奔腾之路 · 洞见

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . كۆزىتىش

奔腾之路 · 洞见

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . كۆزىتىش

当大陆遇见海洋

石榴云/新疆日报记者 刘东莱 新华日报记者 程长春

黄昏,飞机渐渐降下云端时,窗外视野变得极其开阔而分明。阳光漫过大地,一条金带在远处若隐若现,那是黄海海岸线。在大陆和海洋的交汇点,连云港市欣欣向荣。连霍高速公路横穿中国,将这座城市与新疆紧密联系在一起,连云港成为新疆人最熟悉的沿海城市之一。当大陆遇见海洋,另一个伟大的“交汇”也因此而生,它植根于岁月深处,令连云港在时代大潮中绽放着璀璨光芒。

从火焰山到花果山

一部《西游记》,让两座并不高耸的小山世人皆知。8月6日,新疆吐鲁番市,站在烈日蒸腾的火焰山下,游客胥春茂汗流如注,衣服又迅速被太阳烘干,如此循环往复,火焰山景区工作人员陈学敏亦无二样。两人一个路过,一个久居,并不相识的二人却极默契地产生了一个共同想法:“造就”了火焰山的孙悟空,他的家乡在何方?

花果山的所在地正是连云港市。同一天,几乎同一时刻,在以“大圣故里”闻名的连云港市花果山景区,同样人流如织。哈密小伙付成杰挤在摩肩接踵的人群里,开玩笑地说:“从神话到现实,美猴王的家里就没冷清过!”

四百多年前,从未去过新疆的吴承恩,借一支生花妙笔,将新疆与海州(今连云港市)联系在一起。他不仅创造了中国文学史上为人称颂的两座名山,更为这两座山所在地的人民,留下了无穷财富。

如今,无论在火焰山还是花果山,慕名而来的游客络绎不绝。《西游记》诞生后的四百多年间,被翻译成英、法、德、意、俄、日等多种语言,沿着丝绸之路在整个亚欧大陆流传,并走向世界。

因《西游记》在文化上深度连接的新疆和连云港,如今都不约而同地将旅游业作为重点产业来培育。今年前7月,花果山景区就接待游客超270万人次,门票收入1.1亿元。

然而在水帘洞里流连忘返的很多人并不知道,连云港除了《西游记》,还是另一部旷世奇著《镜花缘》的诞生地。这部小说描绘的是唐敖等人海外游历的故事。一部《西游记》,笔连亚洲大陆腹地;一部《镜花缘》,尽显海洋诸国风情。文化积淀深厚的连云港在数百年前,就已在文学上有了东西方向的张力。

2009年,时任国家副主席的习近平来连云港视察时指出:“孙悟空的故事,如果说有现实版的写照,应该就是我们连云港在新的世纪后发先至,构建新亚欧大陆桥,完成我们新时代的‘西游记’。”

时代钟声共鸣不息

2013年9月,习近平主席在哈萨克斯坦首次提出共建丝绸之路经济带倡议,不久后,进一步提出共建21世纪海上丝绸之路倡议。这一年,随着共建“一带一路”倡议的提出,连云港在文学上的东西张力转化为了现实。这座位于亚欧大陆和太平洋之间的城市,成为了丝绸之路经济带和21世纪海上丝绸之路的交汇点。

在连云港港区,一条铁轨笔直向港区外延伸而去,数不清的集装箱林立两侧。这里是新亚欧大陆桥的起点,长达10900公里的铁路自连云港港口出发,沿巍巍天山西行出境,穿越广袤的亚欧大陆,直达荷兰鹿特丹。

距离这个标志性起点不远处,是中哈连云港物流合作基地,这是共建“一带一路”倡议提出后首个落地的实体项目。“那时候没有铁路线,也就10万平方米堆场,一体化物流的形态还没形成。”连云港中哈国际物流有限公司总经理左学梅回忆十年前的光景,“现在变化太大了。”

2017年6月,习近平主席出席中哈亚欧跨境运输视频连线仪式并提出,“将连云港—霍尔果斯串联起的新亚欧陆海联运通道打造为‘一带一路’合作倡议的标杆和示范项目”。如今,中哈连云港物流合作基地拥有集装箱堆场22万平方米、1763个集装箱位、铁路专用线3.8公里,日均装卸能力10.2列,年最大装卸能力41万标箱,主营国际多式联运、拆装箱托运、仓储等国际货物运输等业务。铁路系统与港口系统有效连接起来,逐步形成了铁路、码头、场站之间的无缝对接,通关效率稳步提升。

十年之间,连云港中欧班列实现了对中亚地区主要站点全覆盖,至土耳其、波兰、德国和日中蒙等班列线路稳定运营,班列满载率基本达100%、日均运速超过900公里等优势集成,以及“海—铁—空”联运、“保税+出口”混拼、“内陆—中亚—东南亚—中亚”循环利用、“集改散、散改集”等新模式,被客户誉为我国体系最全、效率最快、质量最优的班列运输典范。

而在铁路的尽头,是海洋。在连云港港旗台作业区,40万吨矿石码头改扩建工程正在紧锣密鼓地推进。该项目完工后,将为港口新增年设计通过能力1800万吨,增强对陇海沿线中西部地区及长江中下游地区的功能辐射。连云港港也将成为江苏省首个通航40万吨船舶的世界级深水港。旨在打造“一带一路”强支点的连云港港,在陆海两端双向发力,2022年,港口吞吐量突破3亿吨、集装箱运量550万标箱。

东西两端双向奔赴

在霍尔果斯市和连云港市中间,是一个广袤的中国。十年来,生机勃勃的“一带一路”建设,让无穷机遇浮现在丝路沿线。在2022年出访中亚前夕,习近平主席在《哈萨克斯坦真理报》发表的署名文章中提到,“中哈连云港物流合作基地为哈萨克斯坦产品提供了从太平洋扬帆起航的出海口。”

“哈萨克斯坦获得了直抵太平洋的出海口,这意味着全新的经济潜能。”哈萨克斯坦国际问题专家铁木尔·沙伊梅尔格诺夫深有感触。而霍尔果斯市,正是这条线路上的核心节点。

正是在这十年间,连云港人安述庆在新疆从养殖入手,逐步发展成为一个多领域经营的企业家。2018年,他开始在霍尔果斯市建设一座“连云港大厦”。“现在已经基本完工。”安述庆说,“‘一带一路’倡议提出十年来,我明显感到新疆的人气旺了,霍尔果斯的连云港大厦距离国门只有不到5分钟车程。最近中哈两国互免签证,我看到全国各地的人都往新疆跑,旅游、商贸、投资、考察,红红火火。”

“海港是海运和陆运间转换的枢纽,新亚欧大陆桥的两端有着成熟的队伍,我们就在不断的交流互鉴中实现共同的进步,机遇是双方的,更是沿线的。”江苏连云港港物流控股有限公司总经理葛恒学说。这位曾经的援疆干部不久前才从新疆回来,他带领团队去考察中吉乌班列的旅程收获满满。

而霍尔果斯市莫乎尔片区人大工委主任闫翔,已经在徐圩新区挂职学习了两个多月。连云港对口支援霍尔果斯市,这是两地共同进行的经济人才培养项目。“这里规划先行、政策稳定的做法,让企业安心,招商从不一招了之,而是为企业尽心服务,让园区与企业共同成长,这让企业对当地政府有着极高的信任。我在这里收获着大量的经验和知识。”闫翔说。

چوڭ قۇرۇقلۇق دېڭىز - ئوكيان بىلەن ئۇچراشقاندا

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي، شىنخۇا گېزىتى مۇخبىرى چېڭ چاڭچۇن

گۇگۇم ۋاقتى، ئايروپىلان بۇلۇتلار ئارىسىدىن ئاستا - ئاستا تۆۋەنلىگەندە، دېرىزە سىرتىدىكى كۆرۈش دائىرىسى ئىنتايىن كېڭىيىدۇ ھەم ئېنىق بولىدۇ. قۇياش نۇرى سۆيۈپ ئۆتكەن زېمىندا، بىر ئالتۇن رەڭلىك بەلباغ يىراقتا غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئۇ دەل خۇاڭخەي دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى. چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز - ئوكياننىڭ بىرىكىش نۇقتىسىدا، ليەنيۈنگاڭ شەھىرى گۈللەپ ياشناپ تۇرىدۇ. ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى جۇڭگونى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، بۇ شەھەرنى شىنجاڭ بىلەن زىچ باغلاپ تۇرىدۇ، ليەنيۈنگاڭ شىنجاڭلىقلارغا ئەڭ تونۇش بولغان دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. چوڭ قۇرۇقلۇق دېڭىز - ئوكيان بىلەن ئۇچراشقاندا، يەنە بىر ئۇلۇغ «بىرىكىش»مۇ شۇ سەۋەبتىن بارلىققا كەلدى، ئۇ يىللارنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا يىلتىز تارتىپ، ليەنيۈنگاڭنى دەۋر دولقۇنىدا تېخىمۇ پارلاق نۇر چاچقۇزدى.

يالقۇنتاغدىن خۇاگوشەن تېغىغىچە

«غەربكە ساياھەت» ناملىق ئەسەر ئانچە ئېگىز بولمىغان ئىككى كىچىك تاغنى كىشىلەرگە تونۇتتى. 8- ئاينىڭ 6- كۈنى، شىنجاڭ تۇرپان شەھىرىدە، پىژغىرىم ئىسسىقتا يالقۇنتاغ ئېتىكىدە تۇرغان ساياھەتچى شۈ چۇنماۋ چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمگەن بولسىمۇ، كىيىملىرى يەنە ئاپتاپتا تېزلا قۇرۇپ كەتتى، تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان بۇنداق ھالەتكە يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىنىڭ خىزمەتچى خادىمى چېن شۆمىنمۇ ئوخشاشلا ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئىككىيلەننىڭ بىرى ساياھەتچى، يەنە بىرى ئۇزاقتىن بۇيان بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئەسلا تونۇشمايدىغان بۇ ئىككى كىشىدە كېلىشىۋالغاندەكلا ئورتاق بىر ئوي پەيدا بولدى: يالقۇنتاغنى «بارلىققا كەلتۈرگەن» سۈن ۋۇكۇڭنىڭ يۇرتى قەيەردە؟

خۇاگوشەن تېغى دەل ليەنيۈنگاڭ شەھىرىدە. ئوخشاش بىر كۈن، ئوخشاش بىر دەقىقىدە دېگۈدەك، «ئەۋلىيا ئەزەمنىڭ يۇرتى» دەپ داڭقى چىققان ليەنيۈنگاڭ شەھىرىدىكى خۇاگوشەن تېغى مەنزىرە رايونىمۇ ئوخشاشلا ئادەملەر بىلەن لىق تولدى. قومۇللۇق يىگىت فۇ چېڭجيې مىغ - مىغ ئادەملەر توپى ئارىسىدا قىستىلىپ يۈرۈپ، چاقچاق قىلىپ مۇنداق دېدى: «رىۋايەتتىن رېئاللىققىچە، مايمۇن شاھنىڭ ئۆيى چۆلدەرەپ قالماپتۇ!»

400 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئەزەلدىن شىنجاڭغا كېلىپ باقمىغان ۋۇ چېڭئېن يۈكسەك بەدىئىي ماھارەت ئارقىلىق شىنجاڭ بىلەن خەيجوۋ (ھازىرقى ليەنيۈنگاڭ شەھىرى)نى باغلىغانىدى. ئۇ جۇڭگونىڭ ئەدەبىيات تارىخىدىكى كىشىلەر تەرىپلەيدىغان ئىككى داڭلىق تاغنى يارىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ ئىككى تاغ جايلاشقان جايلاردىكى خەلققە چەكسىز بايلىق قالدۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە، مەيلى يالقۇنتاغدا ياكى خۇاگوشەن تېغىدا بولسۇن، داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. «غەربكە ساياھەت» ناملىق ئەسەر دۇنياغا كەلگەندىن كېيىنكى 400 نەچچە يىل مابەينىدە، ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە، نېمىسچە، ئىتاليانچە، رۇسچە، ياپونچە قاتارلىق كۆپ خىل تىلغا تەرجىمە قىلىندى، يىپەك يولىنى بويلاپ پۈتكۈل ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا تارقالدى ھەم دۇنياغا يۈزلەندى.

«غەربكە ساياھەت» سەۋەبىدىن مەدەنىيەت جەھەتتە چوڭقۇر تۇتاشقان شىنجاڭ بىلەن ليەنيۈنگاڭ بۈگۈنكى كۈندە كېلىشىۋالغاندەكلا ساياھەتچىلىكنى نۇقتىلىق كەسىپ قىلىپ يېتىشتۈرمەكتە. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا، خۇاگوشەن تېغى مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 2 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، بېلەت كىرىمى 110 مىليون يۈەن بولدى.

ئەمما سۇ غارىدىن مېھرىنى ئۈزەلمىگەن ناھايىتى نۇرغۇن كىشى ليەنيۈنگاڭنىڭ «غەربكە ساياھەت»تىن سىرت، يەنە باشقا بىر تەڭداشسىز ئەسەر «جىڭخۇايۈەن»نىڭ دۇنياغا كەلگەن جايى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. بۇ ئەسەردە تاڭ ئاۋ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ چەت ئەلدە ساياھەت قىلىش كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن. «غەربكە ساياھەت»تە ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىي رايونىغىچە بولغان جايلار يېزىلغان؛ «جىڭخۇايۈەن»دە بولسا، دېڭىز - ئوكيان دۆلەتلىرىنىڭ مەنزىرىسى تولۇق نامايان قىلىنغان. مەدەنىيەت جۇغلانمىسى چوڭقۇر بولغان ليەنيۈنگاڭ نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىلا، ئەدەبىيات جەھەتتە شەرق - غەرب يۆنىلىشىگە كېڭىيىش كۈچىنى ھازىرلىغان.

2009- يىلى، شۇ چاغدىكى دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ ليەنيۈنگاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق كۆرسەتكەن: «ئەگەر سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ھېكايىسىنىڭ رېئال تەسۋىرى بار دېيىلسە، ئۇ دەل بىزنىڭ ليەنيۈنگاڭنىڭ يېڭى ئەسىردە كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئالدىغا ئۆتۈپ، يېڭى ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋرىمىزدىكى <غەربكە ساياھەت>نى تاماملىغانلىقىدىن ئىبارەت».

دەۋر قوڭغۇرىقى ئورتاق ساداسى توختىماي ياڭرىدى

2013- يىلى 9- ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇزاق ئۆتمەي يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا 21- ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇشۇ بىر يىلدا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ليەنيۈنگاڭ ئەدەبىيات جەھەتتە شەرق - غەربكە كېڭىيىش كۈچىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تىنچ ئوكيان ئارىسىغا جايلاشقان بۇ شەھەر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بىلەن «21- ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى»نىڭ كېسىشىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى.

ليەنيۈنگاڭ پورت رايونىدا، بىر رېلىس پورت رايونىنىڭ سىرتىغا تۈپتۈز سوزۇلغانىدى، سان - ساناقسىز يۈك ساندۇقلىرى ئىككى تەرەپكە ئېگىز تىزىلغانىدى. بۇ جاي يېڭى ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 10 مىڭ 900 كىلومېتىر كېلىدىغان تۆمۈريول ليەنيۈنگاڭ پورتىدىن باشلىنىپ، ھەيۋەتلىك تىيانشاننى بويلاپ غەربكە سوزۇلۇپ چېگرادىن چىقىپ، بىپايان ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كېسىپ ئۆتۈپ، بىۋاسىتە گوللاندىيەنىڭ روتتېردامغا تۇتىشىدۇ.

بەلگە خاراكتېرلىك بۇ باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جاي دەل جۇڭگو - قازاقىستان ليەنيۈنگاڭ ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىق بازىسى بولۇپ، بۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ ماكانلاشقان ئەمەلىي گەۋدە تۈرى. «ئەينى چاغدا تۆمۈريول لىنىيەسى يوق بولۇپ، 100 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق مال مەيدانىلا بار ئىدى، بىر گەۋدىلەشكەن ئەشيا ئوبوروتى ھالىتى تېخى شەكىللەنمىگەنىدى.» ليەنيۈنگاڭ جۇڭگو - قازاقىستان خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى زو شۆمېي 10 يىل بۇرۇنقى كۆرۈنۈشنى ئەسلەپ: «ھازىر ئۆزگىرىش بەك چوڭ» دېدى.

2017- يىلى 6 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو - قازاقىستان ئاسىيا - ياۋروپا چېگرا ھالقىغان تىرانسپورت سىنلىق ئۇلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «ليەنيۈنگاڭ بىلەن قورغاس تۇتاشتۇرۇلغان يېڭى ئاسىيا - ياۋروپا قۇرۇقلۇق - دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورت يولىنى <بىر بەلباغ، بىر يول> ھەمكارلىق تەشەببۇسىدىكى نەمۇنە ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى قىلىپ بەرپا قىلىش كېرەك». بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو - قازاقىستان ليەنيۈنگاڭ ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىق بازىسىدا 220 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق يۈك ساندۇقى قويۇلىدىغان مال مەيدانى، 1763 يۈك ساندۇقى ئورنى، 3.8 كىلومېتىرلىق تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى بار، كۈنلۈك ئوتتۇرىچە قاچىلاش - چۈشۈرۈش ئىقتىدارى 10.2 نۆۋەتچى پويىز، يىللىق ئەڭ چوڭ قاچىلاش - چۈشۈرۈش ئىقتىدارى 410 مىڭ ئۆلچەملىك ساندۇق بولۇپ، ئاساسلىقى خەلقئارا كۆپ خىل شەكىلدە بىرلىشىپ توشۇش، چۇۋۇپ قۇراشتۇرۇلىدىغان ساندۇقنى ھاۋالىلىك توشۇش، ئامباردا ساقلاش قاتارلىق خەلقئارا يۈك تىرانسپورتى كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تۆمۈريول سىستېمىسى بىلەن پورت سىستېمىسى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇلۇپ، تۆمۈريول، پىرىستان، مال مەيدانى ئارىسىدا يوچۇقسىز ئۇدۇللىشىش تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈلۈپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى مۇقىم ئۆستۈرۈلدى.

10 يىل ئىچىدە، ليەنيۈنگاڭدىن قاتنىغان جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئاساسلىق ۋوگزاللارنى تولۇق قاپلىدى، تۈركىيە، پولشا، گېرمانىيە ۋە ياپونىيە - جۇڭگو - موڭغۇلىيە قاتارلىق نۆۋەتچى پويىز لىنىيەلىرى مۇقىم يۈرۈشتى، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ يۈك قاچىلاش نىسبىتى ئاساسىي جەھەتتىن %100كە يېتىش، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە توشۇش سۈرئىتى 900 كىلومېتىردىن ئېشىش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەر توپلاشتۇرۇلدى، ھەمدە «دېڭىز - تۆمۈريول - ئاۋىياتسىيە» بىرلەشمە تىرانسپورتى، «باجدىن خالىي رايون + ئېكسپورت» ئارىلاشما تىرانسپورتى، «ئىچكى قۇرۇقلۇق − ئوتتۇرا ئاسىيا − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا − ئوتتۇرا ئاسىيا» ئايلانما پايدىلىنىش، «مەركەزلىك توشۇشنى تارقاق توشۇشقا ئۆزگەرتىش، تارقاق توشۇشنى مەركەزلىك توشۇشقا ئۆزگەرتىش» قاتارلىق يېڭى ئەندىزىلەر خېرىدارلار تەرىپىدىن دۆلىتىمىزدىكى سىستېمىسى ئەڭ مۇكەممەل، ئۈنۈمى ئەڭ تېز، سۈپىتى ئەڭ ياخشى نۆۋەتچى پويىز تىرانسپورت ئۈلگىسى دەپ تەرىپلەندى.

تۆمۈريولنىڭ ئاخىرقى ئۇچى دېڭىز - ئوكيان. ليەنيۈنگاڭ پورتىنىڭ چىتەي مەشغۇلات رايونىدا 400 مىڭ توننىلىق رۇدا پىرىستانىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى جىددىي ئالغا سىلجىتىلماقتا. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، پورتنىڭ لايىھەدىكى يىللىق يېڭىدىن ئاشىدىغان مال ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى 18 مىليون توننا بولۇپ، لۇڭخەي تۆمۈريولى لىنىيەسى بويىدىكى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلار ۋە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى رايونلارغا بولغان فۇنكسىيەلىك تەسىرى كۈچىيىدۇ. ليەنيۈنگاڭ پورتىمۇ جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى 400 مىڭ توننىلىق پاراخوت قاتنايدىغان تۇنجى دۇنياۋى دەرىجىلىك چوڭقۇر سۇ پورتى بولۇپ قالىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ كۈچلۈك تايانچ نۇقتىسى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان ليەنيۈنگاڭ پورتى قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئىككى ئۇچتا قوش يۆنىلىشتە كۈچىدى، 2022- يىلى پورتنىڭ مال كىرگۈزۈش - چىقىرىش مىقدارى 300 مىليون توننىدىن ئاشتى، يۈك ساندۇقى توشۇش مىقدارى 5 مىليون 500 مىڭ ئۆلچەملىك ساندۇققا يەتتى.

شەرق - غەرب ئىككى ئۇچتا قوش يۆنىلىشتە ئاتلاندى

بىپايان جۇڭگونىڭ بىر ئۇچىدا قورغاس شەھىرى، يەنە بىر ئۇچىدا ليەنيۈنگاڭ شەھىرى بار. 10 يىلدىن بۇيان، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى يىپەك يولى لىنىيەسىدە چەكسىز پۇرسەتلەرنى ياراتتى. 2022- يىلى ئوتتۇرا ئاسىياغا زىيارەتكە چىقىش ھارپىسىدا، رەئىس شى جىنپىڭ «قازاقىستان ھەقىقەت گېزىتى»دە ئېلان قىلغان ئىمزالىق ماقالىسىدە مۇنداق تىلغا ئالدى: «جۇڭگو - قازاقىستان ليەنيۈنگاڭ ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىق بازىسى قازاقىستان مەھسۇلاتلىرىنى تىنچ ئوكياندىن يەلكەن چىقىرىپ يىراققا يۈرۈش قىلىشتىكى دېڭىزغا چىقىش ئېغىزى بىلەن تەمىنلىدى».

«قازاقىستان تىنچ ئوكيانغا بىۋاسىتە يېتىپ بارىدىغان دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىغا ئېرىشتى، بۇ، يېپيېڭى ئىقتىسادىي يوشۇرۇن ئىقتىداردىن دېرەك بېرىدۇ.» قازاقىستاننىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى تۆمۈر شايىمېرگىنوف بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە. قورغاس شەھىرى بولسا دەل بۇ لىنىيەدىكى يادرولۇق تۈگۈن.

دەل مۇشۇ 10 يىلدا، ليەنيۈنگاڭلىق ئەن شۇچىڭ شىنجاڭدا ئىشنى باقمىچىلىقتىن باشلاپ، قەدەممۇقەدەم تەرەققىي قىلىپ كۆپ ساھەدە تىجارەت قىلىدىغان كارخانىچىغا ئايلاندى. 2018- يىلى، ئۇ قورغاس شەھىرىدە «ليەنيۈنگاڭ سارىيى» سېلىشقا باشلىدى. «ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈپ قالدى.» ئەن شۇچىڭ مۇنداق دېدى: «<بىر بەلباغ، بىر يول> تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، مەن شىنجاڭنىڭ ئاۋاتلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈنەرلىك ھېس قىلدىم، قورغاستىكى ليەنيۈنگاڭ سارىيىدىن دۆلەت دەرۋازىسىغا ئاپتوموبىل بىلەن ماڭسا بەش مىنۇتمۇ كەتمەيدۇ. يېقىندا جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلدى، مەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ بەس - بەستە شىنجاڭغا كېلىۋاتقانلىقىنى، ساياھەت، سودا، مەبلەغ سېلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ قىزىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم».

«دېڭىز پورتى دېڭىز تىرانسپورتى بىلەن قۇرۇقلۇق تىرانسپورتى ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش تۈگۈنى، يېڭى ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنىڭ ئىككى ئۇچىدا پىشىپ يېتىلگەن قوشۇنىمىز بار، بىز ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا ئورتاق ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، پۇرسەت ئىككى تەرەپنىڭ، شۇنداقلا لىنىيە بويىدىكىلەرنىڭ» دېدى جياڭسۇ ليەنيۈنگاڭ پورتى ئەشيا ئوبوروتى پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى گې خېڭشۆ. ئىلگىرى شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن بۇ كادىر تېخى يېقىندىلا شىنجاڭدىن قايتىپ كەلگەنىدى، ئۇنىڭ ئۆمەك باشلاپ جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان نۆۋەتچى پويىزىنى تەكشۈرۈش سەپىرى ناھايىتى مول ھوسۇللۇق بولدى. 

قورغاس شەھىرى مۇخۇر تەۋەلىك رايونى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يەن شياڭنىڭ شۈيۈ يېڭى رايونىدا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىپ ئۆگىنىۋاتقىنىغا ئىككى ئايدىن ئاشتى. ليەنيۈنگاڭ قورغاس شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىدۇ، بۇ، ئىككى جاي بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ئىقتىساد ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش تۈرى. «بۇ جاينىڭ يىرىك پىلاننى ئالدىن يولغا قويۇش، سىياسەتنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۇسۇلى كارخانىلارنى خاتىرجەم قىپتۇ، سودىگەر چاقىرىشتا چاقىرىپ قويۇپلا بولدى قىلمايدىكەن، بەلكى كارخانا ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، باغچە رايونى بىلەن كارخانىنى ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپتۇ، بۇ، كارخانىلارنى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتكە قارىتا ئىنتايىن يۇقىرى ئىشەنچكە ئىگە قىلىپتۇ. مەن بۇ جايدا نۇرغۇن تەجرىبە ۋە بىلىمگە ئىگە بولدۇم» دېدى يەن شياڭ.

发布时间 :
2023/09/20
责任编辑 :
栏目归属 :
奔腾之路 · 洞见
يوللانغان ۋاقتى:
2023/09/20
مەسئۇل مۇھەررىر :
تەۋە سەھىپە:
ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . كۆزىتىش
相关专题
مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس سەھىپىلەر