奔腾之路 · 行吟

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . سەپەر جەريانىدا ئاڭلىغانلىرىمىز

东方大港 一刻不息

石榴云/新疆日报记者 刘东莱 热依达

8月8日,铁轨震动,一列列车满载集装箱缓缓驶入中哈(连云港)物流合作基地。从高空俯瞰,行进在山海之间的列车,散发着难以言说的雄壮感。

这趟来自亚欧大陆腹地、装着俄罗斯铝锭的列车将很快办完手续出港,于11日抵达上海。这种流畅平滑的转换,是连云港港口再平常不过的一幕。

走在连云港港区,无论白天黑夜,总是能感受到一个词:高效运转。漫天日光与通明灯火无缝衔接,远方的海面上,艘艘巨轮散落在锚地等待进港,近处的港湾里,载满各式各样车辆的滚装船正依序入场,港区内铁路线上火车往来穿行,大红色的岸桥起重机、蓝色的路桥起重机争分夺秒装卸集装箱……山海之间,一个现代化、智能化港口跃然眼前。

“比起十年前,现在的船只数量多多了,我们的工作强度也大了许多。”刘洋驾驶着“云引1号”引航艇从码头缓缓滑出,劈波斩浪驶向10公里外的海面锚点,一艘巨型货轮正在那里等待他和同事执行引航任务。引航艇飞速前进时,艇身颠簸不停,刘洋双手把着罗盘,紧紧靠在身后的座椅上。

“这个座椅基本就没坐过,全是站着当靠背用,浪颠起来,根本坐不了。”刘洋身后,座椅前端的皮垫已经被他的后腰磨得裂开,海绵都翻了出来。

“你开慢点嘛!”记者说。

“那不成啊,忙着呢,有时候一天四五趟。连云港港是一个港口集群,不光主港区,北边的赣榆港区、南边的徐圩港区也需要我们执行引航任务,所以我们要在保证安全的前提下,最大限度提高效率。”刘洋说,“安全行驶和高效往返之间的平衡点,是我们追求的目标。”

登船上岸,我们走在这座繁忙的港口里,到处都可以看见人,但几乎找不到一个可以停下来和我们说话的人。42岁的岸桥起重机驾驶员陈凤阳目光一秒都没离开过操作台。当他轻推摇杆时,驾驶室就会从起重机中端启动,径直悬空滑向轮船泊位上空数十米的位置。他在那里操作吊臂装卸集装箱,面前是蔚蓝大海,身下是万吨巨轮,摇杆上是稳若磐石的手掌,耳边是吊索绞卷的声音。

陈凤阳2005年来到港口,2016年开始驾驶庞大的岸桥起重机。驾驶员们把装卸一次集装箱称为“一吊”。“最忙时一天吊了300吊,最紧张时平均两分钟完成一吊。”陈凤阳说,“这里最大的靠泊船长366米,这是一个中型航空母舰的长度,吊装量在4000到6000个之间,我们要在24小时内完工,那就要很多起重机一起上。”

记者采访的这一天,天气适宜,不冷不热,但连云港港夏有酷日、冬有落雪,大多数时间作业环境非常艰苦,陈凤阳他们却习以为常。“我们的驾驶员都很拼,经常来一艘船,就开始了业务大比武。世界上的任何港口,船只在港停泊的每一秒都在支出费用,效率高了,会为货主省下更多成本。”陈凤阳一笑说,“也不光是为货主,我们是计件发工资的,这10年来港船只增加了很多,货物量上来了,我们的收入也高了很多。”

2022年连云港港累计完成货物吞吐量约3亿吨,同比增长8.3%。在全球航运权威媒体《劳氏日报》公布的2022年全球百大集装箱港口排名中,连云港港位列第33名。

夕阳西下,整个海港被抹上了一层暖金色,愈加显得生机勃勃。未来,连云港港将推动班轮航线总数达到120条,多式联运量突破150万标箱,至2025年建成吞吐量过4亿吨的东方大港。“我们将构建起向东连接环太平洋、向西贯通亚欧内陆、沿海串联南北港口、内河通达苏鲁豫皖的物流大通道。”连云港港口控股集团有限公司党委书记、董事长杨龙说。

شەرقتىكى چوڭ پورت بىر مىنۇتمۇ توختىماي ئىلگىرىلىدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ دۇڭلەي، رايىدە

8-ئاينىڭ 8-كۈنى، پويىز رېلىسى تىترەپ، لىق يۈك ساندۇقى قاچىلانغان پويىزلار جۇڭگو - قازاقىستان (ليەنيۈنگاڭ) ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىق بازىسىغا ئارقا - ئارقىدىن ئاستا كىرىپ كەلدى. بوشلۇقتىن قارىغاندا، تاغ بىلەن دېڭىز ئارىسىدا قاتناۋاتقان پويىزلاردىن تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ھەيۋەتلىك تۇيغۇ چىقىپ تۇراتتى.

ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدىن كەلگەن، رۇسىيەنىڭ ئاليۇمىن نۆكچىلىرى قاچىلانغان بۇ پويىز ناھايىتى تېزلا رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ پورتتىن چىقىپ، 8-ئاينىڭ 11-كۈنى شاڭخەيگە يېتىپ بارىدۇ. بۇ خىل راۋان، تەكشى يۆتكىلىش ليەنيۈنگاڭ پورتىدىكى ئادەتتىكى بىر كۆرۈنۈش ھېسابلىنىدۇ.

ليەنيۈنگاڭ پورتى رايونىدا ماڭغاندا، مەيلى كېچە ياكى كۈندۈز بولسۇن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىش دېگەن سۆزنى ھەر دائىم ھېس قىلغىلى بولىدۇ. كۆكتىكى قۇياش نۇرى بىلەن يوپيورۇق چىراغ نۇرلىرى يوچۇقسىز جىپسىلاشقان، يىراقتىكى دېڭىز يۈزىدە، غايەت زور پاراخوتلار لەڭگەر تاشلاپ پورتقا كىرىشنى كۈتۈپ تۇراتتى، يېقىنلا يەردىكى دېڭىز قولتۇقىدا، ھەر خىل ئاپتوموبىللار قاچىلانغان ئايلانما مال قاچىلاش پاراخوتلىرى تەرتىپ بويىچە پورتقا كىرىۋاتاتتى، پورت رايونى ئىچىدىكى تۆمۈر يول لىنىيەسىدە پويىزلار ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، توق قىزىل رەڭلىك قىرغاق كۆۋرۈكى كىرانى، كۆك رەڭلىك يول كۆۋرۈكى كىرانى مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي يۈك ساندۇقلىرىنى قاچىلايتتى، چۈشۈرەتتى... تاغ بىلەن دېڭىز ئارىسىدا زامانىۋىلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان بىر پورت كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى.

«10 يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ھازىر پاراخوتلارنىڭ سانى كۆپەيدى، بىزنىڭ خىزمەت سىجىللىقىمىزمۇ خېلىلا ئاشتى.» ليۇ ياڭ «يۈنيىن 1-نومۇر»لۇق يول باشلاش پاراخوتىنى ھەيدەپ پىرىستاندىن ئاستا - ئاستا چىقىپ، دولقۇن يېرىپ ئون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز يۈزىدىكى لەڭگەر نۇقتىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى، بىر غايەت زور يۈك پاراخوتى ئۇ يەردە ئۇنىڭ ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ يول باشلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىنى كۈتۈۋاتاتتى. يول باشلىغۇچى پاراخوت ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىگەندە، پاراخوت گەۋدىسى توختىماي سىلكىنەتتى، ليۇ ياڭ ئىككى قولىدا كومپاسنى تۇتۇپ، كەينىدىكى ئورۇندۇققا چىڭ يۆلەندى.

«بۇ ئورۇندۇقتا ئاساسەن ئولتۇرۇپ باقمىدىم، پۈتۈنلەي ئۆرە تۇرۇپ يۆلەنچۈك ئورنىدا ئىشلىتىمەن، دولقۇن ئۇرۇپ سىلكىنگەندە، ئولتۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.» ليۇ ياڭنىڭ كەينىدىكى ئورۇندۇقنىڭ ئالدىدىكى تېرە سېلىنچا ئۇنىڭ بېلىگە سۈركىلىۋەرگەنلىكتىن يېرىلىپ كەتكەن بولۇپ، ئىچىدىكى بۇلۇتى كۆرۈنۈپ قالغانىدى.

«ئاستىراق ھەيدىسىڭىز بولمامدۇ!» دېدى مۇخبىر.

«بولمايدۇ، ئالدىراش تۇرسام، بەزىدە بىر كۈندە تۆت - بەش قېتىم قاترايمەن. ليەنيۈنگاڭ پورتى پورتلار توپى، ئاساسلىق پورت رايونىلا ئەمەس، شىمال تەرەپتىكى گەنيۈ پورت رايونى، جەنۇب تەرەپتىكى شۈۋېي پورت رايونىمۇ بىزنىڭ يول باشلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىمىزغا ئېھتىياجلىق، شۇڭا بىز بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شەرتىدە، ئۈنۈمنى ئەڭ زور چەكتە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.» ليۇ ياڭ مۇنداق دېدى: «بىخەتەر يول يۈرۈش بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېرىپ كېلىش ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسى بىز ئىنتىلىدىغان نىشان».

پاراخوتقا ئولتۇرۇپ قىرغاققا چىقىپ بۇ ئالدىراشلىققا تولغان پورتتا ماڭغىنىمىزدا، ھەممىلا يەردە ئادەملەرنى كۆرگىلى بولسىمۇ، لېكىن قەدىمىنى توختىتىپ بىزگە گەپ قىلغۇدەك ئادەمنى ئاساسەن تاپقىلى بولمايتتى. 42 ياشلىق قىرغاق كۆۋرۈك كىرانى شوپۇرى چېن فېڭياڭنىڭ كۆزى مەشغۇلات سۇپىسىدىن بىر سېكۇنتمۇ ئايرىلمايتتى. ئۇ كونترول دەستىسىنى يېنىك ئىتتىرگەندە، كابىنكا كىراننىڭ ئوتتۇرا ئۇچىدىن قوزغىلىپ، پاراخوت توختىتىش ئورنىنىڭ ئۈستىدىكى نەچچە ئون مېتىر بوشلۇققا سىيرىلىپ چۈشەتتى. ئۇ ئاشۇ يەردە ئاسما يەلكە بىلەن يۈك ساندۇقىنى قاچىلاش - چۈشۈرۈش مەشغۇلاتى قىلاتتى، ئۇنىڭ ئالدىدا كۆپكۆك دېڭىز، ئاستىدا 10 مىڭ توننىلىق چوڭ پاراخوت بار ئىدى، كونترول دەستىسىنى كۈچلۈك ئالىقىنىدا قاماللاپ تۇتقانىدى، قۇلاق تۈۋىدە ئاسما ئارغامچىنىڭ يۆگەلگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

چېن فېڭياڭ 2005-يىلى پورتقا كەلگەن، 2016-يىلىدىن باشلاپ غايەت زور بولغان قىرغاق كۆۋرۈك كىرانى شوپۇرى بولغان ئىكەن. كىران شوپۇرلىرى يۈك ساندۇقىنى بىر قېتىم قاچىلاش - چۈشۈرۈشنى «بىرلا تارتىپ چۈشۈرۈش» دەپ ئاتايدىكەن. «ئەڭ ئالدىراش بولغاندا بىر كۈندە 300 قېتىم تارتىپ چۈشۈرىمەن، ئەڭ جىددىي بولغاندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى مىنۇتتا بىر قېتىم تارتىپ چۈشۈرۈشنى تاماملايمەن.» چېن فېڭياڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قىرغاقتا توختايدىغان ئەڭ چوڭ پاراخوتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 366 مېتىر كېلىدۇ، بۇ ئوتتۇرا تىپتىكى ئاۋىياماتكىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا باراۋەر بولۇپ، تارتىپ چۈشۈرۈش مىقدارى 4000 دىن 6000 قېتىمغىچە بولىدۇ، بىز 24 سائەت ئىچىدە ئىشنى تاماملىشىمىز كېرەك، شۇڭا نۇرغۇن كىران بىرلىكتە مەشغۇلات قىلمىسا بولمايدۇ».

مۇخبىرلار زىيارەت قىلغان كۈنى، ھاۋا نورمال بولۇپ، سوغۇقمۇ ئەمەس، ئىسسىقمۇ ئەمەس ئىدى، لېكىن ليەنيۈنگاڭ پورتىدا يازدا ھاۋا قاتتىق ئىسسىق بولاتتى، قىشتا قار ياغاتتى، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مەشغۇلات مۇھىتى ئىنتايىن جاپالىق ئىدى، چېن فېڭياڭ قاتارلىقلار بۇنىڭغا ئادەتلىنىپ كەتكەنىدى. «بىزنىڭ شوپۇرلىرىمىز ناھايىتى تىرىشچان، دائىم بىر پاراخوت كەلسىلا، كەسپىي جەھەتتە بەسلىشىشنى باشلايدۇ. دۇنيادىكى ھەرقانداق پورتتا، پاراخوت پورتتا توختىغان ھەربىر سېكۇنتتىمۇ چىقىم بولىدۇ، ئۈنۈم يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، مال ئىگىسى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تەننەرخنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.» چېن فېڭياڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ مال ئىگىلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بىزمۇ ئىش مىقدارىمىزغا قاراپ مائاش ئالىمىز، بۇ 10 يىلدا پورتقا كىرىدىغان پاراخوتلار ناھايىتى كۆپەيدى، مال مىقدارى ئاشتى، بىزنىڭ كىرىمىمىزمۇ خېلىلا كۆپەيدى».

2022-يىلى ليەنيۈنگاڭ پورتىدا تەخمىنەن 300 مىليون توننا مال كىرگۈزۈش - چىقىرىش مىقدارى تاماملىنىپ، 2021-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %8.3 ئاشتى. پۈتۈن يەرشارى سۇ تىرانسپورتىدىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇ «لويد گېزىتى» ئېلان قىلغان 2022- يىللىق يەرشارى بويىچە 100 چوڭ يۈك ساندۇقى پورتى رەت تەرتىپىدە ليەنيۈنگاڭ پورتى 33 - ئورۇندا تۇردى.

كەچكى شەپەق غەربكە ئولتۇرغاندا، پۈتكۈل دېڭىز پورتىغا بىر قەۋەت ئىللىق ئالتۇن رەڭ يېيىلىپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولدى. كەلگۈسىدە ليەنيۈنگاڭ پورتى نۆۋەتچى پاراخوت لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي سانىنى 120گە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە توشۇش مىقدارىنى 1 مىليون 500 مىڭ ئۆلچەملىك ساندۇقتىن ئاشۇرۇپ، 2025-يىلىغا بارغاندا مال كىرگۈزۈش - چىقىرىش مىقدارى 400 مىليون توننىدىن ئاشىدىغان شەرقتىكى چوڭ پورتنى قۇرۇپ چىقىدۇ. بىز شەرقتە تىنچ ئوكيانغا تۇتاشقان، غەربتە ئاسىيا - ياۋروپا ئىچكى قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان، دېڭىز بويىدا جەنۇب - شىمال پورتلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان، ئىچكى دەريادا جياڭسۇ، شەندۇڭ، خېنەن، ئەنخۇيغا تۇتىشىدىغان ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنى بەرپا قىلىمىز» دېدى ليەنيۈنگاڭ پورتى پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ياڭ لۇڭ.

发布时间 :
2023/09/19
责任编辑 :
栏目归属 :
奔腾之路 · 行吟
يوللانغان ۋاقتى:
2023/09/19
مەسئۇل مۇھەررىر :
تەۋە سەھىپە:
ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . سەپەر جەريانىدا ئاڭلىغانلىرىمىز
相关专题
مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس سەھىپىلەر