奔腾之路 · 行吟

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . سەپەر جەريانىدا ئاڭلىغانلىرىمىز

孔子学院架起一座“桥”

石榴云/新疆日报记者 李华 刘翔 黑宏伟

“每个人的一生,不论聪明还是愚蠢,不论幸福还是不幸,只要他一离开母体,就睁着眼睛追求光明……”

9月19日下午,当落日余晖洒向比什凯克国立大学的主教学楼,诗人艾青的现代诗歌作品《光的赞歌》从这幢厚重典雅建筑的一扇窗户飘出,书声琅琅,诗韵流长。

然而这里是吉尔吉斯斯坦,谁在诵读中文诗歌?

带着疑问,循声而去,登上主教学楼二楼,答案便很明确——一间教室的门旁,“孔子学院”四字牌匾闪闪夺目。步入“院”内,是一群来自吉尔吉斯斯坦各地的学生。他们正努力念准每一个字,专注的眼神中,满是对中国文化的渴望。

孔子的雕像就慈祥地立在学生们的身后,左右两边各书:“三人行必有我师”“温故而知新”。

今年是共建“一带一路”倡议提出10周年,也是古丽扎特·伊萨玛托娃担任比什凯克国立大学孔子学院吉方院长第10年。“多年来,我和中方伙伴始终致力于为吉中各领域发展培养所需中文人才。”她说。

伊萨玛托娃所说的“中方伙伴”,是新疆大学。2008年6月15日,新疆大学与比什凯克国立大学合作,在吉尔吉斯斯坦建立了该国第一所孔子学院。

比什凯克国立大学孔子学院成立后,按照孔子学院章程,逐步完善教学及日常管理制度,本着相互尊敬、友好协商、平等互利的原则,双方在中文教学和中吉教育文化等方面开展交流与合作。

陈瑜是新疆大学2019年派至比什凯克国立大学孔子学院的中文老师。据她回忆,当时学生们学习中文的热情十分高涨,每次上课,几乎没有空座。“‘一带一路’倡议提出后,共建国家‘中文热’持续升温。新疆大学、新疆师范大学和吉尔吉斯斯坦陆续又合作开设了3所孔子学院,几乎所有一流院校均开设了中文课。”陈瑜说。

究其原因,伊萨玛托娃认为,“中国取得的一系列发展成就举世瞩目,学习中文可以为吉尔吉斯斯坦年轻一代打开通向世界的大门。”

孔子学院是中国看世界的眼睛,也是世界看中国的窗口。

除了教授中文课程,比什凯克国立大学孔子学院还持续推广和普及中国现代文化。

教室内,几十幅当地学生用国画艺术、剪纸艺术描绘中国以及自己国家人物和风景的作品依次摆开。楼下一层,则是于2019年揭牌成立的比什凯克国立大学“中国馆”。林立的书架上摆放着千余种介绍中国经济、政治、文化、社会、生态、科技等方面内容的图书和影音产品,电脑屏幕上展示着介绍中国文化的数字资源。

只有加强文化交流,才能促进中吉两国民心相通和共同发展。成立至今,比什凯克国立大学孔子学院举办会议、讲座、节日庆典、文艺演出、图片展、汉语桥比赛等各类活动500余场次,数万人次前来参加。

“孔子学院以语言为媒,架起了民心相通的友谊之桥。”比什凯克国立大学孔子学院中方院长杜华表示,在孔子学院开展中文教学和传播中国文化的过程中,老师和学生之间、孔子学院和当地民众之间都结下了深厚的友谊,也将友谊的种子传递至两国的友好交流中。

当天,课堂上还有11名学生收到了来自新疆大学的录取通知书。比什凯克国立大学汉语翻译系学生阿布迪萨塔罗娃·努里扎是其中之一,她兴奋不已。

“美丽的中国新疆是我们的好邻居,也是我一直向往的地方。”她说,这次能前往新疆大学继续进修中文,是难得的机会。现在吉中共建“一带一路”倡议下的项目不断增多,进一步学好中文,毕业后有机会到跨国公司工作,自己将从“一带一路”的受益者成为实践者。

经过15年发展,如今,比什凯克国立大学孔子学院已开设9个孔子课堂、10个教学点,中文学习人数超过4000人。

“相信,未来随着中吉两国合作关系的不断深入,比什凯克国立大学孔子学院将为两国友谊作出更大贡献。”杜华说。

كۇڭزى شۆيۈەنى بىر «كۆۋرۈك» بەرپا قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى خۇا، ليۇ شياڭ، خېي خۇڭۋېي

«ھەربىر ئادەم ھاياتىدا مەيلى ئەقىللىق ياكى ھاماقەت بولسۇن، مەيلى بەختلىك ياكى بەختسىز بولسۇن، ئۇ ئانا تېنىدىن ئايرىلغان ھامان، كۆزىنى ئېچىپلا يورۇقلۇققا ئىنتىلىدۇ...»

9- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن، كەچكى شەپەق نۇرى بېشكەك دۆلەتلىك داشۆنىڭ ئاساسىي ئوقۇتۇش بىناسىغا چۈشۈپ تۇراتتى، شائىر ئەي چىڭنىڭ «يورۇقلۇققا مەدھىيە» ناملىق ھازىرقى زامان شېئىرى ئەسىرى بۇ ھەيۋەتلىك، كۆركەم ئىمارەتنىڭ دېرىزىسىدىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى، كىتاب ئوقۇۋاتقان، دېكلاماتسىيە قىلىۋاتقان ئاۋازلار جاراڭلاپ تۇراتتى.

ھالبۇكى، بۇ جاي قىرغىزىستان، كىم جۇڭگو تىل - يېزىقىدىكى شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىۋاتقاندۇ؟

ھەيرانلىق ئىچىدە ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق، ئاساسىي ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 2- قەۋىتىگە چىققىنىمىزدا ئېنىق جاۋابقا ئېرىشتۇق − بىر سىنىپنىڭ ئىشىكى يېنىغا ئېسىلغان «كۇڭزى شۆيۈەنى» دېگەن ۋىۋىسكا كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى. «شۆيۈەن» ئىچىگە كىرگىنىمىزدە، قىرغىزىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بىر توپ ئوقۇغۇچىلارنى كۆردۇق. ئۇلار ھەربىر خەتنى توغرا ئوقۇشقا تىرىشىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ دىققەت بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرىدىن جۇڭگو مەدەنىيىتىگە بولغان تەشنالىق چىقىپ تۇراتتى.

كۇڭزىنىڭ مېھرىبانلىق چىقىپ تۇرغان ھەيكىلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارقىسىدىكى تامنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلغانىدى، ئوڭ - سول تەرىپىگە: «ئۈچ ئادەمنىڭ ئىچىدىن چوقۇم بىر ئۇستاز چىقىدۇ» «ئۆتمۈشنى ئەسلەپ يېڭىنى بىلىش» دېگەن خەتلەر ئېسىلغانىدى.

بۇ يىل «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، شۇنداقلا گۈلزات ئىسماتوۋانىڭ بېشكەك دۆلەتلىك داشۆ كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ قىرغىزىستان تەرەپ مۇدىرى بولغانلىقىنىڭ 10- يىلى. «كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەن جۇڭگو تەرەپ ھەمراھىمىز بىلەن باشتىن - ئاخىر قىرغىزىستان - جۇڭگو ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان جۇڭگو تىل - يېزىقىنى بىلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچ چىقاردۇق» دېدى ئۇ.

ئىسماتوۋا ئېيتقان «جۇڭگو تەرەپ ھەمراھى» شىنجاڭ داشۆ ئىدى. 2008- يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى، شىنجاڭ داشۆ بېشكەك دۆلەتلىك داشۆ بىلەن ھەمكارلىشىپ، قىرغىزىستاندا بۇ دۆلەتتىكى تۇنجى كۇڭزى شۆيۈەنىنى قۇرغان.

بېشكەك دۆلەتلىك داشۆ كۇڭزى شۆيۈەنى قۇرۇلغاندىن كېيىن، كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە، ئوقۇتۇش ۋە كۈندىلىك باشقۇرۇش تۈزۈملىرى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، دوستانە كېڭىشىش، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئىككى تەرەپ جۇڭگو تىل - يېزىقى ئوقۇتۇشى ۋە جۇڭگو - قىرغىزىستان مائارىپ - مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇردى.

چېن يۈ شىنجاڭ داشۆ 2019- يىلى بېشكەك دۆلەتلىك داشۆ كۇڭزى شۆيۈەنىگە ئەۋەتكەن جۇڭگو تىل - يېزىقى ئوقۇتقۇچىسى. ئۇنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئەينى چاغدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ھەر قېتىملىق دەرستە ئاساسەن بوش ئورۇن قالمايدىكەن. «<بىر بەلباغ، بىر يول> تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەتلەردە <جۇڭگو تىل - يېزىقى قىزغىنلىقى> سىجىل يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى قىرغىزىستان بىلەن ئارقا - ئارقىدىن يەنە ھەمكارلىشىپ ئۈچ كۇڭزى شۆيۈەنى قۇردى، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك جۇڭگو تىل - يېزىقى دەرسى تەسىس قىلىندى» دېدى چېن يۈ.

بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئىسماتوۋا مۇنداق قارىدى: «جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن بىر قاتار تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، جۇڭگو تىل - يېزىقى ئۆگىنىش قىرغىزىستاندىكى ياش ئەۋلادلارغا دۇنياغا تۇتىشىدىغان دەرۋازىنى ئېچىپ بېرەلەيدۇ».

كۇڭزى شۆيۈەنى جۇڭگو دۇنيانى كۆرىدىغان كۆز، شۇنداقلا دۇنيا جۇڭگونى كۆرىدىغان كۆزنەك.

جۇڭگو تىل - يېزىقى دەرسى ئۆتكەندىن سىرت، بېشكەك دۆلەتلىك داشۆ كۇڭزى شۆيۈەنى يەنە جۇڭگونىڭ زامانىۋى مەدەنىيىتىنى سىجىل كېڭەيتتى ۋە ئومۇملاشتۇردى.

دەرسخانىدا، شۇ جايدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭگوچە رەسىم سەنئىتى، قەغەز قىيما سەنئىتى ئارقىلىق جۇڭگو ھەمدە ئۆز دۆلىتىدىكى شەخسلەر ۋە مەنزىرىلەرنى تەسۋىرلىگەن نەچچە ئون پارچە ئەسىرى رەتلىك تىزىلغانىدى. بىنانىڭ ئاستىنقى بىر قەۋىتى 2019- يىلى يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلغان بېشكەك دۆلەتلىك داشۆنىڭ «جۇڭگو سارىيى» ئىدى. قاتار كەتكەن كىتاب جازىلىرىغا جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە، پەن - تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلىرىگە دائىر مەزمۇنلار تونۇشتۇرۇلغان 1000 خىلدىن ئارتۇق كىتاب ۋە ئۈن - سىن مەھسۇلاتلىرى تىزىلغان بولۇپ، كومپيۇتېر ئېكرانىدا جۇڭگو مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلغان رەقەملىك بايلىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتكەندىلا، جۇڭگو - قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، بېشكەك دۆلەتلىك داشۆ كۇڭزى شۆيۈەنى يىغىن، لېكسىيە، بايرام تەبرىكلەش مۇراسىمى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى، سۈرەت كۆرگەزمىسى، خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى مۇسابىقىسى قاتارلىق 500 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى، بۇنىڭغا نەچچە ئونمىڭ ئادەم قېتىم قاتناشتى.

«كۇڭزى شۆيۈەنى تىلنى ۋاسىتە قىلىپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرىدىغان دوستلۇق كۆۋرۈكى سالدى.» بېشكەك دۆلەتلىك داشۆ كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ جۇڭگو تەرەپ مۇدىرى دۇ خۇا مۇنداق بىلدۈردى: كۇڭزى شۆيۈەنى جۇڭگو تىل - يېزىقى ئوقۇتۇشىنى قانات يايدۇرۇش ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتىنى تارقىتىش جەريانىدا، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا، كۇڭزى شۆيۈەنى بىلەن شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى ئارىسىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئالماشتۇرۇشى جەريانىدا دوستلۇق ئۇرۇقىنى چاچتى.

شۇ كۈنى، دەرسخانىدا يەنە 11 ئوقۇغۇچى شىنجاڭ داشۆدىن كەلگەن قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى. بېشكەك دۆلەتلىك داشۆ خەنزۇتىلى تەرجىمە فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇساتتاروۋا نۇرىزا شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ناھايىتى ھاياجانلاندى.

«گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭ بىزنىڭ ياخشى قوشنىمىز، شۇنداقلا مەن ئىزچىل تەلپۈنۈۋاتقان جاي.» ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم شىنجاڭ داشۆگە بېرىپ جۇڭگو تىل - يېزىقىدا داۋاملىق بىلىم ئاشۇرۇش مەن ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت. ھازىر قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىدىكى تۈرلەر ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، جۇڭگو تىل - يېزىقىنى يەنىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن پۇرسەت بولسا دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرگە بېرىپ خىزمەت قىلسام، مەن «بىر بەلباغ، بىر يول»دىن مەنپەئەتلەنگۈچىدىن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىگە ئايلىنىمەن.

15 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە، بېشكەك دۆلەتلىك داشۆ كۇڭزى شۆيۈەنىدە توققۇز كۇڭزى دەرسخانىسى، ئون ئوقۇتۇش نۇقتىسى تەسىس قىلىندى، جۇڭگو تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىدىغانلار 4000دىن ئاشتى.

«ئىشىنىمەنكى، كەلگۈسىدە جۇڭگو - قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بېشكەك دۆلەتلىك داشۆ كۇڭزى شۆيۈەنى ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ» دېدى دۇ خۇا.

发布时间 :
2023/09/25
责任编辑 :
栏目归属 :
奔腾之路 · 行吟
يوللانغان ۋاقتى:
2023/09/25
مەسئۇل مۇھەررىر :
تەۋە سەھىپە:
ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . سەپەر جەريانىدا ئاڭلىغانلىرىمىز
相关专题
مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس سەھىپىلەر