ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لۇ فېڭباۋ، چېن چياڭۋېي
8 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، چۇڭچىڭ لياڭجياڭ يېڭى رايونى، گۈدۈك ئاۋازى ئىچىدە، بىر جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (چۇڭچىڭ ـ شىنجاڭ ـ ياۋروپا) گويۈەن پورتىغا يېتىپ كەلدى، بۇ نۆۋەتچى پويىز قورغاس پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن بولۇپ، 8 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى مالنى چاڭجياڭ دەرياسى تۆمۈريول ـ سۇ يولى بىرلەشمە تىرانسپورتى ئارقىلىق جياڭسۇنىڭ تەيساڭ پورتىغا توشۇيدۇ.
بىر تەرەپتىكىسى غەربىي شىمال چېگرا پورتى، يەنە بىر تەرەپتىكىسى چاڭجياڭ دەرياسى ئىچكى دەريا پورتى، قارىماققا ھېچقانداق كېسىشمەيدىغان ئىككى جاي جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ «ۋاسىتىچى بولۇش»ى سەۋەبلىك «قول تۇتۇشۇپ» ئورتاق تەرەققىي قىلدى.
گويۈەن پورتىدا، دەريادىكى پاراخوتلار ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، پورت قىرغىقىدىكى كۆۋرۈكلۈك توشۇش توختىماي ئايلىنىپ، يۈك ساندۇقى ئاپتوموبىللىرى موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى... 2013 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى ئېچىلغان بۇ پورتتا، دەسلەپتە ئاساسلىقى پارچە قاچىلانغان ماللار توشۇلاتتى.
«گويۈەن پورتى دەريا بويىدا تۇتاش كەتكەن گەنجۈزارلىقتا بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان.» چۇڭچىڭ گويۈەن پورتى يۈك ساندۇقى پىرىستانى چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى چېن چۈەنجيەن بۇ يەردە كۆپ يىل خىزمەت قىلغان بولۇپ، گويۈەن پورتىنىڭ كىچىكلىكتىن چوڭىيىۋاتقانلىقى، چوڭلۇقتىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كەلمەكتە.
2016 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭ لياڭجياڭ يېڭى رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، گويۈەن پورتى دەريا بويى پىرىستانى سۇپىسىغا پىيادە يېتىپ كەلدى. پورت ئەسلىھەلىرىنىڭ تولۇق، دەسلەپكى كۆلەم ھاسىل قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ «بۇ يەردە زور ئۈمىد بار» دېدى.
«شۇ چاغدا مەن كىشىلەر توپى ئارىسىدا تۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، قەلبىم ھاياجانغا تولدى، گويۈەن پورتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە قەسەم قىلدىم» دېدى چېن چۇەنجيەن.
شۇنىڭدىن كېيىن، گويۈەن پورتى تەرەققىيات تېز يولىغا قەدەم قويۇپ، پارچە ـ پۇرات ماللار پىرىستانىدىن تۆمۈر يول ـ تاشيول ـ سۇ يولىدىن ئىبارەت كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسىپورت ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنىگە ئايلاندى.
دەريا سۈيى قىرغاققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، نەچچە ئون كىلومېتىرلىق دەريا قىرغىقىدا 5000 تونناژلىق 16 پاراخوت توختىتىش ئورنى رەت بويىچە تىزىلغانىدى، 1 مىليون 300 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان مال مەيدانى ئالدىراشلىققا تولغانىدى، 14 تۆمۈر يول مەخسۇس لىنىيەسىدىكى پويىزلار ئۆتۈشۈپ تۇرۇۋاتقان، پاراخوتلار بېرىپ كېلىۋاتقان، ماللار ئۈزۈلمەي توشۇلۇۋاتقان مەنزىرە بۇ كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت تۈگۈنى پورتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.
گويۈەن پورتىدىكى يۈك ساندۇقى پىرىستانىدا قاتار ـ قاتار مەيدان كۆۋرۈك (كېشەك كىران)لەر خۇددى گىگانت ئادەمدەك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. مەيدان كۆۋرۈكىنىڭ ئاستا ـ ئاستا قوزغىلىشىغا ئەگىشىپ، يۈك ساندۇقلىرى بىر ـ بىرلەپ قىرغاققا ئېلىپ چىقىلدى، ئاندىن يۈك ئاپتوموبىللىرى ئارقىلىق بەلگىلەنگەن ئورۇنغا توشۇلدى.
باشنى كۆتۈرۈپ قارىغاندا، ماشىنا ئاۋازىنىلا ئاڭلىغىلى بولاتتى، مەشغۇلاتچىنى كۆرگىلى بولمايتتى.
«ھازىرقى مەيدان كۆۋرۈكلىرىنىڭ ھەممىسى يىراق مۇساپىلىك كونترول قىلىنىدىغان مەيدان كۆۋرۈكلىرىدۇر.» 32 ياشلىق مەيدان كۆۋرۈكى شوپۇرى خې شاۋيىن 2013 ـ يىلىدىن باشلاپ گويۈەن پورتىدا مەيدان كۆۋرۈكى مەشغۇلاتى قىلىۋاتقانىدى. ئىلگىرىكى ۋاقىتلارنى ئەسلەپ، ئۇ ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى يۈك ساندۇقى قاچىلاش ـ چۈشۈرۈش مەشغۇلاتىدا 24 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مەيدان كۆۋرۈكىدە مەشغۇلات قىلاتتۇق، بەك كۆپ سۇ ئىچىشكە جۈرئەت قىلالمايتتۇق، چۈنكى يامىشىپ چىقىپ ـ چۈشۈپ ھاجەتخانىغا كىرىش قولايسىز ئىدى».
ھازىر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان مەيدان كۆۋرۈكى مەشغۇلات ئۆيىدە، مەيدان كۆۋرۈكى شوپۇرى مەشغۇلات دەستىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، نەچچە ئون مېتىر يىراقلىقتىكى غايەت زور مەيدان كۆۋرۈكىنى كونترول قىلىپ پولات ـ تۆمۈر «تۇتقۇچ»نى تۆۋەنلەتسىلا، يۈك ساندۇقىنى مەزمۇت تۇتقىلى بولىدۇ.
«غۇڭ...» لىققىدە مال بېسىلغان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى گويۈەن پورتىغا كىرىپ كەلدى.
«پورت ئىچىدىكى ماللار جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا بازارلىرىغا توشۇلىدۇ، شۇنداقلا سۇ تىرانسپورتى ئارقىلىق چاڭجياڭ دەرياسى لىنىيەسى بويلىرىغا توشۇلىدۇ» دېدى چۇڭچىڭ گويۈەن پورتى خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى يول ئەشيا ئوبوروتى بۆلۈمىنىڭ تۈر مەسئۇلى ۋاڭ سىجيا.
2017 ـ يىلى 12 ـ ئايدا، گويۈەن پورتىدىن تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يولغا چىقىپ، گېرمانىيەنىڭ دۇيىسبۇرگ پورتىغا قاراپ ماڭدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى چاڭجياڭ دەرياسى ئالتۇن سۇ يولى بىلەن تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2018 ـ يىلى 11 ـ ئايدا، يەنە گويۈەن پورتىدىن گېرمانىيەنىڭ مانخېيم پورتىغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز قاتنىدى. بۇ نۆۋەتچى پويىزلار بىردەك شىنجاڭدىن چىقىپ ياۋروپاغا بارىدۇ.
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، «جۇڭگودا ياسالغان» تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلات جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا قاچىلىنىپ گويۈەن پورتىدىن يولغا چىقىپ، شىنجاڭدىكى پورتلار ئارقىلىق چەت ئەلگە يۈزلەندى. بۈگۈنگىچە، گويۈەن پورتىدىن قاتنىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 1159غا يەتتى.
كۆپ يىللىق قۇرۇلۇش ئارقىلىق، گويۈەن پورتى چاڭجياڭ دەرياسى ئالتۇن سۇ يولى ئارقىلىق شەرقتە چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ھەرقايسى پورت، شەھەرلەر توپىنى تۇتاشتۇرۇپ، دەريا ـ دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورتىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق، غەربتە غەربىي شىمال، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ياۋروپاغا تۇتاشتى؛ غەربىي قىسىمدىكى قۇرۇقلۇق ـ دېڭىز يېڭى يولى ئارقىلىق جەنۇبتا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، جەنۇبىي ئاسىياغا تۇتاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۈننەن، گۇيجوۋ، سىچۇەن قاتارلىق جايلارغا تەسىر كۆرسەتتى؛ «چۇڭچىڭ ـ مەنجوۋلى ـ رۇسىيە» خەلقئارا تۆمۈريول نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق، شىمالدا جۇڭگو ـ موڭغۇلىيە ـ رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورىغا تۇتاشتى.
«<بىر بەلباغ، بىر يول> گويۈەن پورتىدا يوچۇقسىز تۇتاشتى. <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، گويۈەن پورتى بىلەن شىنجاڭدىكى پورتلار ئالاقىسىنىڭ تېخىمۇ قويۇقلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى ۋاڭ سىجيا.