奔腾之路 · 洞见

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . كۆزىتىش

奔腾之路 · 洞见

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . كۆزىتىش

十年蜕变,喀什“通江达海”

石榴云/新疆日报记者 郭玲 范琼燕

400公里可到达吉尔吉斯斯坦首都比什凯克,700公里可到达乌兹别克斯坦首都塔什干、塔吉克斯坦首都杜尚别、巴基斯坦首都伊斯兰堡,喀什1.5小时航空经济圈覆盖了周边8个国家的首都和主要经济城市……

拥有“五口通八国、一路连欧亚”地缘优势的喀什地区,乘着共建“一带一路”东风,从西部边陲走向“通江达海”,如今,已初步构建了公路、铁路、航空“三位一体”的国际物流大通道,向西开放格局正全面形成,更多美好愿景逐步实现。

戈壁上建起现代化园区

喀什自古便是丝绸之路上的璀璨明珠,得天独厚的区位优势使之成为历史名城。每天都被潮水般人流充盈的喀什古城,正在汇聚世界目光,而10公里外,喀什综合保税区同样车水马龙。

8月25日,在喀什综保区,吊机轰鸣、货箱起落,一辆辆集装箱卡车载着有中国制造标志的商品有序驶出;车间里,员工正熟练组装产品;电商平台,工作人员忙着分拣货物……

喀什综保区承载着促进国家向西开放和“一带一路”建设的重任。2015年4月20日正式封关运营的喀什综保区,从一片戈壁滩发展成厂房林立的现代化园区,正逐步成为连接中亚、西亚、南亚的桥梁和加快推进“一带一路”建设的重要载体。

目前,喀什综保区园区已建设厂房和仓库73万平方米,总投资约31亿元,具有保税仓储、保税物流、保税加工、保税展览展示、航空货运等功能。

“我2020年来喀什创业,见证了这里的崛起,特别庆幸当时把企业落户喀什。”中顺电子商务(新疆)有限公司总经理张琪说,喀什周边有红其拉甫、卡拉苏等5个对外开放口岸和喀什国际航空港,开放优势助力企业不断发展,现在他的公司已成为南疆跨境电商的龙头企业。

经过近10年发展,喀什综保区已经初步形成以商贸物流为基础,电子家电加工为主,食品加工、纺织服装、特种金属加工为辅的外向型生产加工体系,还开通了多式联运班列和货运包机航线,建成跨境电商监管中心,推进跨境电商进出口商品展示交易中心正式运营。

越来越多企业聚焦喀什向世界

喀什是丝绸之路经济带核心区的节点城市和中巴经济走廊的起点城市,是中亚、南亚、西亚弧形经济圈中心。

“我们把项目落地喀什市,就是看重这里的地缘优势。”喀什跨境电商进出口商品展示交易中心负责人丁振山介绍,目前交易中心已开始试营业,整个项目还包括在当地机场、喀什古城、市区建设3个体验中心,实现多点联动、异地取货、保税速购速提。

如今,随着跨境电商零售出口、跨境电商保税出口、跨境电商保税进口等5种模式全口径落地喀什综保区,“跨境电商+中欧班列”“跨境电商+货运包机”“跨境电商+多式联运”等多种跨境物流模式蓬勃发展,“买全球”“卖全球”在喀什变成现实。

喀什地区与多个国家和地区建立了外贸关系,外贸进出口总额由2013年的11.2亿美元增长到2022年的493.1亿元,总量位列全疆第3位。

近年来,越来越多的企业家开始聚焦喀什。“现在来喀什考察的企业络绎不绝,光我们单位每天就要接待四五批疆外企业,这里已成为投资热土。”喀什综保区园区服务中心主任赵春林介绍,目前,喀什综保区登记在册企业达380家。

作为通往中亚、南亚、西亚乃至欧洲的国际大通道,目前,喀什地区正逐步形成“三环三横三纵三连通”公路交通网络体系,已运营和正在建的民运机场4个,开通国内航线39条、国际货运航线7条。突出的区位优势随着“一带一路”建设更加凸显,不断为企业带来发展机遇。

擦亮营商好环境金字招牌

“好的营商环境让我们干事创业心无旁骛,今年1月我们往吉尔吉斯斯坦运输的货车就贴上了‘TIR’标识。”在喀什综保区的创业经历让张琪收获不少惊喜,他们今年计划完成10亿元跨境电商出口业务目标。

记者看到中顺电子商务(新疆)有限公司门口的货车都贴着“TIR”标识,有该标识的车辆经过过境国海关时,无特殊情况下无需对货物进行开箱检查,企业也无需缴纳过境担保费用。

去年2月,国务院批复喀什地区成为南疆首个跨境电子商务综合试验区,今年,喀什航空口岸综合性指定监管场地顺利通过海关总署现场验收,成为新疆首个综合性指定监管场地……“这让外向型企业产品‘走出去’有了更多机遇和选择。”张琪说。

8月底,一批持有RCEP原产地证书出口日本的女装,享受进口国关税减免,顺利抵达目的地。“日本是我们公司的主要出口市场。现在出口服装到日本,每批货物可减少好几千元的关税,一年下来能省不少。”新疆正伦实业有限公司负责人孙建华说。

为及时帮助解决企业出口急需的原产地证书签发问题,喀什海关帮助企业梳理进口国相关优惠政策和原产地规则清单,结合企业出口计划,提前制定申办证书最优方案,多渠道解决了签证环节存在的问题。

除了一项项优质服务,喀什与周边国家在经济贸易、产业结构、资源利用等方面蕴藏的市场潜力和商机,也不断吸引企业落户。今年前8月,喀什经济开发区新签约招商项目27个,其中亿元以上项目24个。

喀什经济开发区招商局副局长聂容天说,国家、自治区及援疆省市和喀什本级各项优惠政策叠加,为入驻企业可提供更多发展机遇,能有效帮助企业拓展国内、国际市场。

近年来,喀什还利用与巴基斯坦等周边国家重点城市双(多)边定期会晤机制,不断推动与周边国家在经贸、文化、旅游等方面的交流合作,努力为全方位对外开放新格局作出积极贡献。

10 يىللىق ئۆزگىرىش ئارقىلىق قەشقەر «تەرەپ ـ تەرەپلەرگە تۇتاشتى»

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى گو لىڭ، فەن چيۇڭيەن

400 كىلومېتىر يول يۈرگەندە قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەككە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، 700 كىلومېتىر يول يۈرگەندە ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتكە، تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىگە، پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادقا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، قەشقەرنىڭ بىر يېرىم سائەتلىك ئاۋىياتسىيە ئىقتىساد چەمبىرىكى ئەتراپتىكى سەككىز دۆلەتنىڭ پايتەختى ۋە ئاساسلىق ئىقتىسادىي شەھەرلىرىنى قاپلىدى...

«بەش پورت سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان، بىر يول ياۋروپا ـ ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان» جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە قەشقەر ۋىلايىتى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش شەرق شامىلىغا تايىنىپ، غەربىي قىسىم چېگرا رايونىدىن «تەرەپ ـ تەرەپلەرگە تۇتىشىش»قا يۈزلەندى، بۈگۈنكى كۈندە، تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيەدىن ئىبارەت «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن» خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدى، غەربكە ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى ئومۇميۈزلۈك شەكىللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ گۈزەل ئارزۇلار تەدرىجىي ئىشقا ئاشماقتا.

چۆللۈكتە زامانىۋىلاشقان باغچە رايونى قۇرۇلدى

قەشقەر قەدىمدىن تارتىپ يىپەك يولىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت بولۇپ، ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى بىلەن تارىخىي داڭلىق شەھەر بولۇپ قالدى. ھەر كۈنى دولقۇن كەبى ئادەم ئېقىمى بىلەن تولغان قەشقەر قەدىمىي شەھىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا، ئون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئوخشاشلا قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمدى.

8ـ ئاينىڭ 25ـ كۈنى، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا، ئاسما كىران گۈرۈلدەپ، يۈك ساندۇقلىرى كۆتۈرۈلۈپ ـ پەسىيىپ، يۈك ساندۇقلىرى قاچىلانغان ئاپتوموبىللار جۇڭگودا ياسالغان دېگەن بەلگە چاپلانغان تاۋارلارنى قاچىلاپ تەرتىپلىك چىقىۋاتاتتى؛ سېختا خىزمەتچىلەر مەھسۇلاتلارنى ئەپچىللىك بىلەن قۇراشتۇرۇۋاتاتتى؛ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا خىزمەتچىلەر ماللارنى ئايرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى...

قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. 2015ـ يىلى 4ـ ئاينىڭ 20ـ كۈنى تاموژنىنى يېپىق ھالەتتە يۈرۈشتۈرۈشنى رەسمىي يولغا قويغان قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى بىر پارچە چۆللۈكتىن زاۋۇت ئۆيلىرى رەت ـ رەت قەد كۆتۈرگەن زامانىۋىلاشقان باغچە رايونىغا تەرەققىي قىلىپ، تەدرىجىي ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈككە ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىدىغان مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلانماقتا.

نۆۋەتتە، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باغچە رايونىدا 730 مىڭ كىۋادرات مېتىر زاۋۇت ئۆيى ۋە ئامبار سېلىندى، جەمئىي 3 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، باجدىن خالىي ئامباردا ساقلاش، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى، باجدىن خالىي پىششىقلاش، باجدىن خالىي كۆرگەزمە قىلىش، ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورتى قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە.

«مەن 2020ـ يىلى قەشقەرگە كېلىپ ئىگىلىك تىكلەپ، بۇ يەرنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە گۇۋاھ بولدۇم، ئەينى چاغدا كارخانىنى قەشقەرگە ماكانلاشتۇرغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن.» جۇڭشۈن ئېلېكتىرونلۇق سودا (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ چى مۇنداق دېدى: قەشقەرنىڭ ئەتراپىدا قونجىراپ، قاراسۇ قاتارلىق بەش سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن پورت ۋە قەشقەر خەلقئارا ئايروپورتى بار، ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكى كارخانىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز كۈچ قوشتى، ھازىر شىركىتىم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى باشلامچى كارخانىغا ئايلاندى.

ئون يىلغا يېقىن تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا سودا ئەشيا ئوبوروتىنى ئۇل، ئېلېكتىرونلۇق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى پىششىقلاشنى ئاساس، يېمەكلىك پىششىقلاش، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، ئالاھىدە مېتال پىششىقلاشنى قوشۇمچە قىلغان سىرتقا يۈزلەنگەن ئىشلەپچىقىرىش ـ پىششىقلاش سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، يەنە كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى ۋە يۈك تىرانسپورتى ھۆددە ئايروپىلان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مەركىزى قۇرۇلۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت تاۋار كۆرگەزمە ـ سودا مەركىزىنىڭ رەسمىي تىجارەتكە كىرىشىشى ئالغا سىلجىتىلدى.

تېخىمۇ كۆپ كارخانىلار دىققەتنى قەشقەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ دۇنياغا يۈزلەندى

قەشقەر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى تۈگۈن شەھەر ۋە جۇڭگو ـ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىكى شەھەر بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا يايسىمان ئىقتىساد چەمبىرىكىنىڭ مەركىزى.

«بىز تۈرنى قەشقەر شەھىرىگە ماكانلاشتۇرۇشتا، دەل بۇ يەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىنى ئويلاشتۇق.» قەشقەر چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت تاۋار كۆرگەزمە ـ سودا مەركىزىنىڭ مەسئۇلى دىڭ جېنشەن مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە سودا مەركىزىمىز سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلىدى، پۈتكۈل تۈر يەنە شۇ جايدىكى ئايرودۇرۇم، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، شەھەر رايونىدا ئۈچ سىناپ بېقىش مەركىزى قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كۆپ نۇقتىدا بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىش، باشقا جايدىن مال ئېلىش، باجدىن خالىي تېز سېتىۋېلىش، تېز ئېلىپ كېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش ئېكسپورتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا باجدىن خالىي ئېكسپورتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا باجدىن خالىي ئىمپورتى قاتارلىق بەش خىل ئەندىزىنىڭ ھەممىسىنىڭ قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا ماكانلىشىشىغا ئەگىشىپ، «چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا + جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى» «چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا + يۈك تىرانسپورتى ھۆددە ئايروپىلانى» «چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا + كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت» قاتارلىق كۆپ خىل چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى ئەندىزىسى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، «پۈتۈن يەرشارىدىن سېتىۋېلىش» «پۈتۈن يەرشارىغا سېتىش» قەشقەردە رېئاللىققا ئايلاندى.

قەشقەر ۋىلايىتى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايون بىلەن تاشقى سودا مۇناسىۋىتى ئورناتتى، تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 2013ـ يىلىدىكى 1 مىليارد 120 مىليون دوللاردىن كۆپىيىپ 2022ـ يىلىدىكى 49 مىليارد 310 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئومۇمىي مىقدار جەھەتتە شىنجاڭ بويىچە 3ـ ئورۇندا تۇردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بارغانسېرى كۆپ كارخانىچىلار دىققىتىنى قەشقەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە باشلىدى. «ھازىر قەشقەرگە تەكشۈرۈشكە كېلىدىغان كارخانىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان بولدى، پەقەت ئىدارىمىزلا كۈندە شىنجاڭنىڭ سىرتىدىن كەلگەن تۆت ـ بەش تۈركۈم كارخانىنى كۈتۈۋالىدۇ، بۇ جاي مەبلەغ سېلىشتىكى مۇنبەت تۇپراق بولۇپ قالدى.» قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باغچە رايونى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاۋ چۇنلىن مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا تىزىملاپ ئەنگە ئېلىنغان كارخانا 380گە يەتتى.

ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ھەتتا ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان خەلقئارا چوڭ يول بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۆۋەتتە، قەشقەر ۋىلايىتىدە «ئۈچ ئايلانما يول، ئۈچ توغرا يۆنىلىشلىك يول، ئۈچ تىك يۆنىلىشلىك يول، ئۈچ تۇتاش يول»دىن ئىبارەت تاشيول قاتناش تورى سىستېمىسى تەدرىجىي شەكىللەنمەكتە، تىجارەت قىلىۋاتقان ۋە قۇرۇلۇۋاتقان خەلق تىرانسپورت ئايروپورتىدىن تۆتى بار، دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 39ى، خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن يەتتىسى ئېچىلدى. گەۋدىلىك رايون ئورنى ئەۋزەللىكى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە كارخانىلارغا تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى.

تىجارەت ـ سودا ياخشى مۇھىتىنىڭ ئالتۇن خەتلىك داڭلىق ماركىسى جۇلالاندۇرۇلدى

«ياخشى تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بىزنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، بۇ يىل 1ـ ئايدا بىز قىرغىزىستانغا يۈك توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرىغا <TIR>بەلگىسىنى چاپلىدۇق.» قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشى جاڭ چىنى نۇرغۇن خۇشاللىنارلىق ھاسىلاتقا ئىگە قىلغانىدى، ئۇلار بۇ يىل 1 مىليارد يۈەنلىك چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورت كەسپى نىشانىنى تاماملاشنى پىلانلاپتۇ.

مۇخبىر جۇڭشۇن ئېلېكتىرونلۇق سودا (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەممىسىگە «TIR» بەلگىسى چاپلانغانلىقىنى كۆردى، بۇ بەلگە چاپلانغان ئاپتوموبىللار چېگراسىدىن ئۆتىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تاموژنىسىدىن ئۆتكەندە، ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا، ساندۇق ئېچىپ يۈك تەكشۈرۈلمەيدۇ، كارخانىلارنىڭمۇ چېگرادىن ئۆتۈش كېپىللىك ھەققى تاپشۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوق.

بۇلتۇر 2ـ ئايدا، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىي جاۋابى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىغا ئايلاندى، بۇ يىل، قەشقەر ئاۋىياتسىيە پورتىنىڭ ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك بەلگىلەنگەن نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مەيدانى تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك بەلگىلەنگەن نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندى... «بۇ، سىرتقا يۈزلەنگەن كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى <سىرتقا چىقىرىش>ىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ۋە تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى جاڭ چى.

8ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا، RCEP ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاي گۇۋاھنامىسى بار ياپونىيەگە ئېكسپورت قىلىنىدىغان بىر تۈركۈم ئاياللار كىيىمى ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتنىڭ تاموژنا بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشىدىن بەھرىمەن بولۇپ، مەنزىلگە ئوڭۇشلۇق يەتكۈزۈلدى. «ياپونىيە شىركىتىمىزنىڭ ئاساسلىق ئېكسپورت بازىرى. ھازىر كىيىم ـ كېچەكلىرىمىزنى ياپونىيەگە ئېكسپورت قىلساق، ھەربىر تۈركۈم مالدىن نەچچە مىڭ يۈەن تاموژنا بېجىنى كېمەيتىپ بېرىدۇ، بىر يىلدا خېلى كۆپ پۇل تېجىلىپ قالىدۇ» دېدى شىنجاڭ جېڭلۇن ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى سۈن جيەنخۇا.

كارخانىلار ئېكسپورتتا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاي گۇۋاھنامىسى تارقىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ۋاقتىدا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، قەشقەر تاموژنىسى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ۋە ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاي قائىدىسى تىزىملىكىنى رەتلەپ چىقىشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ئېكسپورت پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، گۇۋاھنامە ئىلتىماس قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى لايىھەنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۈزۈپ چىقىپ، ۋىزا بېجىرىش ھالقىسىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى كۆپ خىل يوللار بىلەن ھەل قىلدى.

تۈرلۈك ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەتلەردىن باشقا، قەشقەرنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد ـ سودا، كەسىپ قۇرۇلمىسى، بايلىقتىن پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان بازار يوشۇرۇن كۈچى ۋە سودا پۇرسىتىمۇ كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا ئۈزلۈكسىز جەلپ قىلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ يېڭىدىن توختام ئىمزالاپ سودىگەر چاقىرىش تۈرى 27 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 100 مىليون يۈەنلىكتىن ئارتۇق تۈردىن 24ى بار.

قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى نيې رۇڭتيەن مۇنداق دېدى: دۆلەت، ئاپتونوم رايون ھەم شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە قەشقەرنىڭ شۇ دەرىجىلىك تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى گىرەلىشىپ، بۇ رايونغا كىرگەن كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلارنىڭ دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى بازارلارنى كېڭەيتىشىگە ئۈنۈملۈك ياردەم بېرەلەيدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر يەنە پاكىستان قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ نۇقتىلىق شەھەرلىرى بىلەن ئىككى(كۆپ) تەرەپلىك قەرەللىك ئۇچرىشىش مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد ـ سودا، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ھەرتەرەپلىمە سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

发布时间 :
2023/09/20
责任编辑 :
栏目归属 :
奔腾之路 · 洞见
يوللانغان ۋاقتى:
2023/09/20
مەسئۇل مۇھەررىر :
تەۋە سەھىپە:
ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . كۆزىتىش
相关专题
مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس سەھىپىلەر