奔腾之路 · 洞见

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . كۆزىتىش

奔腾之路 · 洞见

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . كۆزىتىش

千年驿站蝶变国际化城市

石榴云/新疆日报记者 范琼燕 郭玲

千年驿站,百年口岸,正在崛起的国际化城市——霍尔果斯,地处亚欧经济板块的中心位置,是中国通往中亚和欧洲的交通枢纽,见证了古丝绸之路北道上的繁华。

“一带一路”大潮奔腾向前,霍尔果斯作为丝绸之路经济带核心区重要支点,充分利用国际国内“两个市场、两种资源”,发挥区位、政策、开放等特殊优势,全力打造向西开放新高地。

年轻城市续写丝路传奇

车辆驶进霍尔果斯市,一座座高楼林立,长臂塔吊不时出现,无人机在空中盘旋……现代气息扑面而来。

16时,城市中心顶楼的钟声悠长,在这座现代化城市里回荡。

西汉时期,张骞出使西域,开启传奇“凿空之旅”,打通了横贯东西的古丝绸之路,霍尔果斯作为其重要驿站之一,从千年前古丝绸之路的辉煌中走来,历经风霜,传承荣耀,成为中国西部一颗璀璨的明珠。

霍尔果斯市与哈萨克斯坦隔河相望,地处国道312线、连霍高速公路、陇海—兰新铁路国际新通道的西端。乘着共建“一带一路”的东风,2014年霍尔果斯市挂牌成立,是集边境区、口岸城、商贸型、国际化特点为一体的综合性城市。

连接亚欧的丝绸之路古老,霍尔果斯却年轻而有朝气。2022年,霍尔果斯实现地区生产总值208.35亿元,是2013年的15.5倍。

霍尔果斯经济开发区党工委副书记、霍尔果斯市委副书记、代市长皮履屏表示,霍尔果斯将充分发挥国家级经济开发区、综合保税区、中哈合作中心等多区叠加政策优势,拓宽对外开放渠道,构建全方位、多层次、宽领域的对外开放新格局,全面提升对外开放水平。

重要支点撑起“黄金通道”

8月26日19时30分,一列来自哈萨克斯坦科克舍套,满载货物的中欧班列抵达霍尔果斯铁路口岸,将发往郑州圃田站,这是今年经霍尔果斯铁路口岸入境的第1242列中欧班列。

2016年3月19日,霍尔果斯铁路口岸开行首趟中欧班列,7年多来,经该口岸进出境的中欧(中亚)班列数量年年攀升,也带着“中国制造”源源不断走向中亚、欧洲市场。2022年,霍尔果斯口岸进出口货运量4003.4万吨,是2013年的1.76倍。

目前,经霍尔果斯铁路口岸通行班列数量累计超过3万列,班列开行线路累计达77条,辐射境外18个国家、45个城市和地区。

沿连云港—霍尔果斯高速公路(G30)驱车一路西行,沿途,全国各地牌照的大型货车来来往往。“双西公路”全线贯通直达欧洲,从连云港到欧洲的所需时间,从此前海运的45天缩短到10天,也成为众多商家发运货物的首选。

霍尔果斯口岸是集公路、铁路、管道、航空、光缆、邮件“六位一体”的交通枢纽和综合性多功能口岸。

近年来,霍尔果斯最大限度发挥口岸优势,持续优化口岸运行机制,完善口岸软硬件基础设施,提升铁路口岸集疏运和公路口岸通关过货能力。今年8月4日起,口岸对农产品、地产品和属地贸易设立快速通道,并对其他车辆实行电子预约排队。

“作为内外循环的结合点和对接区,霍尔果斯在构建新发展格局和稳定国际国内供应链、产业链中扮演重要一环。”皮履屏说。

千年古丝路的要冲,如今是丝绸之路经济带核心区的重要支点,霍尔果斯已成为我国向西开放的“黄金通道”。

书写合作共赢新篇章

来到中哈霍尔果斯国际边境合作中心的欧洲免税城门前,记者被门口的消费者挡住了去路,拎着大包小包的、正在用胶带一层层打包的……每个人都满载而归。

两座方鼎式界柱与对面哈萨克斯坦金雕雕像相望,方鼎门与金雕的连接处便是中哈连接通道,通道路面被刷成了两种不同颜色,一步就能“跨”出国门。

两边都能购买世界各地的商品。中哈霍尔果斯国际边境合作中心作为中国与其他国家建立的首个跨境经济合作区,2012年4月正式封关运营,主要功能是贸易洽谈、商品展示和销售、仓储运输、宾馆饭店、商业服务设施、金融服务、举办各类区域性国际经贸洽谈会。

合作中心内,随处可见一辆辆旅游观光车。这里对中哈两国公民和第三国公民,实行30天免签跨境自由流动、体验特色跨境旅游的政策。

“游客越来越多,生意也越来越好。”新疆欧华鑫国际贸易有限公司欧洲免税城总经理胡春媚说,她销售的产品都是通过中欧班列运来的。

在另一边的霍尔果斯综合保税区,随处可见行驶的临时牌照及无牌照车辆,这些商品车均从综保区出口到哈萨克斯坦、乌兹别克斯坦、俄罗斯等“一带一路”沿线国家。

2020年9月,中哈霍尔果斯国际边境合作中心中方配套区转型升级为综合保税区,享受“配套区+综保区+开发区”三重叠加政策,主要功能为保税加工、保税物流、保税服务等,与合作中心中方区形成“前店后厂”“前店后仓”的联动发展格局。

今年,霍尔果斯还先后举办了中亚国际文化旅游节、国门半程马拉松赛、中亚国际皮草展、国际拳王争霸赛和中哈媒体沙龙等100余场国际交流活动。交流越来越频繁,合作越来越紧密,未来,这片土地将继续书写中国与世界合作共赢的精彩篇章。

مىڭ يىللىق ئۆتەڭ كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىپ خەلقئارالاشقان شەھەرگە ئايلاندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى فەن چيۇڭيەن، گو لىڭ

مىڭ يىللىق ئۆتەڭ، يۈز يىللىق پورت، قەد كۆتۈرۈۋاتقان خەلقئارالاشقان شەھەر − قورغاس ئاسىيا - ياۋروپا ئىقتىساد بۆلىكىدىكى مەركىزى ئورۇنغا جايلاشقان، جۇڭگودىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا بېرىشتىكى قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ شىمالىي يولىدىكى ئاۋاتلىققا گۇۋاھ بولدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول» چوڭ دولقۇنى ئۆركەشلەپ ئاقماقتا، قورغاس يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مۇھىم تىرەك نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت «ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىق»تىن تولۇق پايدىلىنىپ، رايون ئورنى، سىياسەت، ئېچىۋېتىش قاتارلىق ئالاھىدە ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، غەربكە ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلدى.

ياش شەھەر يىپەك يولى ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ پۈتتى

ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ قورغاس شەھىرىگە كىرگىنىمىزدە، ئېگىز بىنالار زىچ قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئۇزۇن يەلكىلىك مۇنارسىمان كىرانلار پات - پات ئۇچراپ تۇراتتى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇلار ھاۋا بوشلۇقىدا ئايلىنىپ يۈرەتتى... زامانىۋى تۈس ھەممىلا يەردە ئوقچۇپ تۇراتتى.

سائەت 16دە، شەھەر مەركىزىدىكى بىنانىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ئۇزاققىچە ياڭرىغان قوڭغۇراق ئاۋازى بۇ زامانىۋى شەھەردە ئەكس سادا پەيدا قىلدى.

غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بېرىپ، ئاجايىپ «يول ئېچىش سەپىرى»نى باشلاپ، شەرق بىلەن غەربنى توغرىسىغا تۇتاشتۇرىدىغان قەدىمىي يىپەك يولىنى ئاچقان، قورغاس ئۇنىڭدىكى مۇھىم ئۆتەڭلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىڭ يىل ئىلگىرىكى قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ شانلىق تارىخىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىسسىق - سوغۇقنى باشتىن كەچۈرۈپ، شان - شەرەپكە ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ غەربىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىتقا ئايلاندى.

قورغاس شەھىرى قازاقىستان بىلەن دەريا ئارقىلىق قارىشىپ تۇرىدىغان بولۇپ، دۆلەت يولى 312- لىنىيەسى، ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، لۇڭخەي − لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى خەلقئارا يېڭى يولىنىڭ غەربىي ئۇچىغا جايلاشقان. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش شەرق شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە، 2014- يىلى قورغاس شەھىرى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلغان بولۇپ، چېگرا رايون، پورت شەھىرى، سودا تىپى، خەلقئارالىشىش ئالاھىدىلىكى بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال شەھەر.

ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان يىپەك يولى قەدىمىي بولسىمۇ، قورغاس ياش ھەم جۇشقۇن. 2022- يىلى قورغاس رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 20 مىليارد 835 مىليون يۈەن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ، 2013- يىلىدىكىنىڭ 15.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قورغاس شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى پى لۈپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: قورغاس دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى، جۇڭگو - قازاقىستان ھەمكارلىق مەركىزى قاتارلىق كۆپ رايون گىرەلەشمە سىياسەت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ.

مۇھىم تايانچ نۇقتىسى «ئالتۇن يول»غا تىرەك بولدى

8- ئاينىڭ 26- كۈنى سائەت 19دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، قازاقىستاننىڭ كۆكشوتاندىن كەلگەن، لىق مال بېسىلغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قورغاس تۆمۈريول پورتىغا يېتىپ كەلدى، جېڭجوۋ پۇتيەن ۋوگزالىغا بارىدۇ، بۇ پويىز، بۇ يىل قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن 1242- قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى.

2016- يىلى 3- ئاينىڭ 19- كۈنى، قورغاس تۆمۈريول پورتىدىن تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۆتتى، يەتتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بۇ پورت ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن - چىققان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قېتىم سانى يىلدىن - يىلغا ئاشتى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگودا ياسالغان مەھسۇلاتلار ئۈزلۈكسىز تۈردە ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا بازارلىرىغا يۈزلەندى. 2022- يىلى قورغاس پورتى ئارقىلىق ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنغان يۈك مىقدارى 40 مىليون 34 مىڭ توننىغا يېتىپ، 2013- يىلىدىكىنىڭ 1.76 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى.

نۆۋەتتە، قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق ئۆتكەن نۆۋەتچى پويىزنىڭ سانى جەمئىي 30 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ، نۆۋەتچى پويىز قاتنايدىغان لىنىيە جەمئىي 77گە يېتىپ، چېگرا سىرتىدىكى 18 دۆلەت، 45 شەھەر ۋە رايونغا تەسىر كۆرسەتتى.

ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G30)نى بويلاپ ئاپتوموبىل بىلەن غەربكە قاراپ ماڭغاندا، يول بويى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى ئېسىلغان چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. «قوش غەرب تاشيولى» پۈتۈن لىنىيە بويىچە بىۋاسىتە ياۋروپاغا تۇتاشتۇرۇلۇپ، ليەنيۈنگاڭدىن ياۋروپاغا بېرىشقا كېتىدىغان ۋاقىت ئىلگىرىكى دېڭىز تىرانسپورتىدىكى 45 كۈندىن 10 كۈنگە قىسقاردى، شۇنداقلا نۇرغۇن سودىگەرنىڭ مال توشۇشتىكى ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالدى.

قورغاس پورتى تاشيول، تۆمۈريول، تۇرۇبا يولى، ئاۋىياتسىيە، نۇركابېل، پوچتا يوللانمىسىدىن ئىبارەت «ئالتە بىر گەۋدىلەشكەن» قاتناش تۈگۈنى ۋە ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك كۆپ ئىقتىدارلىق پورت.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قورغاس پورت ئەۋزەللىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، پورتنىڭ يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، پورتنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتال ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۆمۈريول پورتىنىڭ يىغىش، تارقىتىش، توشۇش ۋە تاشيول پورتىنىڭ تاموژنىدىن مال ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. بۇ يىل 8- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن باشلاپ، پورتتا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يەرلىك مەھسۇلاتلار ۋە تەۋەلىكتىكى سودا ئۈچۈن تېز يول تەسىس قىلىندى ھەم باشقا ئاپتوموبىللارغا قارىتا ئېلېكتىرونلۇق ئالدىن كېلىشىپ ئۆچرەتتە تۇرۇش يولغا قويۇلدى.

«ئىچكى - تاشقى ئايلىنىشنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى ۋە ئۇدۇللاشتۇرۇش رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قورغاس يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ۋە خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىكى تەمىنلەش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا مۇھىم ھالقىلىق رول ئوينايدۇ» دېدى پى لۈپىڭ.

مىڭ يىللىق قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن، بۈگۈنكى كۈندىكى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مۇھىم تايانچ نۇقتىسى بولغان قورغاس دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىدىكى «ئالتۇن يول»غا ئايلاندى.

ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسى پۈتۈلدى

جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدىكى ياۋروپا باج كەچۈرۈم قىلىش شەھەرچىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگىنىمىزدە، ئىستېمالچىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۆتەلمەي قالدۇق، بەزىلەر چوڭ - كىچىك خالتىلارنى كۆتۈرۈۋالغان، بەزىلەر مالنى پىلاستىر بىلەن قاتمۇقات ئوراۋاتقان ئىدى... ھېچكىممۇ قۇرۇق قايتمىغانىدى.

ئىككى چاسا داڭقان شەكلىدىكى چېگرا تۈۋرۈكى ئۇدۇلدىكى قازاقىستاننىڭ ئالتۇن بۈركۈت ھەيكىلى بىلەن قارىشىپ تۇراتتى، چاسا داڭقان دەرۋازىسى بىلەن ئالتۇن بۈركۈت ھەيكىلى تۇتاشقان جاي جۇڭگو - قازاقىستان تۇتاشما يولى بولۇپ، يول يۈزى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل رەڭدە سىرلانغان، بىر قەدەم بىلەنلا دۆلەت دەرۋازىسىدىن «ئاتلاپ» چىققىلى بولىدۇ.

ئىككىلا تەرەپتە دۇنيادىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ تاۋارلىرىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ. جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگونىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن قۇرغان تۇنجى چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2012- يىلى 4- ئايدا تاموژنىنى يېپىق ھالەتتە يۈرۈشتۈرۈشنى رەسمىي يولغا قويغان بولۇپ، ئاساسلىق فۇنكسىيەسى سودا يەرمەنكىسى، تاۋارلارنى كۆرگەزمە قىلىش ۋە سېتىش، ئامباردا ساقلاش - توشۇش، مېھمانخانا - مېھمانساراي، سودا مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، تۈرلۈك رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا ئىقتىساد - سودا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت.

ھەمكارلىق مەركىزىدە، سەيلە - ساياھەت ئاپتوموبىللىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ جايدا جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەت پۇقرالىرى ۋە 3- دۆلەت پۇقرالىرىغا قارىتا 30 كۈن ۋىزىسىز چېگرا ھالقىپ ئەركىن كىرىپ - چىقىش، ئۆزگىچە چېگرا ھالقىپ ساياھەت قىلىشنى ھېس قىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان.

«ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، سودىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى.» شىنجاڭ ئوۋخۇاشىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ياۋروپا باجنى كەچۈرۈم قىلىش شەھەرچىسىدىكى باش دىرېكتورى خۇ چۇنمېي مۇنداق دېدى: مەن ساتقان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق توشۇپ كېلىنگەن.

يەنە بىر تەرەپتىكى قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى ئېسىلغان ۋە نومۇر تاختىسى يوق ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈۋاتقانلىقىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بۇ تاۋار ئاپتوموبىللار ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوندىن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، رۇسىيە قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ.

2020- يىلى 9- ئايدا، جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگو تەرەپ يانداش رايونىنىڭ تىپى ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونغا ئۆستۈرۈلۈپ، «يانداش رايون + ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون + تەرەققىيات رايونى»دىن ئىبارەت ئۈچ قاتلام گىرەلەشمە سىياسەتتىن بەھرىمەن بولدى، ئاساسلىق فۇنكسىيەسى باجدىن خالىي پىششىقلاش، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى، باجدىن خالىي مۇلازىمەت قاتارلىقلار بولۇپ، ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگو تەرەپ رايونى بىلەن «ئالدى دۇكان، كەينى زاۋۇت» «ئالدى دۇكان، كەينى ئامبار» بولۇشتىن ئىبارەت ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

بۇ يىل، قورغاس يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى، دۆلەت دەرۋازىسى يېرىم مۇساپىلىك مارافون مۇسابىقىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا نوركا - خۇرۇم كۆرگەزمىسى، خەلقئارا بوكس شاھى چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە جۇڭگو - قازاقىستان تاراتقۇلىرى سالونى قاتارلىق 100 مەيداندىن ئارتۇق خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئالماشتۇرۇش بارغانسېرى قويۇقلاشتى، ھەمكارلىق بارغانسېرى زىچلاشتى، كەلگۈسىدە بۇ تۇپراق جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشىنىڭ قالتىس سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقىدۇ.

发布时间 :
2023/09/20
责任编辑 :
栏目归属 :
奔腾之路 · 洞见
يوللانغان ۋاقتى:
2023/09/20
مەسئۇل مۇھەررىر :
تەۋە سەھىپە:
ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . كۆزىتىش
相关专题
مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس سەھىپىلەر