان ساياھەتچى مىقدارىنىڭ %37.67ىنى ئىگىلەپ، 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %81.69 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرغان يېزا - كەنت ساياھەت كىرىمى 27 مىليارد 833 مىليون يۈەن بولدى.
ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن يۇرتنى گۈزەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكى گۈزەل يېزا - كەنت ئاساسىدا بەرپا قىلىنىدۇ. 2023-يىلى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلاردا 241 ساياھەت ھاجەتخانىسى سېلىندى. گۇچۇڭ «مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەر، جاھاندىكى ئاجايىپ مەنزىرە» ئەتىياز پەسىللىك سەھرا ئېكولوگىيە ساياھىتى قاتارلىق 13 لىنىيە مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى ئېسىل لىنىيە بولۇپ تاللاندى.
ساياھەتچىلىك غايەت زور «بايلىق يارىتىدىغان» كەسىپ. 2023-يىلى شىنجاڭدا 563 ساياھەت كوپىراتىپى يېڭىدىن كۆپەيدى، 25 مىڭغا يېقىن ساياھەت يېتەكچىسى ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇردى. يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىدىن 42سى يېڭىدىن كۆپەيدى، ھازىر يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىدىن 391ى، ئائىلىۋى قونالغۇدىن 6649ى بار. پۈتۈن شىنجاڭدا ساياھەتچىلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سۇبيېكت 370 مىڭدىن ئاشتى، ساياھەتكە چىقىش، قونالغۇ، يېمەك - ئىچمەك، سەيلە قىلىش، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت قاتارلىقلار تۈگىمەس ئىش ئورنى ۋە بايلىق بىلەن تەمىنلىدى. 2023-يىلى شىنجاڭدا قونالغۇ، يېمەك - ئىچمەك، مال سېتىۋېلىشنىڭ ئالاقىدار خەلق ئىگىلىكى كەسىپلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى، يېمەك - ئىچمەك، قونالغۇ، قاتناش ساياھەت ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىدى، قونالغۇ، يېمەك - ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، كىرىمنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش رولى چوڭ بولدى. قەشقەر، قومۇل قاتارلىق دەرۋازا تىپىدىكى ساياھەت مەنزىلگاھلىرىدا ئىستېمالنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىرقەدەر تېز، يوشۇرۇن كۈچى گەۋدىلىك بولدى.
ساياھەتچىلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، خەلقنى بېيىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئالاھىدىلىكى دەرىجىمۇدەرىجە زورايتىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش رولى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولدى، ساياھەتچىلىكنىڭ تەسىر كۈچى كۈندىن - كۈنگە ئاشتى.
كەچ كۈزدىكى دەريابويى كەنتىدە كۆك ئاسمان، قۇملۇق ۋە توغراقلىق بىر پارچە رەڭدار، جانلىق سىزىلغان مەنزىرە رەسىمىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى. دەريابويى كەنتى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە چوڭقۇر يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئىلگىرى «جۇڭگودىكى يېتىپ بېرىش ئەڭ تەس بولغان قەدىمىي كەنت» ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ خاسلىققا ۋە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە داڭلىق ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندى. 2022-يىلى، دەريابويى قەدىمىي كەنتىنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش سەپىرى پۈتۈن مەملىكەت يېزا - كەنت ساياھەت ئېسىل لىنىيەسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، ئېكسپېدىتسىيە قىلىش، پىيادە مېڭىش، سۈرەتكە تارتىش قاتارلىقلار ئۈچۈن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. دەريابويى كەنتىدىكى كونا ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نەزەرىدىكى ئىلگىرىكى بۇ «ئەسكى - تۈسكى»لەر ھازىر ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى بايلىققا ئايلاندى.
شىنجاڭنى ياقتۇرۇپ قېلىش
− ھەر يەر - ھەر يەرلەردىكى ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا كېلىپ، بەختىيار، ئىناق گۈزەل ماكانغا قەدەم قويدى
2023-يىلى، جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىگە جايلاشقان ئۇلۇغچات ناھىيەسى جىغىن يېزىلىق ھۆكۈمەت توردا قىزغىن ئالقىشلاندى. بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەك، ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە ساياھەتچىلەر توپ - توپ كېلىپ ئەتراپتىكى مېھمانخانا، ئاشخانىلارنىڭ كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارى يېتىشمىگەندە، بۇ يېزا ھۆكۈمەت قورۇسىنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ، ساياھەتچىلەرنى يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسىغا كىرىپ ھاجەتخانىغا كىرىشكە، قورۇدا قونۇشقا تەكلىپ قىلغان.
«ئۇ يەر ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قۇتۇپى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەڭ ئاخىرقى شەپەق نۇرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇ يەردىكى كىشىلەر بەك قىزغىن، يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسىدا ھەقسىز قونغىلى بولىدۇ.» جىغىن يېزىسىدىن ئايرىلغىنىغا بىر ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، خېبېي خەندەنلىك ساياھەتچى «دەنچې شۇەي» ھېلىھەم بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە جىغىن يېزىسىنى قىزغىن تونۇشتۇرۇۋاتاتتى.
ھەرقايسى چوڭ تور سۇپىلىرىدا جىغىن يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسىدا قونۇپ قېلىشقا ئائىت سۈرەتلەر ئېلان قىلىندى ھەم سۈرەتكە ئېلىنغان بۇ ماتېرىياللار ساياھەت تەشۋىقات ماتېرىيالى سۈپىتىدە جىغىن يېزىسىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قالدۇرۇلدى... جىغىن يېزىسىغا بېرىپ باققان ساياھەتچىلەر ئۆز ئۇسۇلى ئارقىلىق رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، جىغىن يېزىسىنىڭ ساياھەتچىلىكى ئۈچۈن خالىس تەشۋىقاتچى بولدى.
ساياھەتچىلىك يالغۇز ساياھەت كەسپى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق - مۇقىم، ئىناق - بەختىيار، ئېكولوگىيەسى ياخشى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدىغان كۆزنەك.
شۇ جايدىكى مەنزىرە رايونىدا قاپسىلىپ قالغان ساياھەتچىلەرگە ياردەم بېرىپ، ھېچقانداق ھەق ئالمىغان ھەم پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن ئابدۇجاپپار مېڭدى؛ ساياھەتچىنىڭ خۇرۇم سومكىسىنى تېپىۋېلىپ، 91 كۈن ئىزدىگەندىن كېيىن، سومكىنى ئىگىسىگە ساق - سالامەت قايتۇرۇپ بەرگەن قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونىدىكى «ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشى»ھوشۇراخۇن قۇربان... شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى، شىنجاڭدىكى ياخشى كىشىلەر كىشىلەرنى قايىل قىلدى. ساياھەتچىلىك تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى شىنجاڭغا كېلىش، شىنجاڭنى چۈشىنىش، شىنجاڭ ۋە شىنجاڭلىقلارنى ياخشى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ساياھەتچىلىك شىنجاڭنىڭ چولپان كەسپى. ھەر يەر - ھەر يەرلەردىكى ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا كېلىپ ھەقىقىي شىنجاڭنى كۆردى ھەم شىنجاڭ ئوبرازىنىڭ تەشۋىقاتچىسىغا ئايلاندى.
ساياھەتچىلىك يەنە شىنجاڭنىڭ ئۆزىنى تەشۋىق قىلىشى، تونۇشتۇرۇشى، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشىدىكى مۇھىم يول. 2023-يىلى، شىنجاڭ 30دىن ئارتۇق قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر(شياڭگاڭ، ئاۋمېننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەمدە قاتار، ئالجىرىيە، مىسىر ھەم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلاردا مەدەنىيەت - ساياھەت بويىچە تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2023-يىللىق ساياھەت يىلى مۇنبىرى، 37-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ خەلقئارا ساياھەت كۆرگەزمىسى، 11-نۆۋەتلىك ئاۋمېن خەلقئارا ساياھەت (كەسىپ) كۆرگەزمىسى، 2023-يىللىق ياپونىيە خەلقئارا ساياھەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق خەلقئارالىق كۆرگەزمىلەر، شىنجاڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ھەپتىلىكى چەت ئەللەردىكى ئالماشتۇرۇش (ياپونىيە مەخسۇس مەيدانى) پائالىيىتى، قازاقىستان، ئۆزبېكىستانغا بېرىپ قانات يايدۇرۇلغان «شىنجاڭ ياخشى جاي» سەييارە ئويۇن قويۇش ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى، كورېيەگە بېرىپ ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ ياخشى جاي» شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت ھەپتىلىكى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى، «جۇڭگودىكى بايقاش سەپىرى» بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگودا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇش، ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ۋە 2023-يىللىق ياش خەنشۇناسلار تەتقىقات خاراكتېرىدىكى بىلىم ئاشۇرۇش پائالىيىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسى جانلىق، ئوبرازلىق ياخشى سۆزلەندى.
چولپان كەسپ تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. 2023-يىلى، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ «چولپان تۈسى» بارغانسېرى ئېشىپ، ساياھەت قىزغىنلىقى سىجىل ھالدا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.
پۈتۈن يىلدا 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 14ى، دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت - ئىستىراھەت كوچا رايونىدىن ئىككىسى، دۆلەت سانائەت - ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن ئىككىسى، دۆلەت مەدەنىيەت كەسپى بىلەن ساياھەت كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن بىرى، دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىي ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنىدىن تۆتى، دۆلەت تەنتەربىيە - ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن بىرى، دۆلەت مەدەنىيەت كەسپى ئىقتىدارى بويىچە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش نۇقتىدا سىناق قىلىش ناھىيەسىدىن ئىككىسى يېڭىدىن كۆپەيدى، مەملىكەت بويىچە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەر، ئۆي ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەر 5C دەرىجىلىك لاگېردىن ئىككىسى، دۆلەت دەرىجىلىك قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورنىدىن بىرى، 5S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانىدىن بىرى يېڭىدىن بەرپا قىلىندى، ئىلى ئوبلاستى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا غەربىي شىمالدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك تاشقى مەدەنىيەت سودا بازىسىنى بەرپا قىلدى، 13 لىنىيە مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھەت ئېسىل لىنىيەسى قاتارىغا تاللاپ كىرگۈزۈلدى.
ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىش، قار - مۇز ساياھىتى، ئالاھىدە ساياھەت قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى چاسا سەپكە كىردى. شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشتا ئالقىشلىنىدىغان رايون قاتارىغا كىردى، مايتاغ - كۇچا تاشيولى مۇلازىمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇنىۋېرسال تۈزەشتە پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، نۇرغۇن ياش تەرىپىدىن «ئوقۇش پۈتكۈزۈش ساياھىتىدە چوقۇم ھېس قىلىش تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى، يەككە كۈندە ئەڭ كۆپ كىرگەن ئاپتوموبىل 32مىڭدىن ئاشتى. غۇلجا - موڭغۇلكۈرە تاشيولى، ئالتاي - قۇمكەنتى تاشيولى، پەنلۇڭ قەدىمىي يولى، S101 تىيانشان جۇغراپىيەلىك رەسىم كارىدورى، سانجى ئوبلاستىنىڭ نەنسەنگە يانداش تاشيوللىرى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. مېيتۇەننىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، «شىنجاڭغا بېرىپ قار تېيىلىش»نى مېيتۇەندە ئىزدەش مىقدارى %285 ئاشقان، 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە، شىنجاڭنىڭ 12 ئايلىق ئىستېمال زاكاز مىقدارى 2022-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %241 ئاشقان. S دەرىجىلىك 44 قار تېيىلىش مەيدانى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 2 مىليون 72 مىڭ 600 ئادەم قېتىم، قىلغان كىرىمى 229 مىليون يۈەن بولدى، جىكپۇلىن، كۆكتوقاي، جاڭجۈن تېغىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قار تېيىلىش مەيدانى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى بەس - بەستە داكا قىلىدىغان «ئەڭ يۇقىرى پەللە»گە ئايلاندى.
شىنجاڭ ئىلگىرى شۇنچە يىراق ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشى بىلەن، «يىراق جاي» «ئارزۇدىكىدەك جاي»غا ئايلاندى. شىنجاڭدا بەھۇزۇر ساياھەت قىلغانلىق بەختىيار، ئىناق، گۈزەل جايغا قەدەم قويغانلىق ھېسابلىنىدۇ.