奔腾之路 · 筑梦

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش

重卡一路向西驶出国门

石榴云/新疆日报记者 热依达 刘东莱

伴随着鸣笛声,红、白、黄、绿……一辆辆“巨无霸”从身边驶过。8月23日,新疆日报社(集团)“奔腾之路——‘一带一路’沿线大型全媒体报道”采访小分队来到位于西安经济技术开发区泾渭工业园的陕西汽车控股集团有限公司总部,各生产园区内繁忙的景象令记者不禁发出一声声赞叹。

在陕汽西安商用车产业园,身着白大褂的任敏康穿梭在各个配件库。

开生产例会、查阅订单、翻看生产计划、安排车辆、组织物料、清点已装车零部件……这是陕汽新疆汽车有限公司西安办事处主任任敏康的日常工作。

“货物从这里发出,通过汽车运输80多个小时抵达乌鲁木齐。我们必须精准无误地将新疆公司所需的配件配全,少一个螺丝都会耽误生产进度。”任敏康说。

任敏康从陕汽总部调任陕汽新疆公司西安办事处已有6年。这期间,他最大的感受就是越来越忙。“特别是从2021年开始,需要从这里发往新疆公司的发动机、驾驶室、变速箱等部件越来越多。数量多了,我的工作自然更忙了。”任敏康说。

2011年,陕汽新疆公司落地新疆,从2012年投产以来,共产销整车3.5万辆,产值累计101亿元。

“2017年开始,新疆公司生产的重卡车辆零部件都是我组织发运的。”任敏康一脸自豪地说。

2013年,共建“一带一路”倡议提出。作为中国首批整车及零部件出口企业,陕汽紧抓共建“一带一路”机遇,充分整合国际市场优势资源,与国际优秀伙伴紧密合作,在海外尤其是“一带一路”沿线的布局不断提速。

中亚地区是“一带一路”的首倡之地,也是陕汽的传统优势市场。

“近年来,随着共建‘一带一路’深入推进,新疆与中亚五国在经贸往来上越来越密切,落户乌鲁木齐的陕汽新疆公司就有了‘近水楼台先得月’的优势。”任敏康说,2021年陕汽新疆公司出口中亚300多辆车,2022年出口1600多辆,今年到8月底预计出口车辆超2900辆。

如今,新疆发挥独特的区位优势,积极服务和融入新发展格局,从实际出发抓好对外开放工作,成为我国向西开放的桥头堡。

“1月到8月,新疆公司生产汽车4000多辆,其中超一半都是出口中亚的。就在此刻,在新疆的阿拉山口口岸、霍尔果斯口岸、巴克图口岸等,就有我们的重卡驶出国门。”任敏康说。

“这几年,我不仅见证了陕汽新疆公司的发展,也见证了新疆对外贸易的发展。如今,新疆与中亚各国之间的贸易来往越来越密切,各口岸的通关效率越来越高,给我们重卡出口提供了很多便利。作为陕汽新疆公司的一员,今后我会一如既往地为公司生产配好所需部件,为共建‘一带一路’贡献力量。”任敏康说。

ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى غەربكە قاراپ مېڭىپ دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رايىدە، ليۇ دۇڭلەي

گۈدۈك ئاۋازىغا ئەگىشىپ، قىزىل، ئاق، سېرىق، يېشىل... رەڭدىكى ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كەتتى. 8- ئاينىڭ 23- كۈنى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى − <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش» زىيارەت تارماق ئەترىتى شىئەن ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ جىڭۋېي سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان شەنشى ئاپتوموبىل پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىشتابىغا كەلدى، ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش باغچە رايونلىرىدىكى ئالدىراش مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ مۇخبىرلار ئىختىيارسىز توختىماي ماختاپ كەتتى.

شەنشى ئاپتوموبىل پاي كونترول گۇرۇھىنىڭ شىئەن سودا ئاپتوموبىلى كەسىپلەر باغچىسىدا، ئاق خالات كىيگەن رېن مىنكاڭ ھەرقايسى زاپچاس ئامبارلىرى ئارىسىدا توختىماي مېڭىپ يۈرەتتى.

ئىشلەپچىقىرىش قەرەللىك يىغىنى ئېچىش، زاكاز تالونىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش، ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى كۆرۈش، ئاپتوموبىللارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ماتېرىيال تەشكىللەش، ئاپتوموبىلغا قاچىلىنىپ بولغان ئۇششاق زاپچاسلارنىڭ سانىنى ئېلىش... بۇ، شەنشى ئاپتوموبىل پاي كونترول گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى شىئەن ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇدىرى رېن مىنكاڭنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى.

«ماللار بۇ يەردىن يولغا سېلىنىپ، ئاپتوموبىل ئارقىلىق توشۇلۇپ 80 نەچچە سائەتتە ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىدۇ. بىز جەزمەن شىنجاڭدىكى شىركەت ئېھتىياجلىق بولغان زاپچاسلارنى دەل جايىدا، خاتاسىز تولۇق سەپلەپ بېرىشىمىز كېرەك، ۋېنتىدىن بىرى كەم بولۇپ قالسا ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىگە دەخلى يەتكۈزىدۇ» دېدى رېن مىنكاڭ.

رېن مىنكاڭنىڭ شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىشتابىدىن شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ شىئەن ئىش بېجىرىش ئورنىغا يۆتكىلىپ كەلگىنىگە ئالتە يىل بولدى. بۇ مەزگىلدىكى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ تەسىراتى بارغانسېرى ئالدىراش بولۇشتىن ئىبارەت. «بولۇپمۇ 2021- يىلىدىن باشلاپ، بۇ جايدىن شىنجاڭ شىركىتىگە ئەۋەتىلىدىغان موتور، كابىنكا، سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى قاتارلىق زاپچاسلار بارغانسېرى كۆپەيدى. سان كۆپەيگەچكە، مېنىڭ خىزمىتىم تەبىئىيلا تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى» دېدى رېن مىنكاڭ.

2011- يىلى، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى شىنجاڭدا ماكانلاشتى، 2012- يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، جەمئىي 35 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىپ، سېتىپ، مەھسۇلات قىممىتى جەمئىي 10 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولدى.

«2017- يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ زاپچاسلىرىنىڭ ھەممىسىنى مەن تەشكىللەپ ئەۋەتىپ بەردىم» دېدى رېن مىنكاڭ پەخىرلەنگەن ھالدا.

2013- يىلى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگونىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاپتوموبىل ھەم زاپچاس ئېكسپورت كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلقئارا بازاردىكى ئەۋزەل بايلىقنى تولۇق بىرىكتۈرۈپ، خەلقئارادىكى مۇنەۋۋەر ھەمراھلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، چەت ئەلدىكى بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتى.

ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى «بىر بەلباغ، بىر يول» تۇنجى قېتىم تەشەببۇس قىلىنغان جاي، شۇنداقلا شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەل بازىرى.

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىقتىساد، سودا ئالاقىسى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، ئۈرۈمچىگە ماكانلاشقان شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى <سۇ بويىدىكى راۋاققا ئاي شولىسى بالدۇر چۈشەر> دېگەندەك ئەۋزەللىككە ئىگە بولدى». رېن مىنكاڭ مۇنداق دېدى: 2021- يىلى شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى ئوتتۇرا ئاسىياغا 300دىن كۆپرەك ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلغانىدى، 2022- يىلى 1600دىن كۆپرەكنى ئېكسپورت قىلدى، بۇ يىل 8- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئاپتوموبىلنىڭ 2900دىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئەمەلىيەتتىن چىقىش قىلىپ سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىغا ئايلاندى.

«1- ئايدىن 8- ئايغىچە، شىنجاڭ شىركىتى 4000دىن كۆپرەك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقاردى، بۇنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېكسپورت قىلىندى. مانا مۇشۇ پەيتتە، شىنجاڭدىكى ئالاتاۋ پورتى، قورغاس پورتى، باقتۇ پورتى قاتارلىق جايلاردا، بىزنىڭ ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىمىز دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقماقتا» دېدى رېن مىنكاڭ.

«بۇ بىرنەچچە يىلدا، مەن شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ گۇۋاھ بولدۇم. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، ھەرقايسى پورتلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ئېكسپورتىمىزنى نۇرغۇن قولايلىق بىلەن تەمىنلىدى. شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ بىر خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىن مەن ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا شىركەتنىڭ ئېھتىياجلىق زاپچاسلارنى ئىشلەپچىقىرىشى، ياخشى سەپلىشى ئۈچۈن، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن» دېدى رېن مىنكاڭ.

发布时间 :
2023/09/22
责任编辑 :
栏目归属 :
奔腾之路 · 筑梦
يوللانغان ۋاقتى:
2023/09/22
مەسئۇل مۇھەررىر :
تەۋە سەھىپە:
ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش
相关专题
مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس سەھىپىلەر