ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 12-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى تور بېكىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئىككى ساياھەت ئىستىراھەت رايونىنى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونى قىلىپ بېكىتتى.
ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تارماقلىرىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى تەرتىپ بويىچە ئۇنىۋېرسال باھالاپ بېكىتىش ھەمدە ئېلان قىلىشنى تاماملاپ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بورتالا شەھىرىدىكى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى نىلقا ناھىيەسى تاڭبۇلا ساياھەت ئىستىراھەت رايونىنى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونى قىلىپ بېكىتتى.
1000 مېتىر ئېگىزلىكتىن سايرام كۆلىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىگە نەزەر (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).شاتتىق قايرات فوتوسى
سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى «ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە يېشى» بولغان سايرام كۆلىگە تايىنىپ قۇرۇلغان بولۇپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1314 كىۋادرات كىلومېتىر، كۆل كۆلىمى 458 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، مەنزىرە رايونىدا ئېگىز تاغ، مۇزلۇق، ئورمان، سۇلۇق يەر، يايلاق، كۆل ۋە ئەتىۋارلىق قۇشلار بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ، ئىنتايىن يۇقىرى مەنزىرە قىممىتى، ئېكولوگىيە قىممىتى، تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتى ۋە ئىلمىي تەكشۈرۈش قىممىتىگە ئىگە، دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل 12-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە، مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 4 مىليون 829 مىڭ 600 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
بۇلۇتلۇق تۇمان قاپلىغان نىلقا ناھىيەسىدىكى تاڭبۇلا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).ئانار بۇلۇت╲شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگېس فوتوسى
تاڭبۇلا يايلىقى ئىلىنىڭ شەرقىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، غەربتىن شەرققە قاراپ 100 نەچچە كىلومېتىر سوزۇلغان، تەۋەلىكىدە تاغ چوققىلىرى ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرگەن، ئورمان، يايلاق، ئارشاڭ، جىددىي ئېقىن، تاغ تاشلىرى گۈزەل مەنزىرىسى بىر گەۋدىلەشكەن تەبىئىي مەنزىرە رايونى بولۇپ، «يۈز چاقىرىملىق يۆگىمە رەسىم، تەبىئىي رەسىم كارىدورى» دېگەن گۈزەل نامى بار.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شىنجاڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قاناس مەنزىرە رايونى، نارات مەنزىرە رايونى، نەنسەن ساياھەت ئىستىراھەت رايونى، ئارشاڭ ناھىيەسى ساياھەت ئىستىراھەت رايونى، قاراماي شەھىرى ئورقۇ ساياھەت ئىستىراھەت رايونى، قاراماي دەرياسى ساياھەت ئىستىراھەت رايونى، ئالتاي شەھىرى ساياھەت ئىستىراھەت رايونى قاتارلىق جايلارنى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونى قىلىپ باھالاپ بېكىتكەن.