ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى فەن چيۇڭيەن، گو لىڭ
11 كىشىدىن تەشكىللەنگەن بىر كوللېكتىپ يۈكسەك ئىرادىنى قەلبىگە پۈككەن ھالدا ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە كەلدى. ئايروپىلاندىن چۈشكەندىن كېيىن، ئۆمەكتىكىلەر ھېرىپ ـ چارچىغىنىغا قارىماي، شىركەت قۇرماقچى بولغان جايغا ئاپتوموبىل بىلەن داۋاملىق يۈرۈپ كەتتى، ماڭغانسېرى قاقاسلىشىپ كېتىۋاتقان يولغا قاراپ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆڭلى سوۋۇشقا باشلىدى.
تۆت يىل ئىلگىرى، شىنجاڭ داداۋ ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، باش دىرېكتور ياڭ سېن ئاساس سېلىش كوللېكتىپىنى باشلاپ، تۈرنى ئۈرۈمچىگە ماكانلاشتۇرۇش ـ ماكانلاشتۇرماسلىق توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، يېرىمدىن كۆپرەك خادىمنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانىدى.
ھەر تەرەپكە تۇتاشقان يول تورى، نۇرغۇنلىغان 5G ئاساسىي پونكىتى، يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇقلار، يېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ياسىمىچىلىقى، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ياساش قاتارلىق بازىلار قۇرۇلدى... بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ داداۋ ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى قۇرغان لياڭخې يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق پەن ـ تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى، ھازىر ئۆز قارىمىقىدىكى ئۈچ ئاپتوموبىل ياساش شىركىتىنى «كەسىپ زەنجىرىدىكى يېتەكچى» قىلغان يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق ياسىمىچىلىقى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىۋاتىدۇ.
ئىلگىرى جابدۇق ياسىمىچىلىق تېخنىكا خادىمى بولغان ياڭ سېن قويۇق بېيجىڭ تەلەپپۇزى بىلەن مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: 20 ـ ئەسىرنىڭ 90ـ يىللىرىدا، مەن تۇرۇشلۇق شىركەت شىنجاڭ بىلەن زىچ ھەمكارلاشقان، شۇ چاغدا، بىر يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىنىڭ بۇرما مىخىنى بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ئادەم ئەۋەتىپ ئاپىرىپ بېرىشكە توغرا كېلەتتى.
«جابدۇق ياسىمىچىلىقى ياسىمىچىلىقنىڭ تۈۋرۈكى، بۇ كەسىپ زەنجىرىدە ئەگەر <زەنجىر ئۈزۈلۈپ قالسا>، قىيىنچىلىق كېلىپ چىقىدۇ.» ياڭ سېن مۇنداق دېدى: مەسىلەن، ئاپتوموبىل كەسپىدە، كىچىكى ئاپتوموبىل قۇلۇپى، ئاپتوموبىلنى كەينىگە ياندۇرۇش ئەينىكىدىن تارتىپ چوڭى موتور قاتارلىق ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىغىچە ھەممىسىنى شىنجاڭ سىرتىدىن سېتىۋېلىشقا توغرا كېلەتتى، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت تەننەرخىنىڭ يۇقىرىلىقىنى دېمەيلا قويايلى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىنىدىكى بۇ خىل كەمتۈكلۈك ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. خېلى بۇرۇنلا شىنجاڭغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغاندا، مەندە سانائەت باغچە رايونى قۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىش ئويى پەيدا بولغانىدى.
«<بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشى بىلەن شىنجاڭغا ئۈمىد باغلىدىم، شىنجاڭدا يەنە يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقى كارخانىلىرى كەمچىل بولغاچقا، بىز ھۆكۈمەتنىڭ سودىگەر چاقىرىش تارماقلىرى بىلەن تېز ۋە ئاسانلا پۈتۈشتۇق.» 2019ـ يىلى 10ـ ئايدا، ياڭ سېن ئاساس سېلىش كوللېكتىپىنى شىركەتنى ئۈرۈمچىگە ماكانلاشتۇرۇشقا قايىل قىلدى، 2020ـ يىلى 3ـ ئايدا، لياڭخې يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق پەن ـ تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى.
ياڭ سېن مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا، توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى بېيجىڭدىكىدىن ئۈچتىن ئىككى قىسىم تېجەپ قالغىلى، تەبىئىي گاز ئىشلىتىش تەننەرخىنى يېرىمدىن كۆپرەك تېجەپ قالغىلى بولىدۇ؛ شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقى مول، ئاساس سانائەت خام ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسى ئەرزان؛ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى يېقىن بولغاچقا، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىدىغان جابدۇقلارنىڭ تىرانسپورت تەننەرخى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى...
8ـ ئاينىڭ 17ـ كۈنى، مۇخبىرلار خىزمەتچى خادىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاپتوموبىل ھەيدەپ بىر يېپيېڭى يولدىن باغچە رايونىغا كىردى، رەت ـ رەت زامانىۋى زاۋۇت ئۆيلىرى كۆز يەتكۈسىز بولۇپ، كۆلىمى 8000 مودىن ئاشىدىغان غايەت زور گەۋدە ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەنىدى. يىرىك پىلان كۆرسەتمە خەرىتىسىدىن مۇخبىرلار باغچە رايونىدا يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق، يېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، مەخسۇس ئاپتوموبىل، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرى، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قاتارلىقلارنى ياساش بازىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى كۆردى.
شىنجاڭ داداۋ ئوقەتچىلىك شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق بازىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا كىرگەندە، زاۋۇت ئۆيىدە ئىشچىلارنى ئاساسەن ئۇچراتقىلى بولمايتتى، ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنىڭ شولىسى پارقىراق، پاكىز قېنىق يېشىل رەڭلىك يەر يۈزىدە ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.
2022ـ يىلى 12ـ ئايدا، بۇ شىركەتنىڭ بىر مەخسۇس ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، 12ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تۇنجى «كوئېنلۇن يىلپىزى» ناملىق ئاپتوموبىلنى قۇراشتۇرۇپ ئىشلەپچىقاردى. بۇ يىل 1ـ ئايدىن 7ـ ئايغىچە بۇ شىركەت 111 مىليون يۈەن مەھسۇلات قىممىتى ياراتتى. شىركەت ئىشلەپچىقىرىش ـ تىجارەت بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى گاۋ شۆمىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بىز يەنە چارۋىچىلارنى يۆتكەش ئاپتوموبىلى، تۇرالغۇ ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ئاپتوموبىلى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقاردۇق، بۇ ئاپتوموبىللار دۆلەت ئىچىدە سېتىلىپلا قالماي يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىندى.
شۇ كۈنى، مۇخبىرلار سانائەت باغچىسىدا شىنجاڭ يىسىدۇن سانائەت ياسىمىچىلىق پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ خاۋشياڭنى ئۇچراتتى. شىركىتىمىز ئاساسلىقى مېتال قۇرۇلمىلىق زاپچاسلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، سانائەت باغچە رايونىدىكى ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى بازىسىغا ماكانلىشىپ، شىنجاڭ سىرتىدىن 35 مىليون يۈەنلىك ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسى سېتىۋالدۇق. «شىركىتىمىز يىل ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ» دېدى ۋاڭ خاۋشياڭ.
شىنجاڭ يىسىدۇن شىركىتى داداۋ كارخانىسى كىرگۈزگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى كارخانا. «شىركىتىمىز تىزىمغا ئالدۇرۇشقا ئالاقىدار بارلىق رەسمىيەتلەرنى ئۈچ كۈندىلا بېجىرىپ بولدى، بەزى شەھەرلەردە بۇنىڭغا بىر ھەپتە ۋاقىت كېتىدۇ، مەن فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىمىزنىڭ مۇلازىمىتىنى ئالقىشلايمەن» دېدى ۋاڭ خاۋشياڭ ھاياجانلانغان ھالدا.
3ـ ئاينىڭ 28ـ كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شياڭياڭ شەھىرىدە «داداۋ بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، تەڭ نەپ ئالىدىغان كەلگۈسىنى يارىتىش» تېمىسىدىكى سودىگەر چاقىرىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى تونۇشتۇردى.
«ھۆكۈمەت سەھنە ھازىرلىغان، كەسىپ زەنجىرىدىكى يېتەكچى كارخانىلار باش رولچى بولغان بۇ قېتىمقى سودىگەر چاقىرىش تونۇشتۇرۇش داۋامىدا، بىز ئالتە كارخانىنى كىرگۈزدۇق، بۇ كارخانىلار يەنە يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىندىكى زاپچاس ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۈچ كارخانىنى ئېلىپ كەلدى.» ياڭ سېن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سودىگەر چاقىرىشتا، باغچە رايونىنىڭ گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى، ھاۋا تەڭشىگۈچ، رول قاتارلىق كەسىپ زەنجىرى ھالقىلىرى تولۇقلاندى، مول ھوسۇل ئېلىندى دېيىشكە بولىدۇ.
نۆۋەتتە، ياڭجوۋ شەھىرى خەنجياڭ ياڭزى ئاپتوموبىل ئىچكى بېزەك بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى، جىڭجوۋ شەھىرى خۇايۈەن ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى پاي چەكلىك شىركىتى، خۇبېي شىنرۇڭ كاڭشېڭ ماشىنىسازلىق پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 20 كارخانا سانائەت باغچىسىغا ماكانلاشتى.
ياڭ سېن كارخانىلارنىڭ «كەسىپ زەنجىرىدىكى يېتەكچى» بولۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ جابدۇق ياسىمىچىلىقى كارخانىلىرىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، پىرىسلاش، كەپشەرلەش، سۇۋاش، ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇش، ئاپتوموبىل ياساش ھۈنەر ـ سەنئىتى تولۇق بولغان، قۇيمىچىلىق، ئېلېكتىرلىك ھەل بېرىش، قىزدۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئاساسىي ھۈنەر ـ سەنئىتى مۇكەممەل بولغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.
ياڭ سېن مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، تۈر قۇرۇلۇشى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتىلىپ، پەن تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرى، سانائەت ئىشچىلىرى ئەڭ ياخشى تەمىنات بىلەن قوبۇل قىلىنىپ، مەبلەغ، يۈرۈشلۈك ئۇل ئەسلىھە قاتارلىقلاردىكى قىيىن مەسىلىلەر ئەڭ زور بىرىكمە كۈچ ئارقىلىق ھەل قىلىندى.
«باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇلتۇر 7ـ ئايدا شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، بۇ يىل 8ـ ئاينىڭ 26ـ كۈنى شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم قەدەم تەشرىپ قىلغاندا، كۆپ قېتىم شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى تىلغا ئېلىپ، ئىشەنچىمىزنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى. بىزنىڭ بۇ يىللىق نىشانىمىز 30 كارخانىنى كىرگۈزۈپ، ئاخىرىدا يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىندىكى 50تىن ئارتۇق يۈرۈشلەشكەن كارخانىنى كىرگۈزۈش.» ياڭ سېن تولۇق ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: كارخانىمىز شىنجاڭنىڭ ئۆز ئالدىغا كونترول قىلغىلى بولىدىغان بىخەتەر جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىدۇ.