نارات خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا قار تېيىلىش باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا! ئىلى ئوبلاستى قار-مۇز مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزىدۇ
مۆلچەرلىنىشىچە، 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، نارات خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا ئىلى ئوبلاستى 18-نۆۋەتلىك «قارغا مۇھەببەت» قار-مۇز مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ھەم نارات خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىنىڭ قار تېيىلىشنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. پائالىيەت مەزگىلىدە، ساياھەتچىلەر گۈزەل قار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، مول قار-مۇز كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى ۋە خاس پائالىيەتلەرنى ھېس قىلىپ، قويۇق يايلاق مەدەنىيىتى ۋە قىشلىق تەنھەرىكەت روھىنى ھېس قىلالايدىكەن.
مول ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرىدىن باشقا، بۇ نۆۋەتلىك پائالىيەتتە يەنە نارات مەنزىرە رايونىنىڭ قىشلىق ساياھەت تۈرلىرى نامايان قىلىنىدۇ. ساياھەتچىلەر شياڭجياۋ كېمىسى، قارلىق دالا سوقما توپى، قارلىق دالىدا ئايلىنىش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، قىشلىق تەنھەرىكەتنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلالايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە قارلىق دالىدىن كېسىپ ئۆتۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، گۈزەل قار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، قىشلىق ساياھەتنىڭ قىزغىنلىقىنى ھېس قىلالايدۇ.
تيەنمېن قار تېيىلىش مەيدانىدا 12-ئاينىڭ 24-كۈنى سىناق تەرىقىسىدە قار تېيىلىش ئېلىپ بېرىلىدۇ
ئاتۇش شەھىرىنىڭ تيەنمېن تېغى مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان تيەنمېن قار تېيىلىش مەيدانى ھازىر قۇرۇلۇشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كىردى، 12-ئاينىڭ 24-كۈنى سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلاش مۆلچەرلەنمەكتە، بۇ جاي يۇقىرى دەرىجىلىك قار تېيىلىش ئەسلىھەلىرى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمىتى بىلەن قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ.
تيەنمېن قار تېيىلىش مەيدانى ئاتۇش شەھىرىنىڭ غەربىگە 55 كىلومېتىر كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 نەچچە مېتىر، بۇ تۈرگە 75 مىليون 780 مىڭ 200 يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، 427 مېتىر توكلۇق يول، 760 مېتىر ئاسما ۋاگون، 43 مېتىر ئاسما كۆۋرۈك، 660 كىۋادرات مېتىر ئارام ئېلىش سۇپىسى ياسالدى، 1-نومۇرلۇق قار يولى 230 مېتىر، 2-نومۇرلۇق قار يولى 454 مېتىر، 3-نومۇرلۇق قار يولى 470 مېتىر كېلىدۇ، بۇ، 6000 كىۋادرات مېتىرلىق قار تېيىلىش ئۈسكۈنىلىرى زالى قاتارلىق كۆپ خىل قار ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.