奔腾之路 · 洞见

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . كۆزىتىش

奔腾之路 · 洞见

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . كۆزىتىش

丝路动脉连接天山与中原

石榴云/新疆日报记者 刘东莱 热依达

轰鸣声中,一架飞机呼啸而起,银翼划过云朵,不到30小时,将满载着郑州商品降落在地球另一边的纽约;云层下,径直铺展开来的郑州繁灯千万,长长的灯火快速从四面八方向这座城市涌来,又摇曳着光影向四面八方奔去,那是列车在中原大地进进出出。10年来,郑州成为丝路动脉上举足轻重的一处枢纽,长长的新亚欧大陆桥连接着天山与中原,与不熄灯火相伴的,是涌动奔腾的经济活力,推动着这座城市欣欣向荣。

西电东送夯实城市发展基础

近距离仰望电力塔,会产生一种很强的压迫感,仿佛头顶巨塔正带着庞大能量俯视着你。8月15日,在国家电网河南省电力公司直流中心中州换流站,记者的感觉正是如此。

中州换流站,是西电东送工程中一项宏大项目的东端。2014年1月27日,±800KV特高压天中直流输电工程建成运营。“天”是天山的“天”,“中”是中原的“中”。

该工程西起新疆哈密,东至河南郑州,2192千米外的新疆电能送到中原大地只需7个毫秒,就在记者掏出采访本的10秒时间里,已经有1.67万千瓦时电横跨半个中国,进入中原大地的千家万户。

“每天,我们这里给河南输送1.5亿度电,河南近1亿人,相当于每人每天就有1.5度电来自新疆。”中州换流站站长李帅兵说,近年来换流站每年向河南送电超过400亿千瓦时。在他身后,横着10个大字:电从远方来,清洁大中原。

“随着新疆能源开发力度不断加大,天中直流送电量也逐年攀升。”李帅兵说,刚开始时输电端能源开发力度不够强,电量不均衡。天中项目效益持续发挥的10年,也是新疆能源开发水平大幅提升的10年。如今的哈密大地,风车列阵处处,光伏陈列如海,现代化的火电厂白烟轻涌,散于碧空之中。稳定强大的电流一刻不停涌向中原。

近年来,该工程累计向河南乃至华中电网输送电量近3400亿千瓦时,相当于减少标准煤燃烧1.1亿吨,减排二氧化碳3.4亿吨。“我理解‘一带一路’的重要内容之一是合作共享。天中项目助推郑州的能源清洁低碳转型,强力支撑了河南经济社会发展用电需求,这是条意义重大的‘电力丝绸之路’。”李帅兵说。

重商尽职铺就十年繁荣之路

今年是中国自贸试验区建设10周年,对中国(河南)自由贸易试验区郑州片区(以下简称“郑州自贸片区”)而言,则是在“一带一路”建设中破局出圈的10年。

10年来,在郑州“一带一路”建设历程中,“勇气”二字熠熠生辉。

勇气是被逼出来的。2013年,共建“一带一路”倡议提出后,郑州发现自己处在一个很尴尬的位置:不沿边、不靠海。这个时候,用什么样的态度面对,成为关键的一步。是要守成,按部就班进行常规建设,还是积极进取,主动融进“一带一路”建设大格局中以求有为?

郑州毅然选择了后者。

首先是区位优势的进一步加强。郑州地处“中国交通十字路口”,是全国普通铁路和高速铁路网中唯一的“双十字”中心,2小时航空圈辐射全国92%人口、全国94%经济总量和98%的外贸份额,2小时高铁圈覆盖4亿人的生活和消费。10年间,“空陆网海”四条丝路从郑州延伸至全球。

每一条“路”,企业都是主体,他们为何选择郑州?

记者在采访中注意到一个细节,在郑州市河南保税物流中心,地铁修到了园区门口。人们出地铁口,往左走几步,穿过一道门,就能进入园区。而郑州中大门保税新零售体验中心离地铁口不到300米,停车场也很宽阔,市民来此购物十分方便。

“这10年来,我最深刻的感受之一,就是郑州这个地方,企业与政府劲往一处使,都在千方百计地提高效率。”河南省进口物资公共保税中心集团有限公司(以下简称“河南保税集团”)公共关系经理刘柯真说。

“2020年,我在郑州办一个跨境电商的手续,用了1小时。公司在全国都有布局,不久后在另一个地方,同样的手续,你猜我花了多长时间?”

“一天?”

刘柯真摇了摇头:“整整一个月。”

这是郑州软环境建设中极其微小的一幕,却关系着企业的生死存亡。郑州市副市长马志峰介绍,改革红利释放和营商环境优化大大激发了市场活力,自2017年以来,郑州自贸片区新注册企业8.7万家,其中外资企业449家,实际利用外资8.02亿美元,累计进出口值1900多亿元。签约重大项目200余个,引进世界500强项目10余个,总投资3000多亿元。

创新发展赢得丝路建设先机

10年来,不管遇到多少艰难险阻,企业对“一带一路”的发展前景始终充满着信心。这种信心,源自一系列宏观层面的务实举措。

中欧班列作为沿线国家务实合作的重要载体,发展伊始就得到了各国领导人的高度重视。

在高层共识之下,国家发展改革委等部门不断加强与沿线国家的政策沟通、交流合作,通过签署跨境运输协议、推进国际联运规则制修订和标准统一、完善双多边贸易规则等一系列举措,为中欧班列畅通运行提供多方面多层次的支撑与保障;同时,沿线国家城市和企业间也深入开展互动交流合作,为中欧班列的探索开行奠定良好基础,并提供了优质的物流服务和稳定的货源保障。

大海在前,鱼藏碧波,怎样扬帆,就看当地政府和企业的自身奋斗了。

郑州对此有着很清晰的认知:在激烈的市场竞争中,机会,是抢来的!

利用国家战略叠加、区位交通畅达、产业基础雄厚等优势,郑州在全国率先建立多式联运建设协调推进机制,制定第一个省级多式联运标准体系,顺利完成交通强国内陆型多式联运试点,实施“空铁联运”“空空中转”等多项多式联运国家示范工程,从硬件到软件,从信息系统到标准规则,全面推进了多式联运的创新发展。

源自河南保税集团的“1210”跨境电商监管服务模式,已成为全球跨境电商通关服务解决方案的主要选择。“我们努力的方向是物流供应链4年内实现全球范围下单。”河南保税集团总裁徐平说,“要让跨境电商交付更加快速便捷,做到7天×24小时购遍全球,7天在全球范围内完成配送。”

郑州国际陆港开发建设有限公司将科技深度植入班列运营全流程,建成全国中欧班列中信息化程度最高的数字班列。综合利用互联网、物联网等技术,应用新材料、新工艺,攻克了多式联运集装箱全程运踪定位、冷藏集装箱国际超长距离温度控制等多项关键技术。“我们借助新装备实现了冷藏箱温度、湿度精确控制,为客户提供门到门、点到点全程可视化的冷链运输服务。”该公司副总经理郭新年说。

据统计,自2017年挂牌成立至今,河南自贸试验区在规则、规制、管理、标准等制度型开放方面先行先试,累计形成546项制度创新成果,其中16项被国家层面采纳推广。

“河南的制度创新助推跨境电商等新经济、新模式、新业态高质量发展成效显著,为世界提供了在数字化信息化条件下的国际贸易解决方案。”中国(河南)自由贸易试验区郑州片区管委会副主任朱召龙说。

يىپەك يولى تومۇرى تىيانشان بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى تۇتاشتۇردى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ دۇڭلەي، رايىدە

گۈرۈلدىگەن ئاۋاز ئىچىدە، جېڭجوۋنىڭ تاۋارلىرى لىق قاچىلانغان بىر ئايروپىلان غۇيۇلداپ كۆككە كۆتۈرۈلدى، كۈمۈش رەڭلىك قاناتلىرى بۇلۇتلارنى يېرىپ ئۆتۈپ، 30 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىلا، يەرشارىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى نيۇيوركقا قونىدۇ؛ بۇلۇت قاتلىمى ئاستىدا، تۈپتۈز يېيىلغان جېڭجوۋ رەڭگارەڭ چىراغ نۇرلىرىغا تولدى، يىراقلارنى يورۇتقان چىراغ نۇرلىرى تېز سۈرئەتتە تەرەپ ـ تەرەپلەردىن كېلىپ بۇ شەھەرگە توپلاندى، يەنە جۇلالىق نۇر چاچقىنىچە تەرەپ ـ تەرەپلەرگە يۈرۈپ كەتتى، بۇ دەل پويىزلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تۇپرىقىغا كىرىپ چىقىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 10 يىلدىن بۇيان، جېڭجوۋ يىپەك يولى تومۇرىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە ئايلىنىپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان يېڭى ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى تىيانشان بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى تۇتاشتۇردى، ئۆچمەس چىراغ نۇرلىرىغا ھەمراھ بولغىنى بۇ شەھەرنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقان ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى.

غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش شەھەرنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى

يېقىن ئارىلىقتىن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مۇنارىغا قارىغاندا، خۇددى باش ئۈستىڭىزدىكى زور مۇنار غايەت زور ئېنېرگىيە بىلەن سىزگە ئېڭىشىپ قاراۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىپ، سىزدە ناھايىتى كۈچلۈك بېسىم تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. 8ـ ئاينىڭ 15ـ كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى خېنەن ئۆلكىلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش مەركىزىنىڭ جۇڭجوۋ تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرۇش پونكىتىدا، مۇخبىرلارنىڭ ھېسسىياتى دەل شۇنداق بولدى.

جۇڭجوۋ تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرۇش پونكىتى غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىكى بىر مۇھىم، زور تۈرنىڭ شەرقىي ئۇچى. 2014ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 27ـ كۈنى، 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تيەنجۇڭ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. تيەنجۇڭ دېگەن ئىسىمدىكى «تيەن» تىيانشاندىكى «天»، «جۇڭ» جۇڭيۈەن (ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك)دىكى «中».

بۇ قۇرۇلۇش غەربتە شىنجاڭ قومۇلدىن باشلىنىپ، شەرقتە خېنەن جېڭجوۋغا بارىدۇ، 2192 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تۇپرىقىغا پەقەت يەتتە مىللىسېكۇنتتا يەتكۈزۈلىدۇ، مۇخبىرلار زىيارەت دەپتىرىنى چىقىرىۋاتقان 10 سېكۇنت ئىچىدە، 16 مىڭ 700 كىلوۋات توك جۇڭگونىڭ يېرىمىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تۇپرىقىدىكى ھەممە ئائىلىگە كىرىپ بولىدۇ.

«ھەر كۈنى، بىز بۇ يەردىن خېنەنگە 150 مىليون كىلوۋات توك يەتكۈزىمىز، خېنەندە 100 مىليونغا يېقىن ئادەم بار، بۇ، ھەربىر ئادەم ھەر كۈنى ئىشلەتكەن توكتىن 1.5 كىلوۋاتنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەنلىكىگە باراۋەر.» جۇڭجوۋ تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرۇش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى لى شۇەيبىڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرۇش پونكىتىمىز ھەر يىلى خېنەنگە يەتكۈزىدىغان توك 40 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى تامغا: توك يىراقتىن كېلىدۇ، چوڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پاكىزلىنىدۇ، دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى.

«شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئېچىش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا ئەگىشىپ، تيەنجۇڭنىڭ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش مىقدارىمۇ يىلدىن ـ يىلغا ئاشتى.» لى شۇەيبىڭ مۇنداق دېدى: دەسلەپتە توك يەتكۈزۈش ئۇچىدىكى ئېنېرگىيەنى ئېچىش سالمىقى ئانچە كۈچلۈك بولمىغاچقا، توك مىقدارى تەكشى ئەمەس ئىدى. تيەنجۇڭ تۈرىنىڭ ئۈنۈمى سىجىل جارى قىلدۇرۇلغان 10 يىل شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئېچىش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆسكەن 10 يىل ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندىكى قومۇل تۇپرىقىدا، چاقپەلەكلەر ھەممىلا يەرگە قاتار تىزىلدى، يورۇقلۇق ۋولت ئۈسكۈنىلىرى دېڭىزدەك كەڭ يېيىلدى، زامانىۋى ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىدىن چىققان ئاق ئىس يېنىك تولغىنىپ، زۇمرەتتەك كۆك ئاسمانغا تارىدى. مۇقىم، كۈچلۈك توك ئېقىمى بىر دەقىقىمۇ توختىماي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە يەتكۈزۈلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ خېنەن ھەتتا خۇاجۇڭ ئېلېكتىر تورىغا يەتكۈزگەن جەمئىي توك مىقدارى 340 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېقىنلاشتى، بۇ، 110 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى ئاز كۆيدۈرگەنگە، 340 مىليون توننا كاربونⅣ ئوكسىدىنى ئاز چىقارغانغا باراۋەر. «مەن <بىر بەلباغ، بىر يول>نىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى ھەمكارلىشىپ ئورتاق بەھرىلىنىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىمەن. تيەنجۇڭ تۈرى جېڭجوۋنىڭ ئېنېرگىيەنى پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق قىلىپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خېنەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىدىكى كۈچلۈك مۇھىم تىرەككە ئايلاندى، بۇ، ئەھمىيىتى مۇھىم، زور بولغان <ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يىپەك يولى>» دېدى لى شۇەيبىڭ.

سودىغا ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش 10 يىللىق گۈللىنىش يولىنى بەرپا قىلدى

بۇ يىل جۇڭگو ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، جۇڭگو (خېنەن) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ جېڭجوۋ بۆلەك رايونى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جېڭجوۋ ئەركىن سودا بۆلەك رايونى» دېيىلىدۇ)غا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، تەرەققىي قىلغان 10 يىل ھېسابلىنىدۇ.

10 يىلدىن بۇيان، جېڭجوۋنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدە «جۈرئەت» دېگەن سۆز جۇلالىنىپ تۇردى.

جۈرئەت مەجبۇرلاشتىن كېلىدۇ. 2013ـ يىلى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، جېڭجوۋ ئۆزىنىڭ چېگرادىن يىراق، دېڭىزدىن يىراق بولۇشتەك ئىنتايىن ئوڭايسىز ئورۇندا ئىكەنلىكىنى بايقىدى. بۇ ۋاقىتتا قانداق پوزىتسىيە بىلەن يۈزلىنىش ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم ئىدى. ئالدىنقىلارنىڭ ئۇتۇقلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، قائىدە بويىچە ئىشلەپ كونا قائىدە بويىچە قۇرۇلۇش قىلىش كېرەكمۇ ياكى پائال ئىلگىرىلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى چوڭ ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ نەتىجە يارىتىش كېرەكمۇ؟

جېڭجوۋ قەتئىيلىك بىلەن كېيىنكىسىنى تاللىدى.

ئالدى بىلەن رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. جېڭجوۋ «جۇڭگو قاتنىشىنىڭ تۆت كوچا ئېغىزى»غا جايلاشقان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى تۆمۈريول ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورىدىكى بىردىنبىر «قوش تۆت كوچا» مەركىزى، ئۇنىڭ ئىككى سائەتلىك ئاۋىياتسىيە چەمبىرىكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى %92 نوپۇس، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %94 ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى ۋە %98 تاشقى سودا ئۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىككى سائەتلىك گاۋتيې چەمبىرىكى 400 مىليون كىشىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىستېمالىنى قاپلايدۇ. 10 يىل ئىچىدە، «ھاۋا، قۇرۇقلۇق، تور، دېڭىز»دىن ئىبارەت تۆت يىپەك يولى جېڭجوۋدىن پۈتۈن يەرشارىغا ئۇزاردى.

ھەربىر «يول»دا، كارخانىلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي گەۋدە، ئۇلار نېمە ئۈچۈن جېڭجوۋنى تاللايدۇ؟

مۇخبىرلار زىيارەت جەريانىدا بىر ئىنچىكە ھالقىغا دىققەت قىلدى، جېڭجوۋ شەھىرىدىكى خېنەن باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروت مەركىزىدە مېترو باغچە رايونىنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە ياسالغانىدى. كىشىلەر مېترو ئېغىزىدىن چىقىپ، سولغا بىر نەچچە قەدەم مېڭىپ، بىر ئىشىكتىن ئۆتسىلا باغچە رايونىغا كىرەلەيتتى. جېڭجوۋ جۇڭدامېن باجدىن خالىي يېڭى پارچە سېتىشنى ھېس قىلىش مەركىزى مېترو ئېغىزىغا 300 مېتىرمۇ كەلمەيتتى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىمۇ ناھايىتى كەڭرى بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ مال سېتىۋېلىشى ئىنتايىن قولايلىق ئىدى.

«بۇ 10 يىلدىن بۇيان، مېنىڭ ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتلىرىمنىڭ بىرى شۇكى، جېڭجوۋدىن ئىبارەت بۇ جايدا كارخانىلار بىلەن ھۆكۈمەت بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، تۈرلۈك چارە ـ ئاماللار بىلەن ئۈنۈمنى ئۆستۈرىدىكەن» دېدى خېنەن ئۆلكىسى ئىمپورت ماددىي ئەشيالىرى ئاممىۋى باجدىن خالىي مەركىزى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «خېنەن باجدىن خالىي گۇرۇھى» دېيىلىدۇ)نىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت دىرېكتورى ليۇ كېجېن.

«2020ـ يىلى، مېنىڭ جېڭجوۋدا چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا رەسمىيىتىنى بېجىرىشىمگە بىر سائەت ۋاقىت كەتكەنىدى. شىركىتىمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بار، ئۇزاق ئۆتمەي باشقا بىر جايدا ئوخشاش بىر رەسمىيەتنى بېجىرگەنىدىم، بۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلغانلىقىمنى پەرەز قىلىپ بېقىڭلار؟»

«بىر كۈن؟»

ليۇ كېجېن بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ: «توپتوغرا بىر ئاي» دېدى.

بۇ جېڭجوۋنىڭ يۇمشاق مۇھىت قۇرۇلۇشىدىكى ئىنتايىن كىچىك بىر كۆرۈنۈش بولسىمۇ، كارخانىنىڭ ھايات ـ ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىدى. جېڭجوۋ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ما جىفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىسلاھات پايدىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنىڭ ئەلالىشىشى بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى، 2017 ـ يىلىدىن بۇيان، جېڭجوۋ ئەركىن سودا تەۋەلىك رايونىدا 87 مىڭ كارخانا يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە 449ى تاشقى مەبلەغ كارخانىسى، ئەمەلىي پايدىلانغان تاشقى مەبلەغ 802 مىليون دوللار بولۇپ، جەمئىي ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى 190 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك بولدى. 200دىن ئارتۇق مۇھىم، زور تۈردە كېلىشىم ئىمزالاندى، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ ئوندىن ئارتۇق تۈرى كىرگۈزۈلدى، جەمئىي 300 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىندى.

يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىش يىپەك يولى قۇرۇلۇشىدا پۇرسەتنى قولغا كەلتۈردى

10 يىلدىن بۇيان، مەيلى قانچىلىك جاپا ـ مۇشەققەت، توسالغۇلارغا دۇچ كەلسۇن، كارخانىلار «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا نىسبەتەن تولۇق ئىشەنچكە تولدى. بۇ خىل ئىشەنچ بىر قاتار ماكرو قاتلامدىكى ئەمەلىي تەدبىرلەردىن كەلگەن.

جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم ۋاسىتە بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەرەققىي قىلىشقا باشلىغاندىلا ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى.

يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى بىلەن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سىياسەتتە پىكىرلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان قاتناش ـ تىرانسپورت كېلىشىمىنى ئىمزالاش، خەلقئارا بىرلەشمە تىرانسپورت قائىدىسىنى تۈزۈش، تۈزىتىش ۋە ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك سودا قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ راۋان يۈرۈشۈشىنى كۆپ تەرەپلىك، كۆپ قاتلاملىق تىرەك ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، لىنىيە بويىغا جايلاشقان دۆلەتلەردىكى شەھەرلەر ۋە كارخانىلار ئارىسىدىمۇ ھەمتۈرتكىلىك ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىشى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ياخشى ئاساس سالدى ھەم ئەلا سۈپەتلىك ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى ۋە مۇقىم مال مەنبەسى كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

دېڭىز ئالدىمىزدىلا، بېلىقلار زۇمرەتتەك دولقۇنلار ئارىسىغا يوشۇرۇنغان، سۈرئەتنى قانداق تېزلىتىش شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلارنىڭ ئۆز كۈرىشىگە باغلىق.

جېڭجوۋ بۇنىڭغا نىسبەتەن ناھايىتى ئېنىق تونۇشقا ئىگە: كەسكىن بازار رىقابىتىدە، پۇرسەت تالىشىشتىن كېلىدۇ!

دۆلەت ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ گىرەلىشىشى، رايون ئورنى قاتنىشىنىڭ راۋانلىشىشى، كەسىپ ئاساسىنىڭ پۇختا بولۇشى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ، جېڭجوۋ مەملىكەت بويىچە باشلامچىلىق بىلەن كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت قۇرۇلۇشىنى ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تۇنجى ئۆلكە دەرىجىلىك كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت ئۆلچەم سىستېمىسىنى تۈزۈپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى بويىچە ئىچكى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، «ھاۋا ـ تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى» «ھاۋا قاتنىشىدا ئۇلاپ توشۇش» قاتارلىق كۆپ تۈردىكى، كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت بويىچە دۆلەت ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، قاتتىق دېتالدىن يۇمشاق دېتالغىچە، ئۇچۇر سىستېمىسىدىن ئۆلچەم قائىدىسىگىچە، كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورتنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى.

خېنەن باجدىن خالىي گۇرۇھى بارلىققا كەلتۈرگەن «1210» چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئەندىزىسى يەرشارىۋى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتى بويىچە ھەل قىلىش لايىھەسىدىكى ئاساسلىق تاللاشقا ئايلاندى. «بىزنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشىمىز ئەشيا ئوبوروتى تەمىنلەش زەنجىرىدە تۆت يىل ئىچىدە پۈتۈن يەرشارى دائىرىسىدە زاكاز قوبۇل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش»، خېنەن باجدىن خالىي گۇرۇھىنىڭ لىدىرى شۈ پىڭ مۇنداق دېدى: «چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدا پۇل تاپشۇرۇشنى تېخىمۇ تېز، قولايلىق قىلىپ، يەتتە كۈن× 24  سائەتلىك يەرشارىۋى سېتىۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەتتە كۈندە پۈتۈن يەرشارى دائىرىسىدە تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنى تاماملايمىز».

جېڭجوۋ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى ئېچىش ـ قۇرۇش چەكلىك شىركىتى پەن ـ تېخنىكىنى نۆۋەتچى پويىز تىجارىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى ئىچىدىكى ئۇچۇرلىشىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان رەقەملىك نۆۋەتچى پويىزنى بەرپا قىلدى. ئالاقە تورى، نەرسە تورى قاتارلىق تېخنىكىلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ھۈنەر ـ سەنئەتنى قوللىنىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت يۈك ساندۇقلىرىنىڭ ئورنىنى پۈتۈن مۇساپىدە ئىز قوغلاپ بېكىتىش، خەلقئارا ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن ئارىلىقتا سوغۇق ساقلاش يۈك ساندۇقلىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى كونترول قىلىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلدى. «بىز يېڭى جابدۇقلاردىن پايدىلىنىپ سوغۇق ساقلاش ساندۇقىنىڭ تېمپېراتۇرىسى، نەملىكىنى دەل جايىدا كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خېرىدارلارنى ئىشىكتىن ئىشىككىچە، نۇقتىدىن نۇقتىغىچە بولغان پۈتۈن مۇساپىدە كۆرگىلى بولىدىغان سوغۇق زەنجىرلىك توشۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدۇق» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى گو شىننيەن.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2017 ـ يىلى ۋىۋىسكا ئېسىلىپ قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە، خېنەن ئەركىن سودا سىناق رايونى قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش جەھەتتە ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، جەمئىي 546 تۈرلۈك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىنى شەكىللەندۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 16 تۈر دۆلەت قاتلىمىدىن قوبۇل قىلىنىپ كېڭەيتىلگەن. 

«خېنەننىڭ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى ئىقتىساد، يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، دۇنيانى رەقەملەشكەن، ئۇچۇرلاشقان شارائىتتىكى خەلقئارا سودا بويىچە ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى» دېدى جۇڭگو (خېنەن) ئەركىن سودا سىناق رايونى جېڭجوۋ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ جاۋلۇڭ.

发布时间 :
2023/09/20
责任编辑 :
栏目归属 :
奔腾之路 · 洞见
يوللانغان ۋاقتى:
2023/09/20
مەسئۇل مۇھەررىر :
تەۋە سەھىپە:
ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . كۆزىتىش
相关专题
مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس سەھىپىلەر