□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لۇ فېڭباۋ، چېن چياڭۋېي
بىرى «دۇنيا ئۇششاق تاۋارلار مەركىزى»، يەنە بىرى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، ئارىلىقى نەچچە مىڭ چاقىرىم كېلىدىغان جېجياڭ بىلەن شىنجاڭ ئىككى جاي ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپلىگەن ساھەدە چوڭقۇر ھەمكارلىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش داۋامىدا سىرتقا ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلدى.
ئۇششاق تاۋارلار تۇتاشتۇرغۇچى ۋاسىتە بولدى
ئۇششاق تاۋارلار شەھەرچىسى تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر ئالدى بىلەن جېجياڭ يىۋۇنى ئەسكە ئالىدۇ.
«توخۇ پېيىگە شېكەر ئالماشتۇرۇش»تىن ئۆزلۈكىدىن شەكىللەنگەن «يول بويى بازىرى»غىچە، 40 نەچچە يىللىق ئۆزگىرىش ئارقىلىق، يىۋۇ خەلقئارا سودا شەھەرچىسى تەرەققىي قىلىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۈندىلىك تاۋارلارنى توپ سېتىش بازىرىغا ئايلاندى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن 2 مىليون 100 مىڭ خىل تاۋار بۇ يەرگە توپلىنىپ، يەنە دۇنيادىكى 230 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا سېتىلىپ، «يەرشارىۋى سېتىۋېلىش، يەرشارىۋى سېتىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
دېڭىزدىن يىراق، چېگرادىن يىراق جېجياڭ يىۋۇ ئۇششاق تاۋارلارغا تايىنىپ پۈتۈن دۇنيانى تۇتاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا. بۇ يىل 1- ئايدىن 6- ئايغىچە، يىۋۇ شەھىرىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 268 مىليارد 970 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21 ئاشتى.
شىنجاڭ تاۋار بازىرىمۇ ئۈستى ئوچۇق بازاردىن باشلانغان.
بازار (扎巴) شىنجاڭدا ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۈستى ئوچۇق بازارنى كۆرسىتىدۇ، شىنجاڭلىقلار بازار (扎巴)دا پۇل تاپقاندىن كېيىن، يەنە ئاتلىنىپ، تېخىمۇ چوڭ بازارغا قاتنىشىدۇ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان تاۋار بازىرى دەل ئۇنىڭ ئىچىدە بىخلىنىپ بارلىققا كەلگەن. 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا، ئۈرۈمچى چېگرا رايون مېھمانخانىسى سودا بازىرى تەدرىجىي شەكىللىنىپ، نۇرغۇن شىنجاڭلىق سىناق تەرىقىسىدە چېگرا سودىسى قىلىشقا باشلىدى. بۇ بازارمۇ جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم سۇپىسىغا ئايلىنىپ، تۈركۈم - تۈركۈم تاۋار شىنجاڭ ئارقىلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە كىردى.
«1990- يىلىلا نۇرغۇن شىنجاڭلىق سودىگەر يىۋۇ بازىرىغا كېلىپ ئۇششاق تاۋارلارنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن چەت ئەللەرگە ساتتى، شىنجاڭ يىۋۇنىڭ خەلقئارا سودىنى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا سودىسىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم <يول باشلىغۇچى>» دېدى 8 - ئاينىڭ 21- كۈنى يىۋۇ شەھەرلىك سودا ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.
دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەرەققىيات ئارقىلىق، جېجياڭ يىۋۇ بىلەن شىنجاڭنىڭ تاۋار بازىرى كېلىشىۋالغاندەكلا زامانىۋىلاشقان تەرەققىيات يولىغا ماڭدى، ئۇششاق تاۋارلار ئىككى جاينىڭ سودا ئالاقىسىدىكى ۋاسىتىگە ئايلاندى.
بۇلتۇر، ئاقسۇ يېنىك سانائەت بەش خىل مېتال شەھەرچىسى ۋە ئاقسۇ شەھەر رايونىدىكى سەيفۇ مەيدانىدا، جېجياڭ جىنخۇا نەپىس بۇيۇملار سارىيى ۋە يىۋۇ ئۇششاق تاۋارلارنى بىۋاسىتە سېتىش مەركىزى ئارقا - ئارقىدىن يېڭىدىن ئېچىلىپ، شۇ جايدىكى ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ مول تاللاش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.
بۇ يىل 6- ئاينىڭ 18- كۈنى، جۇڭگو قەشقەر يىۋۇ ئۇششاق تاۋارلار توپ سېتىش شەھەرچىسى (خەلقئارا سېتىۋېلىش مەركىزى) تۈرىگە ئۇل سېلىش مۇراسىمى قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، يىۋۇ ئۇششاق تاۋارلار شەھەرچىسى سۈپەتلىك ماركىسى ھوقۇق بەرگەن تۈر بولۇپ، يىۋۇ ئەندىزىسى، يىۋۇ تەجرىبىسى ۋە يىۋۇ تاۋارلىرىنى شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىپ، يىۋۇ ئۇششاق تاۋارلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى تەسىر كۈچىنى داۋاملىق كېڭەيتىدۇ.
يىۋۇ خەلقئارا سودا شەھەرچىسىدە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن يەرشارىدىن كەلگەن سودىگەرلەر ئۇنىڭدىن سودا پۇرسىتى ئىزدەيدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىن كەلگەن سودىگەرلەرمۇ ئاز ئەمەس.
ئەشيا ئوبوروت يولى تېز كېڭەيدى
8- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئۇششاق تاۋار، بەش خىل مېتال، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ماللار لىق قاچىلانغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (يىۋۇ - شىنجاڭ - ياۋروپا) جېجياڭ يىۋۇ تۆمۈريول پورتىدىن يولغا چىقىپ، ئىسپانىيەنىڭ مادرىدقا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
2014- يىلى 11- ئاينىڭ 18- كۈنى، يىۋۇدىن مادرىدقا بارىدىغان تۇنجى نۆۋەتچى پويىز يىۋۇ تۆمۈريول پورتىدىن يولغا چىقىپ، ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى سەككىز دۆلەتنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن مەنزىلگە يېتىپ باردى.
«يىۋۇ - شىنجاڭ - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۆسۈپ يېتىلىش سۈرئىتى تېز بولۇش، يۈرۈش تورى زىچ بولۇش، كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش رولى چوڭ بولۇش، كەسىپ ئەندىزىسى يېڭى بولۇش، ئىسلاھاتقا كۈچ قوشۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر نامايان بولدى» دېدى يىۋۇ - شىنجاڭ - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى تىجارەت شىركىتى − يىۋۇ شەھىرى تيەنمېڭ ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ تىجارەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن باش لىدىرى يې چيۇرەن.
8- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە، يىۋۇ - شىنجاڭ - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يىۋۇ سۇپىسى ئارقىلىق بېرىپ - كېلىپ قاتنىغان سانى جەمئىي 6100 قېتىمدىن ئاشتى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يىۋۇ - مادرىد قاتارلىق 18 يۈرۈش لىنىيەسى ئېچىلىپ، ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا تەسىر كۆرسەتتى، توشۇلىدىغان مال تۈرىمۇ ئۇششاق تاۋارلاردىن ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، يورۇقلۇق ۋولت زاپچاسلىرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە قاتارلىقلارغا كېڭەيدى.
جېجياڭ يىۋۇدىن يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ %70ى قورغاس ۋە ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ چىقىدۇ.
يىۋۇ شەھەرلىك سودا ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: يىۋۇ - شىنجاڭ - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئاساسىدا، جېجياڭ بىلەن شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروت تورى قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يىۋۇ - شىنجاڭ - ئوتتۇرا ئاسىيا (ياۋروپا) سودا ئەشيا ئوبوروت يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىدۇ.
بۇلتۇر 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، جېجياڭ يىلۇخاڭ خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تىجارەت باشلىدى، تەخمىنەن 6 مىليون 800 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى كۈندىلىك تۈرلۈك مال، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى لىق قاچىلانغان توققۇز يۈك ئاپتوموبىلى يىۋۇدىن يولغا چىقىپ، شىنجاڭدىكى باقتۇ پورتى ئارقىلىق ساندۇقلارنى گۇرۇپپىلاپ چېگرادىن چىقىپ ياۋروپاغا يۈرۈپ كەتتى. بۇ، جېجياڭ يىۋۇ شەھىرىدىكى تۇنجى يۈك ئاپتوموبىلى يىغىپ گۇرۇپپىلاش مەركىزى تۈرى بولۇپ، يىۋۇنىڭ تۆمۈريول، دېڭىز يولى، ئاۋىياتسىيە يولىدىن كېيىنكى تاشقى سودىدىكى «4- يول»ىغا ئايلاندى.
يىۋۇ يۈك ئاپتوموبىلى قاتنىشى كەسپى شىنجاڭ شېڭدا يۈك ئاپتوموبىلى قاتنىشى تەمىنلەش زەنجىرى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن كەسپى، «يىۋۇ بىلەن شىنجاڭ ئارىسىدا ئوبوروت قىلىنىدىغان ماللار ناھايىتى كۆپ، بىز يۈك ئاپتوموبىلى قاتنىشى كەسپىنى كېڭەيتىپ، ئىككى جاينىڭ ئەشيا ئوبوروتى جەھەتتىكى تاللىشىنى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلەشتۈرۈمىز» دېدى جېجياڭ يىلۇخاڭ خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شېڭ ياۋفېڭ.
گەپ ئارىلىقىدا، بىر يۈك ئاپتوموبىلى قاچىلاش - چۈشۈرۈش ئېغىزىدا توختىدى، خىزمەتچى خادىملار يۆتكەش - توشۇش ماشىنىسى ئارقىلىق ماللارنى يۈك ئاپتوموبىلىغا يۆتكىدى. «بۇ رەخت، پايپاق قاتارلىق ماللار شىنجاڭ ئارقىلىق ياۋروپاغا توشۇلىدۇ» دېدى شېڭ ياۋفېڭ.
8- ئاينىڭ 21- كۈنى، يىۋۇ شەھىرى شېنتۇڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتىدە خىزمەتچى خادىملار ئايرىش لىنىيەسىدە تېز يوللانمىلارنى رايون بويىچە ئايرىۋاتاتتى.
مۇخبىرلار ئىككى تېز يەتكۈزۈش ئايرىش ئېغىزىغا «ئۈرۈمچى شەھىرى رايون پوسۇلكىلىرى» ۋە «ئۈرۈمچى شەھىرى ئارقىلىق توشۇلىدىغان پوسۇلكىلار» دېگەن خەتلەر يېزىلغانلىقىنى، شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك تېز يوللانمىلارنىڭ بۇ ئىككى ئايرىش ئېغىزى ئارقىلىق بىرتۇتاش ئوراپ قاچىلاپ توشۇلىدىغانلىقىنى كۆردى.
«يىۋۇدىن شىنجاڭغا ئەۋەتىلىدىغان تېز يوللانمىلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، شۇڭا بۇلتۇر بىز شىنجاڭ مەخسۇس لىنىيەسى قۇردۇق». يىۋۇ شەھىرى شېنتۇڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ مەخسۇس لىنىيەسىنىڭ مەسئۇلى لياڭ جۈن مۇنداق دېدى: «بۇ يىل شىنجاڭغا يەتكۈزۈلىدىغان تېز يوللانما مىقدارى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 مىڭدىن 30 مىڭغىچە بولدى، يەنە كۆپىيىۋاتىدۇ».
جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، يۈك ئاپتوموبىلى قاتنىشى، تېز يەتكۈزۈش... كۈنسېرى كۆپ مەنبەلىشىۋاتقان ئەشيا ئوبوروتى شەكلى جېجياڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ئىككى جاينىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.
ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالدى
جېجياڭ يىۋۇنىڭ ئەۋزەللىكى نېمە؟ تۈرى كۆپ ئۇششاق تاۋارلار ھەمدە ئۇششاق تاۋارلارنى چۆرىدەپ شەكىللەنگەن ياسىمىچىلىق، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق كەسىپلەر.
شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكى نېمە؟ قۇرۇقلۇق پورتى ئەڭ كۆپ، شۇنداقلا راۋان ھەم شەكلى كۆپ خىل بولغان سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولى.
ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش بوشلۇقى ناھايىتى چوڭ. «يىۋۇ شىنجاڭ بىلەن رايون ھالقىپ مال توپلاش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ چېگرا بويىدىكى پورتلىرى بىلەن ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئىزدەنسە بولىدۇ» دېدى يىۋۇ شەھەرلىك بازار تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.
ھەر قايسىسى ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرغاندا، شىنجاڭ بىلەن جېجياڭ ئىككى جاي تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلام، تېخىمۇ كۆپ ساھەدىكى ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ مۇمكىنچىلىكىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.
بۇ يىل 4- ئايدا، يىۋۇ شەھىرىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ئالاقىدار تارماقلار ۋە كارخانا مەسئۇللىرىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، پورت ئەشيا ئوبوروتى خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
7- ئايدا، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ سودىگەر چاقىرىش شۆبە ئەترىتى خاڭجوۋ شەھىرى، شاۋشىڭ شەھىرى، يىۋۇ شەھىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، سودىگەر چاقىردى، ئاقسۇنى يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇردى، ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى توغرىسىدا نۇقتىدىن نۇقتىغا كېڭەشتى.
7- ئاينىڭ 25- كۈنى، بورتالا شەھىرى يىۋۇ شەھىرى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ ئورتاق ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىش، سودا ئىقتىسادىنى كېڭەيتىش، ئىختىساسلىقلار ۋە مائارىپ ئالاقىسىنى كۈچەيتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، چېگرا ھەمكارلىق رايونىنىڭ تىجارىتىنى باشقۇرۇش، ئالدىنقى ئامبار تۈر قۇرۇلۇشى، سودا ئەشيا ئوبوروتى تەمىنلەش زەنجىرى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى.
ئىقتىساد قاتلىمىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشتىن باشقا، ئادىمىيەت ئالاقىسىمۇ ئىككى جاينىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مەزمۇنىنى بېيىتتى.
3- ئايدا، 17- نۆۋەتلىك جۇڭگو يىۋۇ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرى سودا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ نۇرغۇن مەدەنىيەت - ساياھەت كارخانىسىنى تەشكىللەپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، جەمئىي 800دىن ئارتۇق مەدەنىيەت - ساياھەت مەھسۇلاتىنى ئېلىپ بېرىپ، رەقەملىك مەدەنىيەت - ساياھەت، كەسىپ سۇپىسى، مەدەنىيەت - ساياھەتنى يۇغۇرۇش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، مەدەنىيەت ئىجادىيىتىIP، شىنجاڭ سوۋغىسى قاتارلىق كۆرگەزمە رايونلىرىدا كۆرگەزمە قىلىپ، شىنجاڭ سوۋغىسى بىلەن «يىۋۇ ياسىمىچىلىقى»نى ئۇچراشتۇرۇپ ئۇچقۇن ھاسىل قىلدى.
ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا بېرىش - كېلىش قىلىشى داۋامىدا ھەربىر ھەمكارلىق تۈرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى. «بىز دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن جايدا زاپاس ساقلاش ئامبىرى قۇرۇپ، باقتۇ پورتىدا ئالدىنقى ئامبار قۇرۇپ، قازاقىستان ھەتتا ياۋروپادا چەت ئەل ئامبىرى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتنى شىنجاڭ ئارقىلىق چېگرادىن چىقىرىشنى پىلانلىدۇق» دېدى شېڭ ياۋفېڭ.