奔腾之路 · 洞见

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . كۆزىتىش

奔腾之路 · 洞见

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . كۆزىتىش

亚洲“心脏” 脉动强劲

石榴云/新疆日报记者 范琼燕 郭玲

随着“一带一路”建设的深入推进,新疆不再是边远地带,而是一个核心地带、枢纽地带。乌鲁木齐市地处亚洲“心脏”地带,作为丝绸之路经济带核心区重要节点城市,正在加快建设“一港五中心”,在这里,处处可感受到强劲有力的脉动。

通江达海阔步向世界

8月29日晚,一列满载床上用品、PET树脂切片等货物的中欧班列从乌鲁木齐国际陆港区中欧班列集结中心出发,开往哈萨克斯坦的阿腾科里、乌兹别克斯坦的丘库尔赛等地。

“前两天刚卸载了一批进口的红牛、济南发来的一批熔块……”乌鲁木齐国际陆港有限责任公司场站运营部企业运输员简泽轩一边忙碌着一边对记者说。

2013年,共建“一带一路”倡议提出。2015年,丝绸之路经济带核心区建设的标志性工程——乌鲁木齐国际陆港区启动建设,短短几年,按照“集货、建园、聚产业”的发展思路,已建成乌鲁木齐综合保税区、中欧班列(乌鲁木齐)集结中心、乌鲁木齐多式联运中心等多个功能区,枢纽承载能力大幅提升。

截至今年7月,乌鲁木齐国际陆港区始发中欧(中亚)班列已超7100列。“陆港区集聚效应正在凸显,通过21条开行班列线路,有200多个品类的‘中国制造’产品运往欧亚19个国家26个城市。欧亚各国货物也从这里转运至国内其他城市。”新疆国际陆港(集团)有限责任公司党委书记、董事长马春雷说,“我们力争今年开行中欧班列1100列以上、铁海联运班列550列、公路国际货运1万车。”

从中欧班列(乌鲁木齐)集结中心出发,沿丝路古道西行,2天可抵达哈萨克斯坦,8天抵达俄罗斯,16天抵达荷兰。乌鲁木齐市这个世界上离海洋最远的内陆城市,正通江达海阔步走向世界。

今年,乌鲁木齐国际陆港区还将持续加强集货,推进中欧班列高质量开行;加快推进多式联运集货区二期项目、智慧陆港建设进程;加快推进产业集聚发展,围绕国际商贸物流、跨境电商、供应链金融、先进制造、现代服务业等重点发展业态,加大招商力度,提升集货、建园、聚产业能力。

8月21日,新疆国际陆港(集团)有限责任公司正式融入新疆商贸物流(集团)有限公司,意味着新疆商贸物流产业转型升级工作迈出了重要的一步,有助于丝绸之路经济带核心区商贸物流中心建设,凸显新疆向西开放桥头堡作用。

“五大中心”建设亮点纷呈

春天,乘着高铁去看杏花;夏天,搭网约车到新疆国际大巴扎来一杯冰镇卡瓦斯;秋天,驾驶爱车在田字路上行驶,看乌鲁木齐流光溢彩的夜景;冬天,打“飞的”到雪都滑雪……

共建“一带一路”倡议提出10年间,乌鲁木齐市全力建设完善城市道路、公路、铁路、航空等组成的立体交通网络,形成东联西出国际大通道。建成了集高铁、长途客运、城市轨道交通、BRT、公共汽车、出租车、社会车辆等于一体,联通疆内外最大的综合交通枢纽。

乌鲁木齐在商贸物流中心建设中亮点频现。2022年9月,乌鲁木齐边疆宾馆商贸市场获批全国第六批市场采购贸易方式试点,仅一个月后,便将价值10.44万美元男鞋以市场采购贸易方式出口到哈萨克斯坦。

随着“一带一路”建设的推进,乌鲁木齐市利用专科医院优势,遴选符合条件的医疗机构开展国际医疗部试点工作,2022年,乌鲁木齐市级医疗机构接诊的外籍人员涵盖了阿富汗、哈萨克斯坦等12个国家。

8月,北京交响乐团弦乐五重奏、“郎朗和他的朋友们音乐会”、民族歌剧《侨批》等纷纷在乌鲁木齐亮相。近年来,乌鲁木齐市通过艺术展览、体育赛事、国际旅游、丝路考古等形式,增进了人文领域合作交流。同时,支持高等院校与丝绸之路经济带沿线国家联合办学,提升国际科技教育合作能力。

在乌市洞庭路附近,正在建设的乌鲁木齐绿谷国际商务区项目专门规划了国际金融区域,乌鲁木齐今典绿谷国际商务区投资开发有限公司董事长陈志元希望能在区域性国际金融中心建设中抢占一席之地。

10年来,乌鲁木齐市积极融入“一带一路”建设大格局,坚持在更大范围、更宽领域、更深层次推进对外开放,推动“五大中心”建设不断取得新成效,持续提升乌鲁木齐在核心区建设中的引领作用。

“买全球”“卖全球”齐头并进

8月17日,乌鲁木齐市民李莉来到乌鲁木齐西大门保税直购中心选购俄罗斯糖果、休闲零食,被俄罗斯馆内人头攒动的景象所震撼。在西大门保税直购中心小程序上下单,进口商品24小时送到市民手中。

一网联世界,天涯若比邻。在乌鲁木齐市,一些跨境电商已实现从海外仓发货到保税仓发货,从线上辐射到线下,市民在家门口就能“全球购”,非常便捷。

在消费者通过跨境电商渠道“买全球”时,乌鲁木齐市许多企业正在“卖全球”,一进一出之间,夯实了外贸发展根基。今年上半年,乌鲁木齐外贸进出口值为356.6亿元,同比增长55%,较全国外贸增速高出52.9个百分点,外贸进出口规模创历史新高。

“我们出口一辆车,从这里到口岸与从北京运到口岸相比,光运输成本就节省了3.5万元。”新疆大道实业投资有限公司董事长、总经理杨森说,为此,该公司在乌鲁木齐兴建两河高端制造科技产业园,正在打造一条高端装备制造全产业链。

陕汽新疆汽车有限公司作为新疆第一家从事整车生产制造的企业,现已接到新疆市场以及中亚五国的订单近4000辆,今年该公司的生产目标是6000辆。

卓郎新疆智能机械有限公司是卓郎在全球的核心工厂之一,落地乌鲁木齐,也是为了辐射“一带一路”沿线国家和地区市场。

近年来,越来越多的企业选择乌鲁木齐作为贸易合作伙伴,不仅推动了乌鲁木齐的经济发展,也促进了“一带一路”沿线国家和地区间的互利合作。乌鲁木齐在带动新疆融入“一带一路”建设大格局、站稳向西开放最前沿等方面发挥着积极作用。

ئاسىيانىڭ «يۈرىكى» كۈچلۈك سوقماقتا

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى فەن چيۇڭيەن، گو لىڭ

«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئەمدى چەت، يىراق جاي بولماستىن، بەلكى بىر يادرولۇق رايون، تۈگۈن رايون بولدى. ئۈرۈمچى شەھىرى ئاسىيانىڭ «يۈرىكى»گە جايلاشقان بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى مۇھىم تۈگۈن شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، «بىر پورت، بەش مەركەز»نى تېز قۇرماقتا، بۇ جاينىڭ ھەممىلا يېرىدە كۈچلۈك تومۇر سوقۇشنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

دەريا - دېڭىزلارغا تۇتىشىپ، چوڭ قەدەم بىلەن دۇنياغا يۈزلىنىش

8- ئاينىڭ 29- كۈنى كەچتە، كارىۋات بۇيۇملىرى، PET دەرەخ يېلىمى ياپراقچىسى قاتارلىق ماللار لىق قاچىلانغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقىپ، قازاقىستاندىكى ئالتۇنكۆل، ئۆزبېكىستاندىكى چۇقۇرساي قاتارلىق جايلارغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

«ئىككى كۈننىڭ ئالدىدىلا ئىمپورت قىلىنغان بىر تۈركۈم خۇڭنيۇنى، جىنەندىن ئەۋەتىلگەن بىر تۈركۈم ئېرىتمە تۈگۈرچەكنى چۈشۈردۇق...» ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مەيدان - ۋوگزال تىجارەت بۆلۈمىنىڭ كارخانا تىرانسپورت خادىمى جيەن زېشۈەن بىر تەرەپتىن ئالدىراش ئىشلىگەچ، بىر تەرەپتىن مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

2013- يىلى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2015- يىلى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش − ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنى قۇرۇش باشلاندى، قىسقىغىنا بىر نەچچە يىلدا، «مال توپلاش، باغچە رايونى قۇرۇش، كەسىپلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش» تەرەققىيات تەپەككۇرىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزى، ئۈرۈمچى كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت مەركىزى قاتارلىق كۆپ ئىقتىدارلىق رايونلار قۇرۇپ چىقىلىپ، تۈگۈننىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى.

بۇ يىل 7- ئايغىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىن يولغا چىققان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 7100دىن ئاشتى. «قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ توپلاش ئېففېكتى گەۋدىلەنمەكتە، 21 نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىنى ئېچىش ئارقىلىق، 200دىن ئارتۇق تۈردىكى <جۇڭگودا ياسالغان> مەھسۇلات ياۋروپا - ئاسىيادىكى 19 دۆلەتتىكى 26 شەھەرگە توشۇلدى. ياۋروپا - ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ماللىرىمۇ بۇ يەردىن دۆلەت ئىچىدىكى باشقا شەھەرلەرگە يۆتكەپ توشۇلىدۇ.» شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ما چۇنلېي مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يىل جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن 1100 قېتىمدىن ئارتۇقنى، تۆمۈريول، دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزىدىن 550 قېتىمنى، تاشيول خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىلىدىن 10 مىڭ قېتىمنى يولغا سېلىشقا تىرىشىمىز».

جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقىپ، يىپەك يولىدىكى قەدىمىي يولنى بويلاپ غەربكە ماڭسا، ئىككى كۈندە قازاقىستانغا، سەككىز كۈندە رۇسىيەگە، 16 كۈندە گوللاندىيەگە بارغىلى بولىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدىن ئىبارەت دۇنيادىكى دېڭىز - ئوكياندىن ئەڭ يىراق بولغان بۇ ئىچكى قۇرۇقلۇق شەھىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىپ، چوڭ قەدەم بىلەن دۇنياغا يۈزلەنمەكتە.

بۇ يىل، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى يەنە مال توپلاشنى سىجىل كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قاتنىشىنى ئالغا سىلجىتتى؛ كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت مال توپلاش رايونىنىڭ 2 - قارارلىق تۈرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇرۇقلۇق پورتى قۇرۇلۇشى مۇساپىسىنى تېز ئالغا سىلجىتتى؛ كەسىپلەرنىڭ توپلىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا سودا ئەشيا ئوبوروتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، تەمىنلەش زەنجىرى پۇل مۇئامىلىسى، ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان كەسىپ ھالىتىنى چۆرىدەپ، سودىگەر چاقىرىش سالمىقىنى زورايتىپ، مال توپلاش، باغچە رايونى قۇرۇش، كەسىپلەرنى توپلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

8- ئاينىڭ 21- كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىگە رەسمىي قوشۇلدى، بۇ، شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىدە مۇھىم بىر قەدەم تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق، شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىلىق رولىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.

«بەش چوڭ مەركەز» قۇرۇلۇشىدا يارقىن نۇقتىلار نامايان بولدى

باھاردا، گاۋتيېغا ئولتۇرۇپ ئۆرۈك چېچىكى كۆرگىلى بېرىش؛ يازدا، توردا كېلىشىپ قويغان ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارغا بېرىپ بىر ئىستاكان مۇزدەك كاۋاس ئىچىش؛ كۈزدە، ئامراق ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ تورلاشقان يولدا مېڭىپ، ئۈرۈمچىنىڭ رەڭدار كېچىلىك مەنزىرىسىنى كۆرۈش؛ قىشتا، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قار شەھىرىگە بېرىپ قار تېيىلىش...

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئون يىلدا، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر يولى، تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئىستېرېئولۇق قاتناش تورىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىشتىكى خەلقئارا چوڭ يولنى شەكىللەندۈردى. گاۋتيې، ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى تىرانسپورتى، شەھەر رېلىسلىق قاتنىشى، BRT، ئاممىۋى ئاپتوبۇس، تاكسى، جەمئىيەت ئاپتوموبىللىرى قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن، شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى بەرپا قىلدى.

سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى قۇرۇلۇشىدا ئۈرۈمچىنىڭ يارقىن نۇقتىلىرى كۆپلەپ نامايان بولۇۋاتىدۇ. 2022- يىلى 9- ئايدا، ئۈرۈمچى چېگرا رايون مېھمانخانىسى سودا بازىرى مەملىكەت بويىچە 6 - تۈركۈمدىكى بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلى سىناق نۇقتىسى بولۇپ تەستىقلاندى، بىر ئايدىن كېيىنلا، 104 مىڭ 400 ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ئەرەنچە ئاياغلار بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلىدە قازاقىستانغا ئېكسپورت قىلىندى.

«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تاللاپ، خەلقئارا داۋالاش بۆلۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، 2022- يىلى، ئۈرۈمچىدىكى شەھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى قوبۇل قىلىپ داۋالىغان چەت ئەللىك خادىملار ئافغانىستان، قازاقىستان قاتارلىق 12 دۆلەتتىن كەلگەن خادىملارنى قاپلىدى.

8- ئايدا بېيجىڭ سىمفونىيە ئۆمىكىنىڭ تارىلىق چالغۇلار كىۋېنتېتى، «لاڭ لاڭ ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى مۇزىكا كېچىلىكى»، مىللىي ئوپېرا «خۇاچياۋلار خەت - چەكلىرى» قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن ئۈرۈمچىدە قويۇلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى سەنئەت كۆرگەزمىسى، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، خەلقئارالىق ساياھەت، يىپەك يولى ئارخېئولوگىيەسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇشىنى قوللاپ، خەلقئارا پەن - تېخنىكا، مائارىپ ھەمكارلىقى ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

ئۈرۈمچى شەھىرى دۇڭتىڭ يولى ئەتراپىدا قۇرۇلۇۋاتقان ئۈرۈمچى لۈگۇ خەلقئارا سودا رايونى تۈرىدە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە رايونى مەخسۇس پىلانلاندى، ئۈرۈمچى جىنديەن لۈگۇ خەلقئارا سودا رايونى مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چېن جىيۈەن رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇلۇشىدا بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلدى.

ئون يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى چوڭ ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بەش چوڭ مەركەز» قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى سىجىل ئۆستۈردى.

«پۈتۈن يەرشارىدىن سېتىۋېلىش» «پۈتۈن يەرشارىغا سېتىش» تەڭ ئىلگىرى سۈرۈلدى

8- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى لى لى ئۈرۈمچى شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزىگە كېلىپ رۇسىيەنىڭ قەنت - گېزەكلىرى، ئۇششاق يېمەكلىكلىرىنى تاللاپ سېتىۋالدى، ئۇ رۇسىيە سارىيىدىكى مىغ - مىغ ئادەم بىلەن لىق تولغان مەنزىرىدىن ھەيران قالدى. شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق زاكاز چۈشۈرگىلى بولىدۇ، ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلار 24 سائەت ئىچىدە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلىدۇ.

بىر تور ئارقىلىق دۇنياغا تۇتىشىپ، دۇنيانىڭ چەت - چېتىدىكىلەر بىلەن يېقىن قوشنا بولۇش. ئۈرۈمچى شەھىرىدە، بىر قىسىم چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدا چەت ئەلدىكى ئامبارلاردىن مال تارقىتىشتىن باجدىن خالىي ئامباردىن مال تارقىتىشقىچە، توردا تەسىر كۆرسىتىشتىن تور سىرتىدا تەسىر كۆرسىتىشكىچە بولغان ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ئىشىك ئالدىدىلا «پۈتۈن يەرشارىدىن مال سېتىۋالالايدىغان بولدى»، ئىنتايىن قولايلاشتى.

ئىستېمالچىلار چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا يولى ئارقىلىق «پۈتۈن يەرشارىدىن سېتىۋېلىۋاتقان» ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇرغۇن كارخانا «پۈتۈن يەر شارىغا مال سېتىۋاتىدۇ»، كىرگۈزۈش - چىقىرىش ئارىلىقىدا، تاشقى سودىنىڭ تەرەققىيات ئاساسى پۇختىلاندى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئۈرۈمچىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 35 مىليارد 660 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %55 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەت تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 52.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت كۆلىمىدە تارىخىي يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى.

«بىز بىر ئاپتوموبىلنى ئېكسپورت قىلىشتا، بۇ يەردىن پورتقا توشۇساق بېيجىڭدىن پورتقا توشۇغانغا سېلىشتۇرغاندا، توشۇش تەننەرخىدىنلا 35 مىڭ يۈەن تېجەپ قالالايمىز.» شىنجاڭ داداۋ ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، باش دىرېكتور ياڭ سېن مۇنداق دېدى: شۇڭا، شىركىتىمىز ئۈرۈمچىدە لياڭخې يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق پەن - تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇپ، بىر ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ.

شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى شىنجاڭدىكى تۇنجى پۈتۈن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش - ياساش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھازىر شىنجاڭ بازىرى ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتىن 4000 غا يېقىن ئاپتوموبىل زاكازى قوبۇل قىلدى، بۇ يىل بۇ شىركەتنىڭ نىشانى 6000 ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش.

جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركىتى جولاڭنىڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى يادرولۇق زاۋۇتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە ماكانلىشىشىدىكى مەقسەت «بىر بەلباغ، بىر يول»لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايون بازارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىش.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بارغانسېرى كۆپلىگەن كارخانا ئۈرۈمچىنى سودا ھەمكارلىق ھەمراھى قىلىپ تاللاپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. ئۈرۈمچى شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى چوڭ ئەندىزىسىگە سىڭىشىشى، غەربكە ئېچىۋېتىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە مەزمۇت تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

发布时间 :
2023/09/20
责任编辑 :
栏目归属 :
奔腾之路 · 洞见
يوللانغان ۋاقتى:
2023/09/20
مەسئۇل مۇھەررىر :
تەۋە سەھىپە:
ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . كۆزىتىش
相关专题
مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس سەھىپىلەر