奔腾之路 · 行吟

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . سەپەر جەريانىدا ئاڭلىغانلىرىمىز

渝新欧从这里驶向新疆口岸

石榴云/新疆日报记者 陈蔷薇 逯风暴

8月11日一大早,还没进入重庆国际物流枢纽园区,路上的集装箱货车就渐渐密集起来。同车的司机师傅说,那些集装箱货车共同前往的方向,就是重庆国际物流枢纽园区。

重庆国际物流枢纽园区规划面积35.5平方公里,拟拓展面积40.5平方公里,是重庆“四向齐发”通道格局的中心,是中欧班列、西部陆海新通道的创始地和起点站,也是重庆铁路口岸、重庆铁路保税物流中心所在地,是陆港型国家物流枢纽、国家骨干冷链物流基地。

这些响当当的名号,在记者一行看到重庆国际物流枢纽园区零地标广场上巨大的“0”雕塑时,有了更真切的感受。这个雕塑上有中欧班列(渝新欧)、西部陆海新通道介绍和线路图。

乌鲁木齐、阿拉山口、霍尔果斯这些熟悉的新疆城市名字均在其中,和几千公里之外的重庆因为一条中欧班列(渝新欧)相连。共建“一带一路”倡议提出十年来,越来越多的“中国制造”从这里出发经过新疆口岸走出国门。

在重庆国际物流枢纽园区,来往的集装箱货车有序排队进入重庆铁路口岸、团结村集装箱中心站等地卡口,路上行人不多,却处处一片繁忙景象。

五颜六色的集装箱堆积如山、龙门吊不断起降、转运卡车川流不息、火车汽笛声悠扬,这些构成了重庆国际物流枢纽园区联通世界的画卷。

“2014年我刚来这里工作时,附近还都是小山村,想都不敢想能发展到现在这个地步。”重庆国际物流枢纽园区建设有限责任公司党委副书记、监事会主席罗书权说,当时这里开放的线路不多,口岸也不多,现在已经发展为东西南北四个开放通道,拥有物流、贸易和金融三大产业集群的物流枢纽园区。2022年,园区铁路口岸通关货值800亿元,位列全国内陆铁路口岸首位。

谈到这些成绩,就不能不提起位于园区内的团结村车站。2011年,我国第一列重庆至德国杜伊斯堡国际班列在此始发。如今的团结村车站早已不是当年的小车站,已发展成为占地2023亩,拥有到发线12条、货物线16条,货物运输作业辐射110个国家和地区的重要车站。

进入团结村车站,能看到一个以蓝色中欧班列集装箱为主体的雕塑,“一带一路”四个大字尤为显眼。“这些年,我们车站集装箱发运数量持续攀升,运输收入也呈稳步增长态势。”中国铁路成都局集团有限公司兴隆场车站团结村站副站长王乙淇说。

2022年,中欧班列(渝新欧)共计开行班列超3100列,较2013年增长近70倍,货物发送量增长157倍,开行质量大幅提升。

时下的重庆,热浪滚滚,阳光晒在皮肤上有种灼热感。在团结村车站,晒得黝黑的黄伟正和同事搬运一批从义乌发来的货物。

他在车站当装卸工已经快4年了。谈到“一带一路”建设带来的变化,黄伟笑着说:“我不懂什么大道理,只晓得这些年搬运的货物越来越多,收入越来越高。”

围绕“通道带物流、物流带经贸、经贸带产业”,重庆国际物流枢纽园区致力产城融合建设,枢纽优势转化为产业优势取得明显成效。如今,共引入世界500强企业18家、国内500强企业8家、上市公司17家,入驻企业总量突破5400家。2022年全年入园企业营收总额约1250亿元,全口径税收约60亿元。

罗书权说,未来,园区将进一步加快通道、口岸、产业的建设,以满足重庆建设国际消费中心城市需要。希望能和新疆在通道、产业等方面继续加深合作,共同推进“一带一路”建设。

​چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بۇ يەردىن شىنجاڭدىكى پورتلارغا قاراپ يولغا چىقىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى چېن چياڭۋېي، لۇ فېڭباۋ

8-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەتىگەندىلا، چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونىغا كىرمەي تۇرۇپلا، يولدىكى يۈك ساندۇقى توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرى ئاستا - ئاستا كۆپىيىشكە باشلىدى. ئاپتوموبىلدا بىللە كېتىۋاتقان شوپۇر ئۇستامنىڭ ئېيتىشىچە، يۈك ساندۇقى توشۇيدىغان بۇ يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئورتاق ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى دەل چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونى ئىكەن.

چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونىنىڭ پىلاندىكى كۆلىمى 35.5 كىۋادرات كىلومېتىر، كېڭەيتىلىدىغان كۆلىمى 40.5 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، چۇڭچىڭ «تۆت يۆنىلىشتە تەڭ يولغا چىقىش» يول ئەندىزىسىنىڭ مەركىزى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولىغا ئۇل سېلىنغان جاي ۋە باشلىنىش نۇقتىسى ۋوگزالى، شۇنداقلا چۇڭچىڭ تۆمۈريول پورتى، چۇڭچىڭ تۆمۈريول باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروت مەركىزى تۇرۇشلۇق جاي، قۇرۇقلۇق پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى، دۆلەت تايانچ سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروت بازىسى.

بۇ داڭلىق ناملارغا نىسبەتەن، مۇخبىرلار خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونى نۆل يەر بەلگىسى مەيدانىدىكى غايەت زور «0» ھەيكىلىنى كۆرگەندە تېخىمۇ ھەقىقىي تەسىراتقا ئىگە بولدى. بۇ ھەيكەل ئۈستىدە جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا)، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى ۋە لىنىيە خەرىتىسى بار ئىدى.

ئۈرۈمچى، ئالاتاۋ، قورغاستىن ئىبارەت شىنجاڭدىكى تونۇش بۇ شەھەر ئىسىملىرىنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ ئىچىدە بولۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا) بولغاچقا، ئۇلار نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چۇڭچىڭ بىلەن تۇتىشىپ تۇراتتى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، «جۇڭگودا ياسالغان» تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلات بۇ يەردىن يولغا چىقىپ، شىنجاڭدىكى پورتلار ئارقىلىق دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقتى.

چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونىدا ئۆتۈشۈپ تۇرۇۋاتقان يۈك ساندۇقى توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرى تەرتىپلىك ئۆچرەتتە تۇرۇپ چۇڭچىڭ تۆمۈريول پورتى، تۇەنجيې كەنتى يۈك ساندۇقى مەركىزى ۋوگزالى قاتارلىق جايلاردىكى چازا ئېغىزىدىن كىرىۋاتاتتى، يولدا يولۇچىلار كۆپ بولمىسىمۇ، ھەممىلا جايدا ئالدىراشلىققا تولغان مەنزىرە نامايان بولغانىدى.

رەڭگارەڭ يۈك ساندۇقلىرى تاغدەك دۆۋىلىنىپ تۇراتتى، كېشەك كىران توختىماي كۆتۈرۈلۈپ - چۈشۈپ تۇراتتى، يۆتكەپ توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرى موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، پويىزنىڭ گۈدۈك ئاۋازى ئۇزاققىچە ياڭراپ تۇراتتى، بۇلار چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونىنىڭ دۇنياغا تۇتاشقانلىقىنىڭ يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلغانىدى.

«2014-يىلى مەن بۇ يەرگە يېڭىلا خىزمەتكە چۈشكەندە، يېقىن ئەتراپنىڭ ھەممىسى تېخى كىچىك تاغلىق كەنت ئىدى، تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى بۇ ھالەتكە يېتىشىنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم.» چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونى قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى لو شۇچۈەن مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا بۇ يەردە ئېچىۋېتىلگەن لىنىيە كۆپ ئەمەس ئىدى، پورتلارمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى، ھازىر شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمالدىن ئىبارەت تۆت ئېچىۋېتىلگەن يولغا تەرەققىي قىلىپ، ئەشيا ئوبوروتى، سودا ۋە پۇل مۇئامىلىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كەسىپ توپىغا ئىگە ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونىغا ئايلاندى. 2022-يىلى، باغچە رايونىدىكى تۆمۈريول پورتىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مال قىممىتى 80 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئىچكى قۇرۇقلۇق تۆمۈريول پورتلىرى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.

بۇ نەتىجىلەر ئۈستىدە توختالغاندا، باغچە رايونى ئىچىگە جايلاشقان تۇەنجيې كەنتى ۋوگزالىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. 2011-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ چۇڭچىڭدىن گېرمانىيەنىڭ دۇيىسبۇرگقا بارىدىغان تۇنجى خەلقئارا نۆۋەتچى پويىزى مۇشۇ يەردىن يولغا چىققانىدى. بۈگۈنكى كۈندىكى تۇەنجيې كەنتى ۋوگزالى ئاللىقاچان ئەينى يىللاردىكى كىچىك ۋوگزال ئەمەس بولۇپ، ھازىر تەرەققىي قىلىپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 2023 مو بولغان، يېتىپ كېلىش - يولغا سېلىش لىنىيەسىدىن 12سى، يۈك لىنىيەسىدىن 16سى بار بولغان، يۈك تىرانسپورت مەشغۇلاتى 110 دۆلەت ۋە رايونغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ۋوگزالغا ئايلاندى.

تۇەنجيې كەنتى ۋوگزالىغا كىرگەندە، كۆك رەڭلىك جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يۈك ساندۇقىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ھەيكەلنى كۆرىسىز، «بىر بەلباغ، بىر يول» دېگەن چوڭ خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدۇ. «بۇ يىللاردىن بۇيان، ۋوگزالىمىزدا يۈك ساندۇقى توشۇش مىقدارى سىجىل ئاشتى، تىرانسپورت كىرىمىدىمۇ مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى چېڭدۇ ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىڭلۇڭچاڭ ۋوگزالى تۇەنجيې كەنتى ۋوگزالىنىڭ مۇئاۋىن ۋوگزال باشلىقى ۋاڭ يىچى.

2022-يىلى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى(چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا)دىن جەمئىي 3100دىن كۆپرەكى قاتناپ، 2013- يىلىدىكىدىن 70 ھەسسىگە يېقىن ئېشىپ، يۈك يەتكۈزۈش مىقدارى 157 ھەسسە ئېشىپ، قاتناش سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆستى.

ھازىر چۇڭچىڭ بەكلا ئىسسىق، قۇياش نۇرى تېرىگە چۈشكەندە كۆيگەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. تۇەنجيې كەنتى ۋوگزالىدا ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن خۇاڭ ۋېي خىزمەتداشلىرى بىلەن يىۋۇدىن ئەۋەتىلگەن بىر تۈركۈم ماللارنى توشۇۋاتاتتى.

ئۇنىڭ ۋوگزالدا قاچىلاش - چۈشۈرۈش ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقىنىغا تۆت يىل بولاي دېدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختالغاندا، خۇاڭ ۋېي كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن قانداقتۇر چوڭ داۋلىلارنى بىلمەيمەن، پەقەت مۇشۇ يىللاردا يۆتكەيدىغان يۈكلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، كىرىمىمنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن».

«يول ئەشيا ئوبوروتىنى يېتەكلەش، ئەشيا ئوبوروتى ئىقتىساد - سودىنى يېتەكلەش، ئىقتىساد - سودا كەسىپنى يېتەكلەش»نى چۆرىدەپ، چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونى كەسىپ بىلەن شەھەرنى يۇغۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچەپ، تۈگۈن ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىدىن جەمئىي 18 نى، دۆلەت ئىچىدىكى 500 كۈچلۈك كارخانىدىن جەمئىي سەككىزنى، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتتىن جەمئىي 17نى كىرگۈزدى، ماكانلاشقان كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 5400دىن ئاشتى. 2022 - يىلى پۈتۈن يىلدا باغچە رايونىغا كىرگەن كارخانىلارنىڭ تىجارەت كىرىمى ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن 125 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي باج كىرىمى تەخمىنەن 6 مىليارد يۈەن بولدى.

لو شۇچۈەن مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە، باغچە رايونى يول، پورت، كەسىپ قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، چۇڭچىڭنىڭ خەلقئارا ئىستېمال مەركىزى شەھىرى قۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. شىنجاڭ بىلەن يول، كەسىپ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

发布时间 :
2023/09/19
责任编辑 :
栏目归属 :
奔腾之路 · 行吟
يوللانغان ۋاقتى:
2023/09/19
مەسئۇل مۇھەررىر :
تەۋە سەھىپە:
ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . سەپەر جەريانىدا ئاڭلىغانلىرىمىز
相关专题
مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس سەھىپىلەر