奔腾之路 · 行吟

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . سەپەر جەريانىدا ئاڭلىغانلىرىمىز

中巴光缆巡护记

石榴云/新疆日报记者 范琼燕 郭玲

申请出车,审批通过。打开车库,检查车辆、工具,在系统上报备安全信息,出发!8月24日10时11分,中国电信股份有限公司喀什长途传输分局巡线员阿迪力·阿西木开始了一周例行的车巡线路。

在巍峨的帕米尔高原边境远山中,山山相连的光缆保障着我国与巴基斯坦的通信畅通,也见证着中巴友谊。

阿迪力·阿西木是维护中巴光缆的巡线员,负责喀什市至塔什库尔干塔吉克自治县至红其拉甫边防哨所线路中155.2公里的光缆维护,其中有96公里是无人区,自然环境恶劣。

随着共建“一带一路”倡议的提出,2014年下半年,中国电信新疆公司连接中国和巴基斯坦的首条跨境直达陆地光缆——“中巴光缆”项目开工建设,光缆从中国乌鲁木齐市到喀什,经中巴边境红其拉甫口岸,再到巴基斯坦拉瓦尔品第市,全长2950公里,项目2015年初建成。

中国电信股份有限公司喀什长途传输分局管辖着900多公里的跨境光缆线路。该分局副局长阿布都瓦哈甫·肉孜介绍,中巴光缆穿越喀喇昆仑山脉、兴都库什山、帕米尔高原、喜马拉雅山脉,途经海拔4733米的红其拉甫口岸,全程大多数地区地质地形复杂、海拔高,要穿越近百公里无人区。

“中巴光缆建成后,阿迪力·阿西木负责条件最艰苦那段线路的维护工作,如今已干了近9年,创造了建成以来负责线路无阻断的良好业绩。”阿布都瓦哈甫·肉孜说。

“从这里开始,光缆从地下走向地上,这里就是1号杆。”记者跟着47岁的阿迪力·阿西木来到喀什市G314国道与英阿依麻克路交会处,他指着一处线杆告诉记者,他负责维护的线路上,这样的线杆共有2225个,巡线时每一根杆塔他都要经过,甚至需要攀爬。

站在线杆下,阿迪力·阿西木先是用配电笔测试是否存在漏电情况,然后双手抱紧线杆,用力摇晃。“线杆是多个单位共享的,使用快10年了,要检查其是否牢固。”他边说边系上安全绳、穿上脚扣,一步步爬上线杆顶端,检查配件有无老化、破损。

新疆日报社(集团)“奔腾之路——‘一带一路’沿线大型全媒体报道”采访小分队记者尝试着爬线杆,到两米处,腿已开始抖个不停,而阿迪力·阿西木最多一天爬60个线杆。“这都不算啥,在海拔高度4700米以上巡检,爬杆子,那气都上不来,头也会疼。”阿迪力·阿西木说。

阿迪力·阿西木一周要进行2次车巡、一次超过8公里的步巡,每年徒步巡回累计逾1125公里。每一次巡线都是一次勇气与体力的考验,翻山越岭、渡河溜索道是常态,高寒、高海拔、缺氧早已成习惯。

近9年的巡护中,阿迪力·阿西木徒步巡线达10125公里,车巡超过31万公里,相当于绕地球近8圈。

线路前60公里是人员居住区,要防止人为活动对光缆的破坏;后96公里是无人区,自然环境复杂,风沙、落石会造成光缆故障。“故障一出现,不管白天黑夜、何种天气,我都要赶赴现场维修。”阿迪力·阿西木说。

长年累月在路上巡查,保障线路畅通。穿过戈壁、越过高山、蹚过河流,旷野中,一个人孤独行走,忍受常人难忍的寂寞,阿迪力·阿西木觉得数年如一日的执着付出很值得,他说:“我的工作虽平常,却意义重大,我们守护的不仅仅是通信线路,更是人与人、国家与国家之间的情感纽带。”

جۇڭگو ـ پاكىستان نۇر كابېلىنى چارلاپ قوغداش خاتىرىسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى فەن چيۇڭيەن، گو لىڭ

يولغا چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش. ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىنى ئېچىپ، ئاپتوموبىل، ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ، سىستېمىدا بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرىنى مەلۇم قىلىپ، يولغا چىقىش! 8ـ ئاينىڭ 24ـ كۈنى سائەت 10دىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو تېلېگراف پاي چەكلىك شىركىتى قەشقەر ئۇزۇن يوللۇق يوللاش شۆبە ئىدارىسىنىڭ لىنىيە چارلىغۇچىسى ئادىل ھاشىم بىر ھەپتىلىك ئاپتوموبىل بىلەن دائىملىق لىنىيە چارلاشنى باشلىدى.

ھەيۋەتلىك پامىر ئېگىزلىكى چېگراسىدىكى يىراق تاغلاردا، تاغلار بىلەن تۇتاشقان نۇر كابېل دۆلىتىمىز بىلەن پاكىستاننىڭ خەۋەرلىشىش ئىشلىرىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلماقتا، شۇنداقلا جۇڭگو ـ پاكىستان دوستلۇقىغا گۇۋاھ بولماقتا.

ئادىل ھاشىم جۇڭگو ـ پاكىستان نۇر كابېلىنى قوغدايدىغان لىنىيە چارلىغۇچى بولۇپ، قەشقەر شەھىرىدىن تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگىچە يەنە قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىسىغىچە بولغان لىنىيەدىكى 155.2 كىلومېتىر كېلىدىغان نۇر كابېلنى قوغداشقا مەسئۇل، بۇنىڭ ئىچىدە 96 كىلومېتىرى ئادەمسىز رايوندا بولۇپ، تەبىئىي مۇھىتى ناچار.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، 2014ـ يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شىركىتى جۇڭگو بىلەن پاكىستاننى تۇتاشتۇرىدىغان تۇنجى چېگرا ھالقىغان بىۋاسىتە قۇرۇقلۇق نۇر كابېلى − «جۇڭگو ـ پاكىستان نۇر كابېلى» تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلىدى، بۇ نۇر كابېل جۇڭگو ئۈرۈمچى شەھىرىدىن قەشقەرگە يەتكۈزۈلۈپ، جۇڭگو ـ پاكىستان چېگراسىدىكى قونجىراپ پورتىدىن ئۆتۈپ، ئاندىن پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىگە تۇتاشتۇرۇلىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2950 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ تۈر 2015 ـ يىلىنىڭ بېشىدا پۈتتى.

جۇڭگو تېلېگراف پاي چەكلىك شىركىتى قەشقەر ئۇزۇن يوللۇق يەتكۈزۈش شۆبە ئىدارىسى 900 كىلومېتىردىن ئارتۇق چېگرا ھالقىغان نۇر كابېل لىنىيەسىنى باشقۇرىدۇ. بۇ شۆبە ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئابدۇۋاھاپ روزى مۇنداق تونۇشتۇردى: جۇڭگو ـ پاكىستان نۇر كابېلى قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى، ھىندىقۇش تېغى، پامىر ئېگىزلىكى، ھىمالايا تاغ تىزمىسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4733 مېتىر بولغان قونجىراپ پورتىدىن ئۆتىدۇ، پۈتۈن مۇساپىدىكى كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ گېئولوگىيەلىك يەر شەكلى مۇرەككەپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى بولۇپ، 100 كىلومېتىرغا يېقىن ئادەمسىز رايوننى كېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

«جۇڭگو ـ پاكىستان نۇر كابېلى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئادىل ھاشىم شارائىتى ئەڭ جاپالىق بولغان ئاشۇ لىنىيەنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى، بۈگۈنگىچە توققۇز يىلغا يېقىن ئىشلەپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن بۇيان مەسئۇل بولغان لىنىيەنىڭ توسالغۇغا ئۇچراش سەۋەبىدىن ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىدەك ياخشى نەتىجىنى ياراتتى» دېدى ئابدۇۋاھاپ روزى.

«بۇ يەردىن باشلاپ نۇر كابېل يەر ئاستىدىن يەر ئۈستىگە ئۆتىدۇ، بۇ يەر دەل 1ـ نومۇرلۇق ئىستولبا.» مۇخبىرلار 47 ياشلىق ئادىل ھاشىمغا ئەگىشىپ قەشقەر شەھىرىنىڭ G314 دۆلەت يولى بىلەن يېڭىئايماق يولى كېسىشكەن جايغا كەلدى، ئۇ مۇخبىرلارغا بىر ئورۇندىكى ئىستولبىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۆزى مەسئۇل بولۇپ قوغداۋاتقان لىنىيەدە مۇشۇنداق ئىستولبىدىن جەمئىي 2225ى بارلىقىنى، لىنىيە چارلىغاندا ھەربىر مۇنارسىمان ئىستولبىدىن ئۆتۈشكە، ھەتتا يامىشىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئادىل ھاشىم ئىستولبا ئاستىدا تۇرۇپ، ئالدى بىلەن توك تەقسىملەش ئەھۋالىنى ئۆلچەش قەلىمى بىلەن توك قېچىش ئەھۋالىنىڭ بار ـ يوقلۇقىنى ئۆلچىدى، ئاندىن ئىككى قولى بىلەن ئىستولبىنى چىڭ قۇچاقلاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تەۋرەتتى. «ئىستولبىدىن نۇرغۇن ئورۇنلار ئورتاق بەھرىلىنىدۇ، ئىشلىتىلىۋاتقىلى ئون يىل بولاي دېدى، ئۇنىڭ مۇستەھكەم ياكى مۇستەھكەم ئەمەسلىكىنى تەكشۈرمىسەك بولمايدۇ.» ئۇ سۆزلىگەچ بىخەتەرلىك ئارغامچىسىنى باغلاپ، پۇت ئىلمىكىنى كىيىپ، بىر قەدەم ـ بىر قەدەمدىن ئىستولبىنىڭ ئۇچىغا يامىشىپ چىقىپ، زاپچاسلارنىڭ كونىراپ كەتكەن ـ كەتمىگەنلىكىنى، بۇزۇلغان ـ بۇزۇلمىغانلىقىنى تەكشۈردى.

شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھى)نىڭ «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى − <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش» زىيارەت تارماق ئەترىتىنىڭ مۇخبىرى ئىستولبىغا يامىشىپ سىناپ باقتى، ئىككى مېتىر كېلىدىغان جايغا كەلگەندە، پۇتى توختىماي تىترەشكە باشلىدى، ئەمما ئادىل ھاشىم ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈندە 60 ئىستولبىغا يامىشىدۇ. «بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4700 مېتىردىن يۇقىرى جايلاردا چارلاپ تەكشۈرگەندە ئىستولبىغا ياماشقاندا نەپەس ئالغىلىمۇ بولمايدۇ، باشمۇ ئاغرىيدۇ» دېدى ئادىل ھاشىم.

ئادىل ھاشىم بىر ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئاپتوموبىللىق چارلاشقا چىقىدۇ، بىر قېتىمدا سەككىز كىلومېتىردىن ئارتۇق پىيادە چارلايدۇ، ھەر يىلى جەمئىي 1125 كىلومېتىردىن ئارتۇق پىيادە چارلايدۇ. ھەر قېتىملىق لىنىيە چارلاشنىڭ ھەممىسى بىر قېتىملىق جاسارەت ۋە جىسمانىي كۈچ سىنىقى بولۇپ، تاغ ـ داۋانلاردىن ئېشىپ، دەريادىن ئاسما ئارقان بىلەن سىيرىلىپ ئۆتۈش دائىملىق ھالەت ھېسابلىنىدۇ، ئۇ قاتتىق سوغۇققا، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز جايغا، ئوكسىگېن كەمچىل بولۇشقا ئاللىبۇرۇن ئادەتلىنىپ كەتكەنىدى.

توققۇز يىلغا يېقىن چارلاش، قوغداش جەريانىدا، ئادىل ھاشىم پىيادە چارلىغان لىنىيە مۇساپىسى 10 مىڭ 125 كىلومېتىرغا، ئاپتوموبىلدا چارلىغان مۇساپە 310 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى، بۇ، يەرشارىنى سەككىز قېتىمغا يېقىن ئايلانغانغا باراۋەر.

لىنىيەنىڭ ئالدىنقى 60 كىلومېتىرى كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، كىشىلەر پائالىيىتىنىڭ نۇر كابېلنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ؛ كېيىنكى 96 كىلومېتىرى ئادەمسىز رايون بولۇپ، تەبىئىي مۇھىتى مۇرەككەپ، قۇم ـ بوران، تاش چۈشۈپ كېتىش نۇر كابېلدا كاشىلا پەيدا قىلىدۇ. «كاشىلا كۆرۈلگەن ھامان، مەيلى كېچە ياكى كۈندۈز بولۇشىدىن، ھاۋارايىنىڭ قانداقلىقىدىن قەتئىينەزەر، نەق مەيدانغا دەرھال يېتىپ بېرىپ رېمونت قىلىشىم كېرەك» دېدى ئادىل ھاشىم.

ئۇ يىل بويى يول يۈرۈپ لىنىيەنى چارلاپ، لىنىيەنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. چۆل ـ باياۋانلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئېگىز تاغلاردىن ھالقىپ، دەريا ـ ئېقىنلارنى كېچىپ، بىپايان دەشت ـ چۆللەردە ئۆزى يالغۇز يول يۈرۈپ، ئادەتتىكى كىشىلەر چىدىيالمايدىغان زېرىكىشكە بەرداشلىق بەردى، ئادىل ھاشىم نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، قەتئىيلىك بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقىنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «خىزمىتىم گەرچە ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، بىزنىڭ قوغدايدىغىنىمىز پەقەت خەۋەرلىشىش لىنىيەسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئادەملەر ئارىسىدىكى، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق رىشتى».

发布时间 :
2023/09/20
责任编辑 :
栏目归属 :
奔腾之路 · 行吟
يوللانغان ۋاقتى:
2023/09/20
مەسئۇل مۇھەررىر :
تەۋە سەھىپە:
ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . سەپەر جەريانىدا ئاڭلىغانلىرىمىز
相关专题
مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس سەھىپىلەر