تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې لۇڭ فوتوسى، خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 14-كۈنى، جېڭجوۋ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسىپورت ئىسكىلاتىدا، ئىشچىلار ماللارنى توشۇپ قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئىگىلىنىشىچە، جېڭجوۋ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى ئېچىش-قۇرۇش چەكلىك شىركىتى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، «تىرانسپورت-سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»نى يولغا قويۇپ، بىۋاسىتە سېتىۋېلىش، بىۋاسىتە توشۇش، بىۋاسىتە تىجارەت قىلىش ئارقىلىق، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى بىلەن بىۋاسىتە ھەمكارلاشقان. نۆۋەتتە، بۇ شىركەت ئالاتاۋ، قورغاس قاتارلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەتتە چېگرادىن كىرىش ـ چىقىش پورتى ئارقىلىق، خېنەننى ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى (ياپونىيە، كورېيە قاتارلىق) بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلدى. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت يىغىش-تارقىتىش تورى سىستېمىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق رايونلاردىكى 140 نەچچە شەھەرنى قاپلىدى، 2013-يىلدىن ھازىرغىچە بولغان 10 يىلدا، جېڭجوۋ-شىنجاڭ-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 8000 قېتىمدىن ئارتۇق قاتنىدى، توشۇلغان ماللارنىڭ تۈرى 10 مىڭ خىلدىن ئاشتى.
8-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئىشچىلار جېڭجوۋ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسىپورت ئىسكىلاتىدا يۆتكەش-توشۇش ماشىنىسى ئارقىلىق يۈك توشۇماقتا.
8-ئاينىڭ 14-كۈنى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى − <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش» شۆبە ئەترىتىدىكىلەر جېڭجوۋ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى ئېچىش-قۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى گو شىننيەننى زىيارەت قىلماقتا.
8-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئىشچىلار توشۇلىدىغان يۈكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جېڭجوۋ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسىپورت ئىسكىلاتىدىكى بىر يۈك ساندۇقىغا ماللارنى رەتلىك تىزىپ مۇقىملاشتۇرماقتا.
8-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئىشچىلار جېڭجوۋ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسىپورت ئىسكىلاتىدا ئۇدۇل كۆتۈرمە ماشىنىسى ئارقىلىق يۈك ساندۇقىنى قاچىلاش مەشغۇلاتى قىلماقتا.