奔腾之路 · 洞见

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . كۆزىتىش

奔腾之路 · 洞见

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . كۆزىتىش

中吉共绘“一带一路”细腻工笔画

石榴云/新疆日报记者 李华 刘翔 黑宏伟

在吉尔吉斯斯坦首都比什凯克市,不经意间总能看到远处巍峨耸立的天山。

曾经,这里的黠戛斯人带着骏马和皮货,沿着天山山脉一路向东,抵达长安。返程时,他们不仅带回了精美的丝绸和瓷器,也收获了亲切友爱的兄弟情谊。

熔铸古今,纵横万里。丝路古道曾为这片土地带来了机遇和繁荣,而共建“一带一路”,让今天的吉尔吉斯斯坦人民感受着这一倡议带来的互惠共生。

双向奔赴 共谋发展

9月21日,雨过天晴。比什凯克市区西部的一条街道上,阳光透过片片树叶洒下点点光影,行人来来往往。

大街东端的起始位置,矗立着一座邓小平头像浮雕纪念碑。这里是吉尔吉斯斯坦著名的“邓小平大街”。

大街长度虽只有3.5公里,却被当地的人们比作“古丝绸之路”的延伸。“改革开放让中国富强起来,它预示着吉尔吉斯斯坦将同飞速发展的中国一样,有着美好前景。”街边民众说。

和平与发展是当今各国人民的共同追求,中国的发展之路得到越来越多国家的肯定与尊重。

进入新时代,共建“一带一路”,以中国新发展为世界提供新机遇。吉尔吉斯斯坦是最早支持和参与共建“一带一路”的国家之一。

2022年,习近平主席与吉尔吉斯斯坦总统扎帕罗夫两度会面,就中吉关系和两国各领域合作达成重要共识,为两国关系发展注入强劲动力。

今年5月,国家主席习近平在西安同来华出席中国—中亚峰会并进行国事访问的吉尔吉斯斯坦总统扎帕罗夫会谈。两国元首宣布,将中吉关系提升为新时代全面战略伙伴关系。

共建“一带一路”成就了两国满怀诚意的“双向奔赴”。

“中吉共建‘一带一路’不断走深走实,给新疆带来新机遇。”中国驻吉尔吉斯斯坦大使杜德文表示,新疆是中国向西开放的重要门户和丝绸之路经济带核心区,与吉接壤,在深化中国与吉尔吉斯斯坦乃至中亚地区全方位合作中具有政策、区位、人文、资源等独特优势。

乘势而上,积极推进落实两国元首达成的重要共识,为双边关系发展增添新内涵,新疆责无旁贷——

今年3月,自治区党委书记马兴瑞率中国新疆友好交流访问团出访吉尔吉斯斯坦,持续加强地方间交流交往,完善合作机制,提升经贸、基础设施、科教、人文、安全等领域交流合作水平,并签署一系列合作文件。

8月,吉尔吉斯斯坦总理阿·扎帕罗夫访问新疆并出席2023(中国)亚欧商品贸易博览会,就深化中国新疆与吉尔吉斯斯坦地方间各领域交流合作深入沟通,双方再次签署了一系列合作文件;同月,中国(新疆)—吉尔吉斯斯坦商贸推介会在乌鲁木齐举行,双方政府机构、商协会、企业家等开展推介交流,共签署29个项目合作协议,签约金额约10亿美元。

脚踏实地 携手前进

“驼铃古道丝绸路,胡马犹闻唐汉风。”这是古丝绸之路的写照。今天,满载货物的列车或重卡在欧亚大陆呼啸前行,成为代表“一带一路”勃勃生机的标志。

基础设施联通是共建“一带一路”的关键领域和核心内容。

从新疆喀什驶出,经伊尔克什坦口岸进入吉尔吉斯斯坦境内,中吉乌公路沿阿赖山谷蜿蜒延伸,经奥什进入乌兹别克斯坦,最终到达塔什干,成为跨越高山、畅通无阻的国际运输大动脉。

建成通车5年多来,中吉乌公路给沿线国家和民众带来实实在在的便利与实惠。

在伊尔克什坦口岸,新能源汽车出口的持续增长,让牧民穆萨·普尔汗变成大忙人。由于等待出关的新车多,而出关时间有限,需要穆萨这样的“司机”来协调车辆出关顺序。

东起伊尔克什坦口岸,一路向西,途经吉尔吉斯斯坦奥什州境内,有一座俄语名叫“萨尔塔日”的村庄。中吉乌公路开通后,这里人们的生活有了很大改善。

“过去建的公路破损严重,村庄也日渐衰落。”村中老人努尔苏丹说,中国公司帮他们修好了路,许多离乡的年轻人回来了,村子的活力正慢慢恢复。

由中国新疆企业特变电工股份有限公司承建的达特卡—克明输变电工程,被当地人誉为“世纪工程”“幸福工程”。如此称呼,新疆籍商人苏风英认为名副其实。

在吉尔吉斯斯坦,水电资源丰富却南北不均,尤其是北部地区深受缺电之苦。“刚来这里时,经常停电,尤其是冬天,限电是常有的事。”苏风英回忆。

电力短缺不仅成为困扰当地人民的“老大难”问题,也制约了吉尔吉斯斯坦经济社会发展。

特变电工历时3年建成这一工程,为吉尔吉斯斯坦构筑起贯通南北的统一电网,极大改善了当地电力基础设施落后的面貌。

苏风英的生意也越做越好。她所在的比什凯克中海市场,中国进口的商品琳琅满目,改善了当地人民的消费需求。

中国长期保持吉尔吉斯斯坦第一大贸易伙伴国和第一大进口来源国地位,一直是吉外商投资主要来源国。

据不完全统计,中国企业在吉尔吉斯斯坦建立了近700家独资或合资企业,涵盖矿产资源开发、油气加工、基础设施建设、建材等领域,其中不乏大量新疆企业参与其中,为当地增加税收、创造大量就业岗位,取得了良好的经济和社会效益。

在与当地华人和民众交流时,大家不约而同地说,“一带一路”倡议给吉尔吉斯斯坦带来了实实在在的好处,在基础设施建设、中企投资等方面表现尤为明显。

民心相通 暖意浓浓

“国之交在于民相亲,民相亲在于心相通。”民心相通是共建“一带一路”的社会根基,是最基础最结实最持久的互联互通。

9月19日清晨,新疆大学国际文化交流学院副院长梁焱乘坐飞机从乌鲁木齐前往比什凯克。她的包里,装着新疆大学汉语言专业的录取通知书。

“欢迎你到新疆大学进修中文。”当天下午,当梁焱将录取通知书交到比什凯克国立大学孔子学院学生赛丁乌鲁·奥马特手中时,小伙子难掩兴奋之情。

“这几年,吉尔吉斯斯坦中资企业越来越多,在各地纷纷投资建厂。”赛丁乌鲁说,之所以选择进一步进修,就是想努力提高语言能力,以后能有更多就业机会。

“新疆大学和新疆师范大学同吉尔吉斯斯坦高校共同建立4所孔子学院和21个孔子课堂,几乎所有一流院校均开设了中文课。”梁焱说,目前来看,在共建“一带一路”国家设立孔子学院与孔子课堂,并将其与本地教育体系相配合,成效良好。

新疆的柯尔克孜族同吉尔吉斯族同根同源。千百年前,丝绸之路上的英雄史诗《玛纳斯》被他们共同传唱。如今,在共建“一带一路”中,双方文化交流乘风前行,《玛纳斯》焕发出新的生机与活力。

2022年,历时10余年,8部18卷23万余行、2000余万字的《玛纳斯》汉文全译本首次发行。作为《玛纳斯》汉文全译本的主要编纂人,克孜勒苏柯尔克孜自治州人民政府文化顾问贺继宏付出了大量心血。

“《玛纳斯》是中吉两国共同精神财富和丝路文化瑰宝,需要共同保护传承,通过相互学习、合作、交流,在两国人民之间架起一座沟通心灵的友谊之桥。”他说,随着中吉两国关系不断迈上新台阶,玛纳斯的故事和精神将为更多热爱和平友好的人士传颂。

“健康丝绸之路”是“一带一路”倡议的重要组成部分。9月16日,“健康快车吉尔吉斯斯坦光明行”在比什凯克正式启动。由北京大学人民医院和自治区人民医院专家组成两支医疗队,为600名白内障患者免费实施复明手术。

“感谢中国医生,治好了我的眼睛。”做完手术后,患者塔兰特·穆塔利波夫如获新生。他说,“健康快车吉尔吉斯斯坦光明行”不仅让他看到了光明,也让他看到了吉中两国政府、眼科专家为该项行动付出的努力,看到了吉中关系的密切发展。

共建“一带一路”倡议提出十周年,中吉两国以新疆为着力点,在经济、文化、教育、医疗等领域开展了形式多样的合作项目,“一带一路”民意基础不断巩固。

十年风雨兼程,成果斐然,昭示着更为广阔的发展前景。中吉联手,共绘“一带一路”高质量建设“工笔画”的笔触,必将更为细腻、有力。

جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان «بىر بەلباغ، بىر يول» نەپىس سىزما رەسىمىنى ئورتاق سىزدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى خۇا، ليۇ شياڭ، خېي خۇڭۋېي

قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەك شەھىرىدە، ھەمىشە ئىختىيارسىز ھالدا يىراقتا ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تىيانشاننى كۆرگىلى بولىدۇ.

ئىلگىرى، بۇ يەردىكى قىرغىزلار ئارغىماق ۋە تېرە ماللارنى ئېلىپ، تىيانشان تاغ تىزمىسىنى بويلاپ شەرققە قاراپ مېڭىپ چاڭئەنگە كەلگەن. قايتىش سەپىرىدە، ئۇلار نەپىس يىپەك ۋە فارفور بۇيۇملارنى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە سەمىمىي، دوستانە قېرىنداشلىق مېھرىگە ئېرىشكەن.

قەدىمكى بىلەن ھازىرقى يۇغۇرۇلۇش، ئونمىڭ چاقىرىمغا سوزۇلۇش. قەدىمىي يىپەك يولى ئىلگىرى بۇ تۇپراققا پۇرسەت ۋە گۈللىنىش ئېلىپ كەلگەن بولسا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش بۈگۈنكى قىرغىزىستان خەلقىگە بۇ تەشەببۇس ئېلىپ كەلگەن ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ بىللە ياشاش تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرماقتا.

قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش

9ـ ئاينىڭ 21ـ كۈنى، يامغۇر توختاپ ھاۋا ئېچىلدى. بېشكەك شەھەر رايونىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى بىر كوچىدا، قۇياش نۇرى دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئارىسىدىن يەرگە چۈشۈپ تۇرغان بولۇپ، پىيادىلەر ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.

چوڭ كوچىنىڭ شەرقىي ئۇچى باشلانغان ئورۇندا، دېڭ شياۋپىڭنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بىر قاپارتما نەقىشلىك خاتىرە مۇنار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. بۇ جاي قىرغىزىستاندىكى داڭلىق «دېڭ شياۋپىڭ كوچىسى» ئىدى.

چوڭ كوچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى پەقەت 3.5 كىلومېتىر بولسىمۇ، لېكىن شۇ جايدىكى كىشىلەر ئۇنى «قەدىمىي يىپەك يولى»نىڭ داۋامىغا ئوخشىتىدۇ. «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونى بېيىتىپ قۇدرەت تاپقۇزدى، ئۇ قىرغىزىستاننىڭمۇ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگودەك گۈزەل ئىستىقبالغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەكتە» دېدى كوچا بويىدىكى خەلق ئاممىسى.

تىنچلىق ۋە تەرەققىيات بۈگۈنكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى بارغانسېرى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.

يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. قىرغىزىستان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئەڭ بۇرۇن قوللىغان ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

2022ـ يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف بىلەن ئىككى قېتىم كۆرۈشۈپ، جۇڭگو ـ قىرغىزىستان مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

بۇ يىل 5ـ ئايدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شىئەندە، جۇڭگو ـ ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ـ قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنى يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ سەمىمىيەتكە تولغان «قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش»ىنى ياراتتى.

«جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشى شىنجاڭغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.» جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دۇ دېۋېن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازىسى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇپ، قىرغىزىستان بىلەن چېگرالىنىدۇ، جۇڭگونىڭ قىرغىزىستان، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا سىياسەت، رايون ئورنى، ئادىمىيەت، بايلىق قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە.

ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ئىچكى خاس مەزمۇن قوشۇش شىنجاڭنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى −

بۇ يىل 3ـ ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ قىرغىزىستانغا زىيارەتكە بېرىپ، جايلار ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىساد ـ سودا، ئۇل ئەسلىھە، پەن ـ مائارىپ، ئادىمىيەت، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى ھەم بىر قاتار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.

8ـ ئايدا، قىرغىزىستان زۇڭلىسى ئا. جاپاروف شىنجاڭدا زىيارەتتە بولدى ھەم 2023ـ يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا ـ ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قىرغىزىستاننىڭ جايلار ئارا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ئىككى تەرەپ يەنە بىر قاتار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى؛ شۇ ئايدا، جۇڭگو (شىنجاڭ) − قىرغىزىستان تاۋار سودا تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى، سودا جەمئىيەتلىرى، كارخانىچىلىرى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى، جەمئىي 29 تۈردە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى تەخمىنەن 1 مىليارد دوللار بولدى.

قەدەمنى پۇختا ئېلىش، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش

«قەدىمىي يىپەك يولىغا نەزەر سالغاندا، خۇددى ئۇزۇنغا سوزۇلغان كارۋاننىڭ كولدۇرما ئاۋازى، خۇ ئاتلىرىنىڭ كىشنەشلىرى، شۇنداقلا گۈللەنگەن تاڭ، خەن دەۋرىدىكى ئاۋات كوچىلارنىڭ ۋاراڭ ـ چۇرۇڭلىرى ئاڭلانغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.» بۇ قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ كارتىنىسى. بۈگۈنكى كۈندە، لىق يۈك قاچىلانغان پويىز ۋە ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى ياۋروپا ـ ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئۇچقاندەك قاتناپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بەلگە بولۇپ قالدى.

ئۇل ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق ساھە ۋە يادرولۇق مەزمۇن.

شىنجاڭ قەشقەردىن باشلانغان، ئەركەشتام پورتى ئارقىلىق قىرغىزىستان چېگراسى ئىچىگە تۇتاشقان جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تاشيولى ئالاي تاغ جىلغىسىنى بويلاپ ئەگرى ـ بۈگرى سوزۇلۇپ، ئوش ئارقىلىق ئۆزبېكىستانغا كىرىپ، ئاخىرىدا تاشكەنتكە يېتىپ بارىدىغان بولۇپ، ئېگىز تاغلاردىن ھالقىغان، راۋان ـ توسالغۇسىز بولغان خەلقئارا تىرانسپورت چوڭ تومۇرىغا ئايلاندى.

پۈتۈپ قاتناش باشلانغان بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تاشيولى لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە خەلق ئاممىسىغا ھەقىقىي قولايلىق ۋە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى.

ئەركەشتام پورتىدا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئېكسپورتىنىڭ سىجىل ئېشىشى چارۋىچى مۇسا پۇرخاننى ئالدىراش ئادەمگە ئايلاندۇردى. تاموژنىدىن چىقىرىشنى كۈتۈپ تۇرغان يېڭى ئاپتوموبىللار كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاموژنىدىن چىقىرىش ۋاقتى چەكلىك بولغاچقا، مۇساغا ئوخشاش «شوپۇر»لار ئارقىلىق ئاپتوموبىللارنى تاموژنىدىن چىقىرىش تەرتىپىنى ماسلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

شەرقتە ئەركەشتام پورتىدىن يولغا چىقىپ، غەربكە قاراپ مېڭىپ، قىرغىزىستاننىڭ ئوش ئوبلاستى تەۋەسىدىن ئۆتكەندە، رۇسچە «سارتارى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كەنت بار. جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تاشيولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.

«ئىلگىرى ياسالغان تاشيوللار ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ، كەنتىمىزمۇ كۈنسېرى خارابلاشقانىدى.» كەنتتىكى بوۋاي نۇرسۇلتان مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىركىتى بىزگە ياردەم قىلىپ يول ياساپ بەردى، يۇرتىدىن ئايرىلغان نۇرغۇن ياشلار قايتىپ كەلدى، كەنتنىڭ ھاياتىي كۈچى ئاستا ـ ئاستا ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ.

جۇڭگو شىنجاڭ كارخانىسى − ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان داتكا − كېمىن توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يەرلىك كىشىلەر «ئەسىر قۇرۇلۇشى» «بەخت قۇرۇلۇشى» دەپ تەرىپلىشىدۇ. بۇ نامنى شىنجاڭلىق سودىگەر سۇ فېڭيىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق دەپ قارىدى.

قىرغىزىستاندا، سۇ، توك بايلىقى مول بولسىمۇ، لېكىن جەنۇب، شىمالدا تەكشى ئەمەس، بولۇپمۇ شىمالىي قىسىمدىكى رايونلار توك كەمچىل بولۇشنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتى. «بۇ يەرگە يېڭى كەلگەندە، دائىم توك توختاپ قالاتتى، بولۇپمۇ قىشتا توك ئىشلىتىشكە چەك قويۇش دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ئىش ئىدى» دېدى سۇ فېڭيىڭ ئەسلەپ.

ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كەمچىل بولۇش شۇ جايدىكى خەلقنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان «كونا، چوڭ، قىيىن» مەسىلىگە ئايلىنىپلا قالماي، يەنە قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىمۇ چەكلەپ قويغانىدى.

ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ئۈچ يىل ۋاقىتتا بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈپ، قىرغىزىستانغا جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىر تورى بەرپا قىلىپ بېرىپ، شۇ جاينىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئۇل ئەسلىھەلىرى قالاق بولۇشتەك ھالىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى.

سۇ فېڭيىڭنىڭ تىجارىتىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى. ئۇ تۇرۇۋاتقان بېشكەكتىكى جۇڭخەي بازىرىدا، جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلار كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلقنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنى ياخشىلىدى.

جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى ۋە بىرىنچى چوڭ ئىمپورت مەنبەسى دۆلىتىلىك ئورنىنى ئۇزاق مۇددەت ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ئىزچىل تۈردە قىرغىزىستاندىكى چەت ئەل سودىگەرلىرى سېلىنمىسىنىڭ ئاساسلىق مەنبە دۆلىتى بولۇپ كەلدى.

تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگو كارخانىلىرى قىرغىزىستاندا 700گە يېقىن شېرىكسىز ياكى شېرىكلەشكەن كارخانا قۇرغان، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، نېفىت ـ تەبىئىي گاز پىششىقلاش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭغا قاتناشقان شىنجاڭ كارخانىلىرىمۇ كۆپ بولۇپ، شۇ جاينىڭ باج كىرىمىنى ئاشۇرۇش، نۇرغۇن ئىش ئورنى يارىتىش جەھەتتە ياخشى ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيەت ئۈنۈمى ياراتقان.

شۇ جايدىكى خۇارېنلار ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، كۆپچىلىك كېلىشىۋالغاندەكلا مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى قىرغىزىستانغا ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، جۇڭگو كارخانىلىرى مەبلەغ سېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىپادىسى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولدى.

خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇش، ئىللىق كەيپىيات قويۇق بولۇش

«دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىگە باغلىق، خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشى خەلق رىشتىنىڭ تۇتىشىشىغا باغلىق.» خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇش «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ جەمئىيەت ئاساسى، ئەڭ ئۇللۇق، ئەڭ پۇختا، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش.

9ـ ئاينىڭ 19ـ كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ داشۆ خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لياڭ يەن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىدىن بېشكەككە ماڭدى. ئۇنىڭ سومكىسىدا شىنجاڭ داشۆ خەنزۇ تىلى كەسپىنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى بار ئىدى.

«شىنجاڭ داشۆگە كېلىپ جۇڭگو تىل ـ يېزىقىدا بىلىم ئاشۇرۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.» شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، لياڭ يەن قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى بېشكەك دۆلەتلىك داشۆ كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سەيدىن ئۇلۇ ئوماتنىڭ قولىغا تاپشۇرغاندا، يىگىت ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى يوشۇرالمىدى.

«بۇ بىرقانچە يىلدا، قىرغىزىستاندىكى جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەرقايسى جايلاردا بەس ـ بەستە مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇردى.» سەيدىن ئۇلۇ مۇنداق دېدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىلىم ئاشۇرۇشتىكى مەقسىتىم تىل ئىقتىدارىمنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن.

«شىنجاڭ داشۆ ۋە شىنجاڭ سىفەن داشۆسى قىرغىزىستاندىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بىرلىكتە تۆت كۇڭزى شۆيۈەنى ۋە 21 كۇڭزى دەرسخانىسى قۇردى، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك جۇڭگو تىل ـ يېزىقى دەرسى تەسىس قىلىندى.» لياڭ يەن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەتلەردە كۇڭزى شۆيۈەنى ۋە كۇڭزى دەرسخانىسى تەسىس قىلىندى ھەم ئۇ شۇ جاينىڭ مائارىپ سىستېمىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇپ، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

شىنجاڭدىكى قىرغىز مىللىتى قىرغىزىستاندىكى قىرغىز مىللىتى بىلەن يىلتىزداش، مەنبەداش. مىڭ نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى، يىپەك يولىدىكى قەھرىمانلىق ئېپوسى «ماناس»نى ئۇلار ئورتاق ئېيتقان. بۈگۈنكى كۈندە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش داۋامىدا، ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە ئالغا ئىلگىرىلىدى، «ماناس» يېڭى ھاياتىي كۈچى ۋە جۇشقۇنلۇقىنى ئۇرغۇتتى.

2022ـ يىلى، ئون نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، سەككىز بۆلۈم، 18 توم، 230 مىڭ مىسرادىن ئاشىدىغان، 20 مىليون خەتتىن ئارتۇق كېلىدىغان «ماناس»نىڭ خەنزۇچە تولۇق تەرجىمە نۇسخىسى تۇنجى قېتىم تارقىتىلدى. «ماناس»نىڭ خەنزۇچە تولۇق تەرجىمە نۇسخىسىنى ئاساسلىق تۈزگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى خې جىخۇڭ نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى.

«<ماناس> جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنىۋى بايلىقى ۋە يىپەك يولى مەدەنىيەت گۆھىرى، ئۇنى ئورتاق قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش زۆرۈر، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدا قەلبلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر دوستلۇق كۆۋرۈكى بەرپا قىلىش كېرەك.» ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ماناسنىڭ ھېكايىسى ۋە روھى تىنچلىق، دوستلۇقنى قىزغىن سۆيىدىغان تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر تەرىپىدىن ئېيتىلىدۇ ۋە مەدھىيەلىنىدۇ.

«ساغلام يىپەك يولى» «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. 9ـ ئاينىڭ 16ـ كۈنى، «ساغلاملىق تېز پويىزى قىرغىزىستان يورۇقلۇق سەپىرى» بېشكەكتە رەسمىي باشلاندى. بېيجىڭ داشۆ خەلق دوختۇرخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئىككى داۋالاش ئەترىتى ھەقسىز ھالدا كۆزىگە ئاق چۈشكەن 600 ئاغرىقنى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدى.

«جۇڭگولۇق دوختۇرلارغا رەھمەت، كۆزۈمنى داۋالاپ ساقايتتى.» ئوپېراتسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاغرىق تالانت مۇتەللىپوف يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشكەندەك بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ساغلاملىق تېز پويىزى قىرغىزىستان يورۇقلۇق سەپىرى» ماڭا يورۇقلۇق ئاتا قىلىپلا قالماي، يەنە قىرغىزىستان ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، كۆز كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ ھەرىكەت ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى، قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇق تەرەققىياتىنى كۆرسەتتى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىغا 10 يىل بولغاندا، جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت شىنجاڭنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ خىل شەكىلدىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ خەلق رايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى.

10 يىللىق بوران ـ چاپقۇنلۇق مۇساپىدە، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى نامايان قىلماقتا. جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان بىرلىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشى «نەپىس سىزما» رەسىمىنى ئورتاق سىزىش ماھارىتى جەزمەن تېخىمۇ نەپىس، كۈچلۈك بولىدۇ.

发布时间 :
2023/10/07
责任编辑 :
栏目归属 :
奔腾之路 · 洞见
يوللانغان ۋاقتى:
2023/10/07
مەسئۇل مۇھەررىر :
تەۋە سەھىپە:
ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . كۆزىتىش
相关专题
مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس سەھىپىلەر