ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ دۇڭلەي، رايىدە
«ھەي، ئۇ چاغدا بەك كۈچ كېتەتتى ھە!»
گو شىننيەن قويۇق خېنەن پۇرىقىغا ئىگە «يۇڭتەندياۋ» تەلەپپۇزىدا بۇ قېتىمقى زىيارەتنى قوبۇل قىلدى.
«دەل مۇشۇ مەزگىلدە، شىنجاڭنىڭ ئالاتاۋ پورتى قاتارلىق پورتلىرىدا، بىزنىڭ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىمىز قاتنىماقتا.» 8- ئاينىڭ 14-كۈنى، جېڭجوۋ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى ئېچىش - قۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى گو شىننيەن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى ئايدا، 325 نۆۋەتچى پويىزنى يولغا سالدۇق. 2013-يىلى، پۈتۈن يىلدا ئاران 13 نۆۋەتچى پويىز قاتنىغانىدى».
گو شىننيەن سۆزلەۋاتقاندا، بىر تام بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان چوڭ زالدا، ياۋروپادىن ئېلىپ كېلىنگەن تۈرلۈك تاۋارلار كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇراتتى.
10 يىلدا، جېڭجوۋ - شىنجاڭ - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 8000 قېتىمدىن ئارتۇق قاتنىدى. توشۇلغان ماللارنىڭ تۈرى 10 مىڭ خىلدىن ئاشتى.
قۇرۇقلۇق پورتى شىركىتى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا دېگۈدەكلا قۇرۇلغان بۇ كارخانا يولغا سالغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئەڭ دەسلەپكى ھەر ئايدا بىر قېتىم قاتناشتىن نۆۋەتتىكى ھەر كۈنى ئون قېتىمدىن ئارتۇق كۆپ قېتىملىق، دائىملىق قاتناش ھالىتىگە تەرەققىي قىلدى. تىرانسپورت - سودا بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تىجارەت تەدبىرى ۋە «ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈش» مۇلازىمەت ئەندىزىسى قۇرۇقلۇق پورتى شىركىتىنىڭ كەسپىنى كۈندىن - كۈنگە يۈكسەلدۈردى، كەسكىن رىقابەت داۋامىدا تەۋرەنمەي مەزمۇت تۇرغۇزدى.
2013-يىلى، جېڭجوۋ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى يولغا سېلىشتىن ئىبارەت بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان قۇرۇقلۇق پورتى شىركىتى قۇرۇلدى. «ئۇ چاغدا كۆپچىلىكنىڭ تەجرىبىسى يوق ئىدى، پويىز ياۋروپاغا قاتنايدىكەن، توشۇيدىغان مال بولۇشى كېرەك ئىدى. مال مەنبەسى قەيەردە؟ دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، يىپەك يولى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارمۇ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتتى.» گو شىننيەن مۇنداق دېدى: «بىز ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا خېرىدارلارنى مۇلازىمەت ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتتۇق، بۇ ئاساسىي مەقسەت ھازىرغىچە ئۆزگەرمىدى. شۇڭا قۇرۇقلۇق پورتى شىركىتىنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، 10 يىلدىن بۇيان، ئۇ نۇرغۇن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول> تەشەببۇسى شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ تەرەققىي قىلىپ زورىيىدىغان سۇپىسى بولۇپ قالدى».
لېكىن ئەينى يىللىرى كەسىپ ئېچىش ئاسانغا توختىمىدى. كوللېكتىپتىكىلەر يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىرى مەركەزلەشكەن رايوندا تەشۋىقات ۋەرەقى تارقاتتى، كارخانىلارغا بېرىپ بىر - بىرلەپ تونۇشتۇردى. «دائىم كارخانىلارنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرى بىزنى قوغلىۋېتەتتى.» «ئۇ چاغدا قانداق قىلاتتىڭلار؟» «قوغلىۋەتسە ئەتراپنى بىر ئايلىنىپ يەنە كېلەتتۇق، يەنە بولمىسا باشقا كارخانىغا باراتتۇق، ئاستا - ئاستا باشقىلارمۇ سەمىمىيىتىمىزنى كۆرۈپ يەتتى، كەسپىمىزمۇ تەدرىجىي كېڭەيدى. نۆلنى بىر قىلماق ئەڭ تەس ئىكەن».
بۇ 10 يىل پەقەت قۇرۇقلۇق پورتى شىركىتى ئۆسۈپ يېتىلگەن 10 يىل بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھۆكۈمەت، كارخانا، يەككە سودا - سانائەتچىلەر قاتارلىق بارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى بىلەن ئالاقىدار ئاپپارات، خادىملار ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلگەن 10 يىل بولدى. «دەسلەپتە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قانداق قىلىشنى بىلمەيتتى، بولۇپمۇ ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش تەس ئىدى، بەزىدە تاموژنىغا مەلۇم قىلىپ نەتىجىسى چىقىشقا 20 كۈن كېتىدىغان بولۇپ، پۇرسەت ئۆتۈپ كېتەتتى.» گو شىننيەن مۇنداق دېدى: «كېيىن، ماسلىشىش دەرىجىسى بارغانسېرى ئۆستۈرۈلدى، كەسپىي ساپا بارغانسېرى كۈچەيدى. مېنىڭچە جېڭجوۋدا ئەڭ قىممەتلىك بولغىنى ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلارنىڭ بىر مەقسەتتە بولۇشى، ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسىنىڭ ئۈنۈمىنى قانداق ئۆستۈرۈش ھەققىدە تىرىشىپ ئامال ئويلىشى ھەمدە ئۆزئارا ياخشى ئۇدۇللاشتۇرالىشى بولدى».
قۇرۇقلۇق پورتى شىركىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، تۆمۈريولنىڭ ئەۋزەللىكى ناھايىتى روشەن. ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى بەك قىممەت، دېڭىز تىرانسپورتى ئاستا ئىدى، مال مىقدارى بىرقەدەر كۆپ ھەم بەلگىلىك ۋاقىت تەلىپى بار خېرىدارلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ قالدى. گو شىننيەن مۇنداق بىر مىسال كەلتۈردى: پەردە تىكىدىغان بىر خېرىدارنىڭ ماللىرى شىنجاڭ ئالاتاۋ ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ ياۋروپاغا يەتكۈزۈلسە، دېڭىز يولى ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەندىن 20 كۈن تېز بولىدۇ. «مۇددەتتىن 20 كۈن بۇرۇن بولۇش دېگەن قانداق ئۇقۇم؟ بۇ، يېڭى مەھسۇلاتنىڭ بازار ئېچىشتىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق كۆزنەك مەزگىلىنىڭ چىڭ تۇتۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.» گو شىننيەن مۇنداق دېدى: «بىز مۇشۇنداق خېرىدارلارنى <ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈش> مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارغا نۇرغۇن ۋاقىت ۋە تەننەرخنى تېجەپ بەردۇق».
«ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈش» قۇرۇقلۇق پورتى شىركىتىنىڭ «بىر قېتىم ھاۋالە قىلىش، بىرلا باھا مەلۇم قىلىش، بىر تالون بىلەن راسچوت قىلىش، بىر تالون بىلەن ئاخىرغىچە يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت تىرانسپورت مۇلازىمەت ئەندىزىسى. بۇ ئەندىزە خەلقئارا قۇرۇقلۇق يولىدىكى كۆپ خىل شەكىلدە ئۇلاپ توشۇشقا چېتىشلىق ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مال ئېلىش، تاشيولدا يىغىش - تارقاقلاشتۇرۇش، تۆمۈريولدا يۈك ساندۇقىدا توشۇش، ۋاكالىتەن تاموژنىغا مەلۇم قىلىش، بېكەتكە بېرىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، مالنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈش قاتارلىق كۆپ ھالقىلارنى بىرىكتۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق يىپەك يولى لىنىيەسى بويىدىكى كەڭ خېرىدارلارنى قولايلىق، تېز، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يېشىل، مۇھىت قوغدايدىغان پۈتۈن مۇساپىلىك ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.
10 يىلدىن بۇيان، نۆۋەتچى پويىزلار ۋوگزالدىن يولغا چىقىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىچىلارنىڭ يىپەك يولى ئارزۇسىنى لىققىدە ئېلىپ يىراقلارغا قاراپ ئاتلاندى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى كۈنسېرى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ قوبۇل قىلىش دەرىجىسى بارغانسېرى ئۆسۈپ، قۇرۇقلۇق پورتى شىركىتىنى ياخشى تاشقى مۇھىت بىلەن تەمىنلىدى. بۇ شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، قۇرۇقلۇق پورتى شىركىتى مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چەت ئەل بازىرىنى كېڭەيتتى، بۈگۈنكى كۈندە، كەسىپلىرى 40تىن ئارتۇق دۆلەت، 140تىن ئارتۇق شەھەرنى قاپلىدى، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى ھەمكارلىق ھەمراھى 6000دىن ئېشىپ، ئۇنىۋېرسال تىجارەت ئىقتىدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش ھالىتىنى ساقلىدى.
«بىز ئۆزىمىز، شۇنداقلا بىز مۇلازىمەت قىلىۋاتقان نەچچە مىڭ كارخانا <بىر بەلباغ، بىر يول> بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلدۇق، كۆپچىلىك بىرلىكتە 10 يىلنى بېسىپ ئۆتتۇق، ھازىر بىرلىكتە كېيىنكى 10 يىلغا قاراپ مېڭىۋاتىمىز» دېدى گو شىننيەن.