奔腾之路 · 筑梦

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش

把新疆特产铺到“一带一路”沿线城市

石榴云/新疆日报记者 热依达 刘东莱

与王文辉相识,是一次偶然。

8月15日,“奔腾之路——‘一带一路’沿线大型全媒体报道”小分队来到河南省郑州市。结束了一天的采访,傍晚在寻找饭馆时,无意间看到路边一家写有“新疆”二字的店铺。小分队成员兴奋地走入店中。

玉米、面粉、辣椒酱、甜瓜、西瓜、红枣、核桃、酸奶、酸梅汤、奶啤、红花油、马肠、冷水鱼……琳琅满目的新疆农副产品让记者不由自主地惊叹:“货品比新疆的一些超市还齐全。”

“我家的有些产品,在新疆本地都买不到哦!”正在理货的王文辉迎上前一脸得意地说。

得知我们来自新疆,这位从新疆托里县到郑州闯市场的“80后”小伙激动不已。“来,过来坐,我们聊聊。最近店里进货量大,有点乱,大家见谅。”果真是好客的新疆人,王文辉拉着记者讲起了他的故事。

王文辉是河南坤漫斯商贸有限公司总经理。2016年,只身一人来到河南开拓市场,如今,公司在河南省有80多家新疆农副产品加盟店。

“我之前是新疆西域春乳业塔城片区的代理商,有一天领导找我谈话,希望我来河南开拓市场。一开始,我有点抵触。”王文辉说,多次劝说后,他选择来试试,可待了一个月,就偷偷跑回了新疆。“太想吃正宗新疆拌面了,忍不了。”王文辉说。

吃到了心心念念的拌面后,有任务在身的王文辉带着新疆产品又回到了郑州。

“起初开拓市场还有点难。当时,新疆与河南之间陆路物流运输没有现在这么方便,为了保证乳制品品质,都采用空运。因为运输成本高,与河南当地的乳制品竞争处于劣势。”王文辉说。

但由于品质过硬,加之王文辉不懈推广,新疆乳制品逐渐被河南消费者认可。2018年,王文辉在郑州的第一家新疆特产店开业。“那时候就卖西域春的乳制品,可品种单一,想要长远、稳定发展,需要丰富品类。”王文辉说。

随着共建“一带一路”倡议提出,沿线城市发展加快,配套设施逐渐完善。“尤其是物流运输效率的不断提升,给我们创造了很好的发展空间。”王文辉说,从过去只卖单一乳制品,到现在有400余种新疆特产,他的货路越拓越宽。

聊天时,王文辉的电话一个接一个。“不好意思,都是订单。我们采用订单制销售模式,在河南省有80余家加盟店。同时,还通过各地的奶站、社区便利店等销售渠道,让河南消费者第一时间品尝新疆各类优质农副产品。”王文辉说。

“7年过去了,还会跑回去吃新疆拌面吗?”

“不用。在河南,现在正宗的新疆餐厅多得很。”

王文辉告诉记者,在河南闯市场的7年多里,他的生意越做越大,和他一样来闯市场的新疆人也越来越多,“虽然新疆与河南相距3000公里,但随着‘一带一路’建设不断深入,两地在时间、空间上的距离逐渐拉近。新疆各地政府来河南招商引资,不少河南人到新疆投资兴业,把新疆当成第二故乡。而像我们这样来河南投资兴业的新疆人也越来越多。”

“你的梦想是什么?”

“把新疆特产铺到‘一带一路’沿线的更多城市。”

شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى شەھەرلەردە بازارغا سېلىش

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رايىدە، ليۇ دۇڭلەي

ۋاڭ ۋېنخۇي بىلەن تونۇشۇش بىر قېتىملىق تاسادىپىيلىقتىن بولدى.

8-ئاينىڭ 15-كۈنى، «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى − <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش» شۆبە ئەترىتىدىكىلەر خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجوۋ شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. بىر كۈنلۈك زىيارەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كەچقۇرۇن ئاشخانا ئىزدەۋاتقاندا، يول بويىدىكى «شىنجاڭ» دېگەن خەت يېزىلغان بىر دۇكاننى تاسادىپىي كۆرۈپ قالدۇق. شۆبە ئەترەت ئەزالىرى ھاياجانلانغان ھالدا دۇكانغا كىردۇق.

كۆممىقوناق، ئۇن، لازا قىيامى، قوغۇن، تاۋۇز، چىلان، ياڭاق، قېتىق، قارىئۆرۈك شەربىتى، سۈت پىۋىسى، زاراڭزا يېغى، كولباسا، سوغۇق سۇ بېلىقى... كۆزنى قاماشتۇرىدىغان شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى مۇخبىرلارنى ئىختىيارسىز ھەيران قالدۇردى: «ماللار شىنجاڭدىكى بەزى تاللا بازارلاردىكىدىنمۇ تولۇق ئىكەن».

«دۇكىنىمىزدىكى بەزى مەھسۇلاتلارنى شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىمۇ سېتىۋالغىلى بولمايدۇ!» دېدى مال رەتلەۋاتقان ۋاڭ ۋېنخۇي ئالدىمىزغا چىقىپ مەغرۇرلانغان ھالدا.

بىزنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەنلىكىمىزنى بىلىپ، شىنجاڭنىڭ تولى ناھىيەسىدىن كېلىپ جېڭجوۋدا بازار ئاچقان «80-يىللاردا تۇغۇلغان» بۇ يىگىت قاتتىق ھاياجانلاندى. «كېلىڭلار، قېنى ئولتۇرۇڭلار، بىز پاراڭلىشايلى. يېقىندا دۇكانغا كۆپ مىقداردا مال كىرگۈزدۇق، سەل قالايمىقان، كۆپچىلىك توغرا چۈشىنىڭلار.» ۋاڭ ۋېنخۇي ھەقىقەتەن مېھماندوست شىنجاڭلىق ئىكەن، بىزگە ئۆز ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.

ۋاڭ ۋېنخۇي خېنەن كۈنمەنسى سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى. 2016-يىلى، ئۆزى يالغۇز خېنەنگە بازار ئاچقىلى كەلگەنىدى، بۈگۈنكى كۈندە، شىركەتنىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئىتتىپاقداش دۇكىنىدىن 80 نەچچىسى بار بولدى.

«مەن ئىلگىرى شىنجاڭ شىيۈچۇن سۈتچىلىكى تارباغاتاي بۆلەك رايونىنىڭ ۋاكالەتچى سودىگىرى ئىدىم، بىر كۈنى رەھبەر مەن بىلەن پاراڭلىشىپ، خېنەنگە بېرىپ بازار ئېچىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دەسلەپتە، مەن ئانچە خالىمىدىم.» ۋاڭ ۋېنخۇينىڭ دېيىشىچە كۆپ قېتىملىق نەسىھەتتىن كېيىن، ئۇ كېلىپ سىناپ بېقىشنى تاللىغان، لېكىن بىر ئاي تۇرۇپلا ئوغرىلىقچە شىنجاڭغا قايتىپ كەتكەن. «ھەقىقىي تەمدىكى شىنجاڭ لەڭمىنىنى بەك يېگۈم كېلىپ كەتتى، چىدىيالمىدىم» دېدى ۋاڭ ۋېنخۇي.

ۋاڭ ۋېنخۇي ئەس - يادىدىن چىقمىغان لەڭمەننى يېگەندىن كېيىن، زىممىسىدە ۋەزىپىسى بولغاچقا شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ يەنە جېڭجوۋغا قايتىپ كەلدى.

«دەسلەپتە بازار ئېچىش بىر ئاز قىيىن بولدى. ئەينى چاغدا، شىنجاڭ بىلەن خېنەن ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇقلۇق يولى ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى ھازىرقىدەك قولاي ئەمەس ئىدى، سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەممىسى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ئارقىلىق توشۇلاتتى. توشۇش تەننەرخى يۇقىرى بولغاچقا، خېنەننىڭ يەرلىك سۈت مەھسۇلاتلىرى بىلەن بولغان رىقابەتتە ئاجىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى» دېدى ۋاڭ ۋېنخۇي.

لېكىن قاتتىق سۈپەت ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاڭ ۋېنخۇي بوشاشماي كېڭەيتكەچكە، شىنجاڭنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى ئاستا - ئاستا خېنەن ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. 2018-يىلى، ۋاڭ ۋېنخۇينىڭ جېڭجوۋدىكى تۇنجى شىنجاڭ خاس مەھسۇلاتلىرى دۇكىنى تىجارەت باشلىدى. «ئۇ چاغدا شىيۈچۇن سۈت مەھسۇلاتلىرىنىلا ساتاتتىم، لېكىن تۈرى بىرلا خىل ئىدى، ئۇزاق مەزگىل، مۇقىم تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن تۈرنى موللاشتۇرۇشقا توغرا كەلدى» دېدى ۋاڭ ۋېنخۇي.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، لىنىيە بويىدىكى شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتى تېزلىشىپ، يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتى. «بولۇپمۇ ئەشيا ئوبوروتى ترانسپورت ئۈنۈمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى بىزگە ناھايىتى ياخشى تەرەققىيات بوشلۇقى يارىتىپ بەردى.» ۋاڭ ۋېنخۇينىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى پەقەت بىرلا خىل سۈت مەھسۇلاتى سېتىشتىن، ھازىرقى 400 خىلدىن ئارتۇق شىنجاڭ خاس مەھسۇلاتىنى سېتىشقىچە، ئۇنىڭ مال سېتىش يولى بارغانسېرى كېڭەيگەن.

پاراڭلاشقاندا، ۋاڭ ۋېنخۇيگە توختىماي تېلېفون كېلىپ تۇردى. «كەچۈرۈڭلار، ھەممىسى زاكاز تېلېفون. بىز زاكازلىق سېتىش ئەندىزىسىنى قوللاندۇق، خېنەن ئۆلكىسىدە 80دىن ئارتۇق ئىتتىپاقداش دۇكان بار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ھەرقايسى جايلاردىكى سۈت پونكىتى، مەھەللىلەردىكى قولايلىق دۇكان قاتارلىق سېتىش يوللىرى ئارقىلىق خېنەنلىك ئىستېمالچىلارنى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى بىرىنچى ۋاقىتتا تېتىپ كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق» دېدى ۋاڭ ۋېنخۇي.

«يەتتە يىل ئۆتۈپتۇ، يەنە قايتىپ بېرىپ شىنجاڭ لەڭمىنى يەمسىز؟»

«ھاجىتى يوق. خېنەندە ھازىر ھەقىقىي تەمدىكى شىنجاڭ ئاشخانىلىرى ناھايىتى كۆپ».

ۋاڭ ۋېنخۇينىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، خېنەندە بازار ئاچقان يەتتە يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ سودىسى بارغانسېرى زورايغان، ئۇنىڭغا ئوخشاش بازار ئاچىدىغان شىنجاڭلىقلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيگەن، «گەرچە شىنجاڭ بىلەن خېنەننىڭ ئارىلىقى 3000 كىلومېتىر كەلسىمۇ، لېكىن <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى جاينىڭ ۋاقىت، بوشلۇق جەھەتتىكى ئارىلىقى تەدرىجىي يېقىنلاشتى. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەر خېنەنگە كېلىپ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلدى، نۇرغۇن خېنەنلىك شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، شىنجاڭنى ئىككىنچى يۇرتى دەپ بىلدى. بىزگە ئوخشاش خېنەنگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈۋاتقان شىنجاڭلىقلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى».

«سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز نېمە؟»

«شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى تېخىمۇ كۆپ شەھەرلەرنىڭ بازىرىغا سېلىش».

发布时间 :
2023/09/19
责任编辑 :
栏目归属 :
奔腾之路 · 筑梦
يوللانغان ۋاقتى:
2023/09/19
مەسئۇل مۇھەررىر :
تەۋە سەھىپە:
ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش
相关专题
مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس سەھىپىلەر