ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لۇ فېڭباۋ، چېن چياڭۋېي
«مەن بۇ يەردىن بىر تۈركۈم زىننەت بۇيۇملىرىنى توپ سېتىۋېلىپ، قومۇلغا ئاپىرىپ ساتماقچى.» 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، قومۇلدىن كەلگەن ۋاڭ چېڭدۇڭ يىۋۇ خەلقئارا سودا شەھەرچىسىدە زىننەت بۇيۇملىرىنى تاللاش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
يىۋۇدا، ھەر كۈنى ۋاڭ چېڭدۇڭغا ئوخشاش سودىگەرلەر مال سېتىۋالىدۇ.
ئەڭ دەسلەپكى «توخۇ پېيىگە شىكەر ئالماشتۇرۇش»تىن ئۆزلۈكىدىن شەكىللەنگەن «يول بويى بازىرى»غىچە، ئاندىن ئۇششاق تاۋارلار بازىرىغىچە بولغان 40 نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تاۋارلار يىۋۇ شەھىرىگە توپلاندى، يىۋۇ تەرەققىي قىلىپ يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ ئۇششاق تاۋارلار بازىرىغا ئايلىنىپ، «دۇنيا تاللا بازىرى» دەپ ئاتالدى.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سودىگەرلەر يىۋۇغا كەلگەندىن كېيىن، ھەمىشە ئىختىيارسىز ھالدا يىۋۇ خەلقئارا سودا شەھەرچىسىگە بېرىپ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋارلارنى كۆرىدۇ.
يىۋۇ خەلقئارا سودا شەھەرچىسىگە كىرگىنىڭىزدە، بۇ يەرگە جايلاشقان سان - ساناقسىز دۇكانلار ئارىسىدا خۇددى بىر غايەت زور سىرلىق ئوردىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىسىز، بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ كۆرسەتمە بەلگىسىگە قاراپ ياكى يول باشلاش يۇمشاق دېتالىغا ئەگىشىپ ماڭسىڭىزمۇ يەنىلا يولدىن ئېزىپ قالىسىز، دائىم باشقىلاردىن تەپسىلىي سورىغاندىن كېيىنلا ئاندىن كېيىنكى قەدەمنى توغرا ماڭالايسىز.
«خەلقئارا سودا شەھەرچىسىدە 75 مىڭ دۇكان بار، بىر دۇكاندا ئۈچ مىنۇت توختىغان تەقدىردىمۇ، بىر كۈننى سەككىز سائەت بويىچە ھېسابلىغاندا، بازارنى تولۇق ئايلىنىپ چىقىشقا بىر يېرىم يىل ۋاقىت كېتىدۇ» دېدى يىۋۇ جۇڭگو ئۇششاق تاۋارلار شەھەرچىسى تەمىنلەش زەنجىرى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چېن شياڭ.
زىننەت بۇيۇملىرى، كىيىم - كېچەك، ئويۇنچۇق، بەش خىل مېتال... 2 مىليون 100 مىڭ خىل تاۋار سودىگەرلەرنىڭ تاللاپ سېتىۋېلىشى ئۈچۈن ھەرقايسى رايونلارغا لىق تىزىلغانىدى. تۇتىشىپ كەتكەن دۇكانلاردا، دۇكان ئىگىلىرىنىڭ بەزىلىرى مال تولۇقلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى، بەزىلىرى ئېكرانغا تىكىلىپ زاكاز تالونىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتاتتى، بەزىلىرى سودىگەرلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتاتتى...
شۇ كۈنى، يىۋۇ خەلقئارا سودا شەھەرچىسى 1-رايونىنىڭ 2-قەۋىتىدىكى بىر زىننەت بۇيۇملىرى دۇكىنى ئادەم بىلەن لىق تولغانىدى، ۋاڭ چېڭدۇڭ دۇكانغا قىستىلىپ كىرىپ، زەنجىر، بۇلاپكا، ھالقىلارنى بىر - بىرلەپ ئېلىپ تەپسىلىي كۆرگەچ دۇكان خىزمەتچىلىرىدىن مەھسۇلاتنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى، كىرا ھەققى قاتارلىقلارنى سورىدى. «شىنجاڭلىق قىزلارنىڭ ھەممىسى گۈزەللىكنى سۆيىدۇ، ئۇلار چوقۇم بۇ زىننەت بۇيۇملىرىنى ياخشى كۆرىدۇ» دېدى ئۇ.
بۇ «دۇنيا تاللا بازىرى»دا، يىۋۇغا سودا پۇرسىتى ئىزدەپ كەلگەن ۋاڭ چېڭدۇڭدىن باشقا، تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭلىق بۇ يەردە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، سودا قىلىپ، يىۋۇ بىلەن شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ زىچ ئالاقىلىشىشىدىكى ۋاسىتىگە ئايلانغانىدى.
يىۋۇ خەلقئارا سودا شەھەرچىسىنىڭ بەش خىل مېتال رايونىدا، دۇكان ئىگىسى جى سەنشېڭ كومپيۇتېرىنى ئېچىپ، توردىكى زاكاز تالونلىرىنى كۆرۈپ، دەرھال مال ئەۋەتىشكە ئادەم ئورۇنلاشتۇردى.
2009-يىلى، جى سەنشېڭ ئۈرۈمچىدىن يىۋۇغا كېلىپ، خەلقئارا سودا شەھەرچىسىدە بەش خىل مېتال زاپچاسلىرىنى ساتتى. دەسلەپتە خېرىدار تاپماق تەس بولغاچقا، ئۇ سودا شەھەرچىسى ئىچىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن خېرىدار ئىزدىدى. كېيىن ئۇ توردىن خېرىدار ئىزدەشنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن زاكاز تالونلىرىنى توردىلا تاماملايدىغان بولدى.
كۆپ يىللىق تەجرىبە توپلاش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە جى سەنشېڭنىڭ مەھسۇلاتلىرى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى، ياۋروپا قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدىغان بولدى.
ئايلىنىپ كۆرسىڭىز، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋارلار ئىچىدىكى شىنجاڭ ئامىلىغا ئىگە مەھسۇلاتلار پات - پاتلا كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ.
قەغەز يەشىك ساتىدىغان بىر دۇكان مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئىچىگە كىرگەندە قەغەز يەشىكتىكى «چاقىلىق چىلىنى» دېگەن خەتلەر كۆزگە چېلىقاتتى، بۇرۇلۇپ سىنچىلاپ قارىغاندا، قوغۇن، قېتىق، قۇرۇق ئۈزۈم، نان دېگەن خەتلەر بېسىلغان ھەر خىل قەغەز يەشىكلەرنىڭ مال جازىسىغا رەتلىك تىزىلغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. «يىۋۇدا شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان سودىگەرلەر بىزنىڭ قەغەز يەشىكلىرىمىزنى زاكاز قىلىپ سېتىۋالىدۇ» دېدى دۇكان خىزمەتچىسى خې ئەنلۇن مۇخبىرلارغا.
خەلقئارا سودا شەھەرچىسىدىن چىققىنىمىزدا، كۈن ئولتۇرغانىدى. رەڭگارەڭ چىراغلارنىڭ يېقىلىشى بىلەن يىۋۇنىڭ كېچىلىك تۇرمۇشى ئاستا - ئاستا باشلاندى.
ياسىن ئىبرايىمنىڭ ئاشخانىسى تاماق يەيدىغان مېھمانلار بىلەن لىق تولغانىدى، ئۇ دۇكان سىرتىدىكى سايىۋەنلەرنى ئېچىپ، سايىۋەنلەر ئاستىغا مېھمانلارنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن يەنە ئون نەچچە ئۈستەل تىزدى.
ياسىن شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، ياش ۋاقتىدا ئۈرۈمچىدە تىرىكچىلىك قىلغان، كېيىن دوستلىرىنىڭ ئاغزىدىن يىۋۇنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاپ، 2004-يىلى ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ يىۋۇغا بېرىپ، ئىشنى يايما يېيىپ كاۋاپ سېتىشتىن باشلىغان. 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، بۈگۈنكى كۈندە، ياسىن ئۈچ ئاشخانا ئاچقان بولۇپ، سودىسى بارغانسېرى چوڭىيىپتۇ. «مەن يىۋۇدا 30 زەنجىرسىمان ئاشخانا ئاچىمەن.» 44 ياشلىق ياسىن ئارزۇسىنى تىلغا ئالغاندا، چېھرىدە كۈلكە پارلىدى.
ئۇششاق تاۋارلار دۇنيانى تۇتاشتۇرماقتا، نۇرغۇن شىنجاڭلىق پۈتۈن مەملىكەت ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر بىلەن بىللە يىۋۇدا كۈرەش قىلماقتا، ئۇلارنىڭ كەسپىنىڭ ھەر تەرەپكە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى داۋامىدا ئۇلارنىڭ ھېكايىسىمۇ پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەنمەكتە.