□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، لى چۇنشيا
9- ئاينىڭ 13- كۈنى، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرى ساپايېۋا كوچىسى 29- نومۇر، سىم - سىم يامغۇر ئىككى قەۋەتلىك بىر كىچىك بىنانى ئوراپ تۇرغان فىرانسىيە چىنارىنى نەمدەپ تېخىمۇ ياپيېشىل قىلىۋەتكەنىدى.
كىچىك بىناغا قانچىكى يېقىنلاشقانسېرى، تېلېفوننىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازى، كۇنۇپكا تاختىسىنى باسقان ئاۋاز، يىغىن زالىدىكى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان ئاۋازلارنى شۇنچە ئېنىق ئاڭلىغىلى بولاتتى.
ساپايېۋا كوچىسى 29- نومۇرغا جايلاشقان شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق پورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قازاقىستاندىكى ئىش بېجىرىش ئورنى 2022- يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاساسلىق ۋەزىپىسى قازاقىستاننىڭ تاموژنا، تۆمۈريول، باج قاتارلىق تارماقلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رەقەملەشكەن تېخنىكا بىلەن رەقەملەشكەن ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسىنى تىرەك قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ تاشقى سودا كارخانىلىرى بىلەن قازاقىستاندىكى ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئارىسىدا ئىشەنچ مېخانىزمى ۋە ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن ئاساس سېلىش بولدى.
300 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە، شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق پورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاچقان جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ تورلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سۇپىسى توردا يۈرۈشتۈرۈلگەندىن كېيىن، چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ رايون ئىچىدە ئىلتىماس قىلىش، تارقاقلاشتۇرۇپ يىغىپ توشۇش ۋە ئاپتوماتىك تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش قاتارلىق فۇنكسىيەلەرنىڭ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى. لېكىن شىركەتنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ شياۋجيەننىڭ نەزەرىدە، بۇ تېخى يېتەرلىك ئەمەس ئىدى.
«نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ قۇرۇلۇپ يۈرۈشتۈرۈلۈشى پەقەتلا بىزنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىرتقا چىقىپ، قازاقىستاننىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچ قوشۇپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزدىكى بىر قېتىملىق پايدىلىق سىناق بولدى.» ۋاڭ شياۋجيەننىڭ تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىللىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بولسا، «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش» ئارقىلىق «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش»قا كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ رەقەملىك يىپەك يولى تاشقى سودا كەسىپ سىستېمىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش جەھەتتە ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو - قازاقىستان ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىدە تېخىمۇ قولايلىققا ئېرىشىشى ھەم تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش.
قانداق قىلغاندا تۇتاشتۇرۇش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرغىلى بولىدۇ؟ 2021- يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: تاموژنا سودا بىخەتەرلىكى ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئاقىل تاموژنا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق چېگرا، ئاقىل - ھەمبەھرىلىك تۇتاشتۇرۇش» ھەمكارلىقىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.
شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق پورت تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان جۇڭگو پورت جەمئىيىتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇتەخەسسىسى دۇەن لىنشياۋنىڭ قارىشىچە، بۇ، دۆلەت قاتلىمىدىن دىققەتنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، «جۇڭگو لايىھەسى»نىڭ سىرتقا چىقىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مېتودولوگىيە ئىكەن.
«كىمكى بۇ <مېتودولوگىيە>دىن ئالدىن ياخشى پايدىلىنالىسا، شۇ رەقەملەشكەن پورت قۇرۇلۇشى جەھەتتە پۇرسەتنى ئالدىن قولغا كەلتۈرەلەيدۇ» دېدى دۇەن لىنشياۋ.
شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق پورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قازاقىستاندىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ يىل 3- ئايدا، جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكى بىلەن بىللە قازاقىستانغا زىيارەتكە بارغاندا، شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق پورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قازاقىستان دۆلەت تۆمۈريول شىركىتى بىلەن «دۆلەت ھالقىغان تۆمۈريول رەقەملىك سودا تالونى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى»نى بىرلىكتە قۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ھازىر، كۆپچىلىك بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسىنى توردا يۈرۈشتۈرۈشكە تۈرتكە بولماقتا.
ھەر كۈنى تولىمۇ ئالدىراش ئىشلىگەچكە، قازاقىستانلىق خىزمەتچى ئەلىدە ھېرىپ - چارچىغىنىنىمۇ تۇيماي قالاتتى.
«سۇپا قازاقىستاندا توردا يۈرۈشتۈرۈلگەندىن كېيىن، قازاقىستان تەرەپنىڭ تۆمۈريول، پوچتا، تاشيول پورتى ھەم تاموژنىسىنىڭ ئۇچۇرلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروتىنى تېخىمۇ تېزلەشتۈرۈشى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇشىغا ياردىمى بولدى.» ئەلىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگودىن كەلتۈرۈلگەن ماللار قازاقىستانغا توشۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، جۇڭگو تەرەپ بىلەن سانلىق مەلۇماتنى جىپسىلاشتۇرۇش تېخنىكا تىرىكى كەمچىل بولغاچقا، قازاقىستان تەرەپنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى تالون قاتارلىق چەك ئۇچۇرلىرىنى ئادەم كۈچى ئارقىلىق كىرگۈزەتتى، لېكىن چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ، قازاقىستان تۆمۈريول تارمىقىنىڭ تاموژنا رەسمىيىتىنى تاماملىشى، تاموژنىغا يوللىشىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى.
شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق پورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى «جۇڭگو (شىنجاڭ) خەلقئارا سودا يەككە كۆزنىكى» سۇپىسىنى ئېچىپ يۈرۈشتۈرۈش ئاساسىدا، خەلقئارا سودا يەككە كۆزنىكىنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، B2B رەقەملەشكەن مۇھىت كۆپ تەرەپ ھەمكارلىقى ئارقىلىق، جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەت خېرىدارلىرىنى دۆلەت ھالقىغان رەقەملەشكەن تالون مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، قازاقىستان تۆمۈريول تارمىقىنىڭ تاموژنا رەسمىيىتىنى تاماملاش ئومۇمىي ۋاقىت ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.
ئەلىدە مائۇسنى يېنىك چېكىپ، «جۇڭگو (شىنجاڭ) خەلقئارا سودا يەككە كۆزنىكى» سۇپىسىغا مال تىزىملىكى تالونى قاتارلىق ئاساسىي ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈشى بىلەن، سىستېما مال سانى، تۈرى، ئېغىرلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسىي ئۇچۇرلارنى دەرھال كۆرسىتىپ بەردى. توشۇش تالونىنى يوللىغاندىن كېيىن، سىستېما ماللارنى ئاپتوماتىك بىرلەشتۈرۈپ، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجى بويىچە ئىنگلىزچە، رۇسچە، قازاقچە قاتارلىق كۆپ خىل تىل - يېزىقتا تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونىنى چىقىرىپ بەردى. قازاقىستان تەرەپ تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سىزىقلىق كودنى سىكاننېرلىسىلا، تالوننى چىقىرالايدۇ. بۇ، ماللارنىڭ جۇڭگودا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، تاموژنىغا مەلۇم قىلىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، قازاقىستان تەرەپنىڭ چېگرادىن كىرىش (چېگرادىن ئۆتۈش) تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونىنى ماس قەدەمدە تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقى، ماللار قازاقىستانغا توشۇپ كېلىنمەي تۇرۇپلا، مال تەپسىلاتىنىڭ ناھايىتى ئېنىق بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭدا تالوننى ئادەم كۈچى ئارقىلىق تولدۇرۇش ھاجەتسىز، بىر ۋاگون مالنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا پەقەت 45 سېكۇنتلا كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تاموژنا رەسمىيىتىنى تاماملاش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
«سۇپىنى ئېچىش جەريانىدا ئەڭ تەس بولغان قىسمى، ماللارغا قازاقىستان تەرەپنىڭ تاۋار كودىنى چاپلاپ، جۇڭگو تەرەپ ئۆلچىمى بىلەن قازاقىستان تەرەپ ئۆلچىمىنى يوچۇقسىز ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولدى. ھازىر سۇپىدا ساقلانغان تاۋار كودى 260 مىڭغا يەتتى.» ۋاڭ شياۋجيەن مۇنداق دېدى: رەقەملىك ئىقتىسادتىكى «جۇڭگو لايىھەسى»نىڭ سىرتقا چىقىشىدىكى پايدىلىق سىناق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھازىر، رامكا كېلىشىمىگە ئالاقىدار رەقەملەشكەن سىستېما سۇپىسىنىڭ 1.0 نۇسخىسىنىڭ ھەممىسى تولۇق ئېچىلىپ بولدى ھەم توردا سىناق قىلىش تاماملاندى، قازاقىستان تەرەپ بىلەن تورغا چىقىرىپ يۈرۈشتۈرۈش ۋاقتىنى كېلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئەمەلىي مەشغۇلات ئېلىپ بارساقلا بولىدۇ.
«قورغاس (جۇڭگو) − نۇرجول (قازاقىستان) تاشيول پورتى چېگرا ھالقىغان رەقەملەشكەن ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى» «قازاقىستان پوچتا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى قۇرۇلۇشى تىجارىتى ۋە يۈرۈشلەشكەن رەقەملىك ئەشيا ئوبوروتىدا تاموژنا رەسمىيىتىنى تاماملاش سىستېمىسى»... شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق پورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سىرتقا چىقىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، سانلىق مەلۇمات ئارقىسىدىكى ئىقتىسادىي قىممەت يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قېزىلىپ، ماڭغانسېرى كېڭىيىۋاتقان رەقەملىك يىپەك يولى جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ كەلگۈسىدىكى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.
«بىز قازاقىستان تەرەپنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بولغان ئۇدۇللىشىشنى تېزلىتىۋاتىمىز، بۇ دۆلەت ھالقىغان رەقەملەشكەن تالون ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى ناھايىتى تېزلا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ» دېدى ئەلىدە.