奔腾之路 · 筑梦

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش

在西安把美丽新疆呈现给大家

石榴云/新疆日报记者 热依达 刘东莱

创业4年,在陕西西安经营一家餐厅、一家酒吧,在长安十二时辰主题街区还有8个档口……当记者听到这样一段介绍时,很难将其与一位28岁的新疆姑娘联想到一起。

8月20日,新疆日报社(集团)“奔腾之路——‘一带一路’沿线大型全媒体报道”采访小分队一行来到长安十二时辰主题街区。

“你们好,我是热依买,见到家乡人真开心。”热依买·阿合买提江热情地与记者们一一握手,脸上挂着甜甜的笑容,眼睛弯成了月牙儿。

个子不高、及腰长发,用瘦小二字来形容热依买十分恰当。可眼前这个看似文弱的姑娘,却已经在西安有了殷实的家业。她是怎么用4年时间,在西安闯出一番天地的?

热依买带着记者来到她与长安十二时辰主题街区合作经营的“胡风街区”。

烤包子、抓饭、炒米粉、烤肉、冰淇淋、酸奶刨冰……“从这边到那边都是我的。”热依买指着一排档口说。木雕、挂毯、艾德莱斯绸装饰……档口内外都是满满的新疆元素。

“我来西安创业是因为跟自己赌气。”热依买说。

2017年,热依买从陕西国际商贸学院药学系毕业后回到了新疆,一直对药学感兴趣的她应聘到一家医药代理公司。“当时我一边工作,一边准备考新疆医科大学的研究生。”热依买说。

2018年底,热依买因3分之差没能考上研究生。“我真的特别努力,可还是没考上。”她说,不考了,创业去。

就这样,2019年3月,热依买拿着爸妈给她准备的在乌鲁木齐买房的首付款来到西安。“我在这里上了4年学,对这里比较熟悉。而且西安这座城市很包容,大家对新疆的一切都很喜欢。”热依买说。

选址、做方案、找投资商……3个月后,热依买在西安的第一家餐厅——“疆来约”开业了。“一开始我什么都不懂,就自己学习、摸索着做了一个完整的方案,但我手头资金又不够开一家餐厅,于是到处找投资人。我很幸运,新疆有两位投资人愿意支持我。”她说。

装修、招人、采购、做账、宣传……对于当时只有24岁的热依买来说,这一切都是陌生的。

“我父母也是普通员工,没有经商经验,我无人指点,只能自己不断学习。”热依买说,这么多年了,她每天只睡四五个小时。

在一次次努力中,餐厅经营越来越好,“疆来约”让这个姑娘挣到了第一桶金。随后,热依买又投资了一家新疆餐厅。“这几年,大家对新疆的美食、舞蹈、文化越来越感兴趣,我越发觉得,新疆餐厅就是大家了解新疆的一个窗口。”她说。

去年,长安十二时辰主题街区招商部负责人找到热依买,希望与她合作经营“胡风街区”。

“我考察了一年,一直在犹豫,怕精力不够,一个人顾不过来。”热依买说。

但考察后,热依买发现长安十二时辰主题街区是推介新疆的好平台。“来西安旅游的人特别多,各地游客都会来这个街区打卡,我在这里可以零距离向他们推介新疆美食和文化,多好!”她说,为了讲好新疆故事和西安故事,她还翻阅了很多历史资料,把“古丝绸之路”与今天的“一带一路”相结合。

和热依买聊天的过程中,找她的电话不断。“之前开了一家酒吧,正在改造升级,所以比较忙。那个酒吧主要卖我们新疆的特色酒水,比如穆塞莱斯。”热依买说,因为她干得好,现在全国各地都有人找她,“北京、上海、三亚、广州都有人来找我,要给我投资,但我都没接。我干不过来,不能拿人家钱却干不成事呀。”

“一个人干这么多,不累吗?”

“不累是假的,也想过放弃,但越干越觉得现在已经不再是为了赚钱而拼,更多的是想把新疆所有美好的事物都呈现给大家,让大家真正了解新疆、热爱新疆。所以累也无所谓了,年轻嘛!”热依买说。

شىئەندە گۈزەل شىنجاڭنى كۆپچىلىككە نامايان قىلىش

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رايىدە، ليۇ دۇڭلەي

ئىگىلىك تىكلىگىنىگە تۆت يىل بولدى، شەنشى شىئەندە بىر ئاشخانا ۋە بىر مەيخانا ئېچىۋاتىدۇ، چاڭئەن شىئېر شىچېن باش تېمىلىق كوچا رايونىدا يەنە سەككىز يايمىسى بار... مۇخبىرلار بۇنداق بىر بۆلەك تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغىنىدا، بۇنىڭ 28 ياشلىق شىنجاڭلىق بىر قىز بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

8ـ ئاينىڭ 20ـ كۈنى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى − <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش» زىيارەت تارماق ئەترىتىدىكىلەر چاڭئەن شىئېر شىچېن باش تېمىلىق كوچا رايونىغا كەلدى.

«ياخشىمۇسىلەر، مەن رەيىمە، يۇرتداشلىرىمنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن خۇشال بولدۇم.» رەيىمە ئەخمەتجان مۇخبىرلار بىلەن بىر ـ بىرلەپ قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۇنىڭ چېھرىدە تاتلىق تەبەسسۇم جىلۋىلىنەتتى، كۆزلىرىدىن خۇشاللىق نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى

ئوتتۇرا بويلۇق، چېچى بېلىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان رەيىمەنى زىلۋا دەپ سۈپەتلىسە ناھايىتى مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەمما قارىماققا ئاجىز كۆرۈنىدىغان بۇ قىز شىئەندە ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرگۈدەك ئىگىلىككە ئىگە بولغانىدى. ئۇ قانداق قىلىپ تۆت يىلدىلا شىئەندە بۇ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىدى؟

رەيىمە مۇخبىرلارنى ئۆزى چاڭئەن شىئېر شىچېن باش تېمىلىق كوچا رايونى بىلەن ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىۋاتقان «خۇفېڭ كوچا رايونى»غا باشلاپ كەلدى.

سامسا، پولۇ، چاۋمىفىن، كاۋاپ، ماروژنى، دوغاپ... «بۇ تەرەپتىن ئۇ تەرەپكىچە ھەممىسى مېنىڭ» دېدى رەيىمە بىر رەت يايمىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ. ياغاچ ئويمىلار، ئاسما گىلەملەر، ئەتلەس بېزەكلەر... يايمىنىڭ ئىچى ـ سىرتى شىنجاڭ ئامىلى بىلەن لىق تولغانىدى.

«شىئەنگە كېلىپ ئىگىلىك تىكلىشىمگە ئۆزۈمگە قېيدىغانلىقىم سەۋەب بولغان» دېدى رەيىمە.

2017ـ يىلى، رەيىمە شەنشى خەلقئارا سودا شۆيۈەنىنىڭ دورىگەرلىك فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭغا قايتىپ كەلدى، ئىزچىل دورىگەرلىككە قىزىقىدىغان ئۇ بىر تېببىي دورا ۋاكالەتچىلىك شىركىتىگە قوبۇل قىلىندى. «شۇ چاغدا مەن بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ ئاسپىرانتلىقىغا ئىمتىھان بېرىشكە تەييارلىق قىلدىم» دېدى رەيىمە.

2018ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا، رەيىمە ئۈچ نومۇر كەملەپ قېلىپ ئاسپىرانتلىققا ئۆتەلمىدى. «مەن ھەقىقەتەن ناھايىتى تىرىشتىم، لېكىن يەنىلا ئۆتەلمىدىم.» ئۇ: ئەمدى ئىمتىھان بەرمەيمەن، ئىگىلىك تىكلەيمەن، دېدى.

شۇنداق قىلىپ، 2019ـ يىلى 3ـ ئايدا، رەيىمە ئاتا ـ ئانىسى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئۆي سېتىۋېلىشى ئۈچۈن تەييارلاپ بەرگەن ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇلنى ئېلىپ شىئەنگە كەلدى. «مەن بۇ يەردە تۆت يىل ئوقۇغاچقا، بۇ يەرنى بىر قەدەر پىششىق بىلىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىئەن ناھايىتى سىغدۇرۇشچان شەھەر، كۆپچىلىك شىنجاڭنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ناھايىتى ياقتۇرىدۇ» دېدى رەيىمە.

ئورۇن تاللاش، لايىھە تۈزۈش، مەبلەغ سالغۇچى سودىگەر ئىزدەش... ئۈچ ئايدىن كېيىن رەيىمەنىڭ شىئەندىكى تۇنجى ئاشخانىسى − «جياڭلەييۆ» تىجارەت باشلىدى. «دەسلەپتە مەن ھېچنېمىنى بىلمەيتتىم، ئۆزۈم ئۆگىنىپ، ئىزدىنىپ مۇكەممەل بىر لايىھە تۈزدۈم، لېكىن قولۇمدىكى مەبلەغ بىر ئاشخانا ئېچىشقا يەتمەيتتى، شۇنىڭ بىلەن ھەممە يەردىن مەبلەغ سالغۇچى ئىزدىدىم. مەن بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن، شىنجاڭدىكى ئىككى مەبلەغ سالغۇچى مېنى قوللىدى» دېدى ئۇ.

بېزەش، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش، سېتىۋېلىش، ھېسابات قىلىش، تەشۋىق قىلىش... ئەينى چاغدا ئەمدىلا 24 ياشقا كىرگەن رەيىمە ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ناتونۇش ئىدى.

«ئاتا ـ ئاناممۇ ئادەتتىكى خىزمەتچى، تىجارەت قىلىش تەجرىبىسى يوق، ماڭا يول كۆرسەتكۈدەك ئادەم بولمىغاچقا، ئۆزۈم ئۈزلۈكسىز ئۆگەندىم.» رەيىمە مۇنداق دېدى: بۇ بىرقانچە يىلدا، مەن ھەر كۈنى پەقەت تۆت ـ بەش سائەتلا ئۇخلىدىم.

قايتا ـ قايتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش جەريانىدا، ئاشخانىنىڭ تىجارىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، «جياڭلەييۆ» بۇ قىزنى مەبلەغ سالغۇدەك پۇلغا ئېرىشتۈردى. ئارقىدىن، رەيىمە يەنە بىر شىنجاڭ ئاشخانىسىغا مەبلەغ سالدى. «بۇ بىرقانچە يىلدا، كۆپچىلىك شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى، ئۇسسۇلى، مەدەنىيىتىگە بارغانسېرى قىزىقتى، مەن شىنجاڭ ئاشخانىسىنىڭ دەل كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشىدىكى كۆزنەك ئىكەنلىكىنى بارغانسېرى ھېس قىلدىم» دېدى ئۇ.

بۇلتۇر، چاڭئەن شىئېر شىچېن باش تېمىلىق كوچا رايونى سودىگەر چاقىرىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى رەيىمەنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن «خۇفېڭ كوچا رايونى»دا ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«مەن بىر يىل كۆزەتتىم، ئىزچىل ئىككىلەندىم، زېھنىمنىڭ چېچىلىپ، يالغۇز يېتىشەلمەي قېلىشىمدىن ئەنسىرىدىم» دېدى رەيىمە.

لېكىن كۆزەتكەندىن كېيىن، رەيىمە چاڭئەن شىئېر شىچېن باش تېمىلىق كوچا رايونىنىڭ شىنجاڭنى تونۇشتۇرىدىغان ياخشى سۇپا ئىكەنلىكىنى بايقىدى. «شىئەنگە كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ كوچا رايونىغا كېلىپ داكا قىلىدۇ، مەن بۇ يەردە ئۇلارغا شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى ۋە مەدەنىيىتىنى يۈزتۇرا تونۇشتۇرالايمەن، بۇ نېمىدېگەن ياخشى!» ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ھېكايىسى ۋە شىئەن ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش ئۈچۈن، مەن يەنە نۇرغۇن تارىخىي ماتېرىياللارنى كۆرۈپ، «قەدىمكى يىپەك يولى»نىڭ بۈگۈنكى «بىر بەلباغ، بىر يول» بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدىم.

رەيىمە بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا، ئۇنى ئىزدەيدىغان تېلېفونلار ئۈزۈلمىدى. «بىر مەيخانا ئاچقانىدىم، ھازىر ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈۋاتىمەن، شۇڭا سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم. بۇ مەيخانىدا ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ خاس ھاراقلىرى سېتىلىدۇ، مەسىلەن مۇسەللەس دېگەندەك.» رەيىمە مۇنداق دېدى: مەن ئىشنى ياخشى قىلغاچقا، ھازىر مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن مېنى ئىزدەپ كېلىدىغانلار بار، «بېيجىڭ، شاڭخەي، سەنيا، گۇاڭجوۋدىن بەزىلەر مېنى ئىزدەپ كېلىپ، مېنىڭ تىجارىتىمگە مەبلەغ سالماقچى بولدى، لېكىن مەن قوبۇل قىلمىدىم. مەن يېتىشەلمەيمەن، باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئېلىپ ئىشنى پۈتتۈرەلمەي قالسام بولمايدۇ ـ دە».

«بىر ئادەم شۇنچە كۆپ ئىش قىلىپ چارچىمامسىز؟»

«چارچىمايمەن دېسەم يالغان بولىدۇ، ۋاز كېچىشنىمۇ ئويلىغان، لېكىن ئىشلىگەنسېرى ھازىرقى تىرىشچانلىقىمنىڭ پۇل تېپىش ئۈچۈنلا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىۋاتىمەن، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ بارلىق گۈزەل شەيئىلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆپچىلىككە نامايان قىلىپ، كۆپچىلىكنى شىنجاڭنى ھەقىقىي چۈشىنىش، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن. شۇڭا چارچاپ كەتسەممۇ ھېچقىسى يوق، مەن تېخى ياش ئەمەسمۇ!» دېدى رەيىمە.

发布时间 :
2023/09/22
责任编辑 :
栏目归属 :
奔腾之路 · 筑梦
يوللانغان ۋاقتى:
2023/09/22
مەسئۇل مۇھەررىر :
تەۋە سەھىپە:
ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش
相关专题
مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس سەھىپىلەر