ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لۇ فېڭباۋ، چېن چياڭۋېي
8-ئاينىڭ 12-كۈنى، پارچە - پارچە بۇلۇتلار قۇياش نۇرىنى توسۇپ، چۇڭچىڭغا سالقىن بەخش ئەتتى.
چۇڭچىڭنىڭ شاپىڭبا رايونىغا جايلاشقان شىڭلۇڭچاڭ گۇرۇپپىلاش بېكىتىدە، پويىز شوپۇرى جياڭ تۇڭ كابىنكىغا چىقىپ، قوزغىلىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، تورمۇزنى قويۇپ بېرىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش تۇتقۇچىنى ئىتتىردى... ئۇ ئالدى تەرەپكە نەزەر تاشلاپ، پويىزنى ئاستا - ئاستا قوزغاتتى.
جياڭ تۇڭ جۇڭگو تۆمۈريولى چېڭدۇ ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى چۇڭچىڭ پاراۋۇز ئۇچاستىكىسىنىڭ ئېلېكتىروۋوز شوپۇرى، ئۇنىڭ يەنە بىر ئالاھىدە سالاھىيىتى بار − جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تۇنجى شوپۇرى.
«ھازىرغىچە ئۆزۈمنىڭ تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى ھەيدىگىنىمگە ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ.» 54 ياشلىق جياڭ تۇڭ كابىنكىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزى تۇنجى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى ھەيدىگەن چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلىدى.
ۋاقىتنى 12 يىل بۇرۇنغا قايتۇرايلى. جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تۇنجى شوپۇرى بولۇش سۈپىتى بىلەن جياڭ تۇڭ ھەم شەرەپ ھېس قىلدى، ھەم مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇ سىنىپتا تەقلىدىي ھەيدەش ئارقىلىق، مەشغۇلات ماھارىتىنى قايتا - قايتا مەشىق قىلىپ، تەجرىبە يەكۈنلىدى. ئۇ يەنە پاراۋوزنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى، قۇرۇلما خەرىتىسى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار كىتابلارنى ئارىيەت ئېلىپ كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىپ، ماتېرىياللارنى ئېلىپ ماشىنىلار سېخىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، ھەر خىل زاپچاسلار ھەم ئۇلارنىڭ خىزمەت پىرىنسىپىنى كىتابقا سېلىشتۈرۈپ پىششىق ئۆگەندى ۋە ئىگىلىدى.
جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى تۇنجى قاتنايدىغان كۈن بارغانسېرى يېقىنلاپ قالدى، پويىز يولغا چىقىشتىن بىر كۈن ئىلگىرىكى كەچتە، جياڭ تۇڭ ھاياجانلانغىنىدىن ئۇخلىيالمىدى: «كاللامدا پويىز ھەيدەش ھەرىكىتىنى قايتا - قايتا مەشىق قىلدىم».
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەتىگەندە، جياڭ تۇڭ فورمىسىنى كىيىپ، شەپكىسىنى كىيىپ، گالىستۇكىنى تاقاپ، يەنە ئالايىتەن ئىككى قېتىم قايتا تەكشۈرۈپ، 15 مىنۇت بۇرۇن شوپۇر بۆلۈمىگە يېتىپ باردى. پاراۋوزنىڭ سىرتىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇ كابىنكىغا چىقىپ يەنە بىر قېتىم بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ مەسىلە يوقلۇقىنى جەزىملەشتۈردى، سىگنالنى تەڭشىگەندىن كېيىن يولغا چىقىش بۇيرۇقىنى كۈتتى.
«نەق مەيدان ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان بولۇپ، خۇددى باھار بايرىمى ئۆتكۈزگەندەك قىزىپ كەتكەنىدى.» گەرچە ئون نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا)نىڭ يولغا چىققان كۆرۈنۈشى جياڭ تۇڭنىڭ خاتىرىسىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتتى.
يولغا چىقىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، جياڭ تۇڭ ئۇزاق گۈدۈك چېلىپ، تورمۇزنى قويۇپ بېرىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش تۇتقۇچىنى ئىتتىردى، ياڭراق گۈدۈك ئاۋازى ئىچىدە، تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا) ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى لىق قاچىلاپ چۇڭچىڭ تۇەنجيې كەنتىدىن يولغا چىقتى. بۇ نۆۋەتچى پويىز داجوۋ، ئەنكاڭ، شىئەن، لەنجوۋ، ئۈرۈمچى ۋە ئالاتاۋ ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، مەنزىلى گېرمانىيەنىڭ دۇيىسبۇرگقا يېتىپ باردى، 11 مىڭ 179 كىلومېتىرلىق ئومۇمىي مۇساپىنى بېسىپ، 16 كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.
نۇرغۇن كىشى جياڭ تۇڭنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى پۈتۈن مۇساپىلىك ھەيدەش ئەمەسلىكىنى بىلمەيتتى. ئەمەلىيەتتە، چۇڭچىڭدىن دۇيىسبۇرگقا بارغىچە، يول بويى نەچچە ئون شوپۇر ئالمىشاتتى، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى پويىزنى تۇەنجيې كەنتىدىن 242 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سىچۇەن داجوۋغا يەتكۈزۈپ بېرىش، يەنى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا)نىڭ تۇنجى كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئىدى.
شۇ كۈنى پويىز قاتناپ ئۈچ سائەتتىن كېيىن، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى سىچۇەن داجوۋغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ كەلدى، جياڭ تۇڭ ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. كېيىنكى مۇساپىنى لىنىيە بويىدىكى كۆپلىگەن شوپۇر بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ تاماملىدى.
«پويىزدىن چۈشكەندىن كېيىن، ھاياجېنىمنى بىرنەچچە كۈنگىچە باسالمىدىم.» گۇرۇپپىلاش مەيدانىدا، ئۇزۇن پويىزلارنىڭ كىرىپ چىقىشىغا جياڭ تۇڭ كۈنۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ كىرىپ چىققىنىنى كۆرسىلا، ئۇ دائىم ئىختىيارسىز بىرنەچچە قېتىم قاراپ قوياتتى.
يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چۇڭچىڭدىن ياۋروپاغا قاتنايدىغان خەلقئارالىق يۈك نۆۋەتچى پويىزى تۇنجى بولۇپ قاتنىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى، شىئەن، چېڭدۇ، جېڭجوۋ، يىۋۇ قاتارلىق جايلاردىن ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپاغا قاتنايدىغان يۈك نۆۋەتچى پويىزى ئارقا - ئارقىدىن قاتنىدى، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قاتنايدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى تېز تەرەققىي قىلدى.
جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا) قاتنىغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ھەپتىسىگە بىر - ئىككى قېتىملا قاتنايتتى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، بارغانسېرى كۆپ نۆۋەتچى پويىز چۇڭچىڭدىن يولغا چىقىپ، شىنجاڭ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا بازارلىرىغا قاتنىدى، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر ھەپتىدە يەتتە - سەككىز قېتىم قاتنىدى، ھازىرغىچە جەمئىي 14 مىڭ قېتىم قاتناپ، مۇقىم يۈرۈش لىنىيەسى 50كە يېقىنلىشىپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان خەلقئارا سودا چوڭ تومۇرىغا ئايلاندى. توشۇلىدىغان تاۋارلارمۇ ئەڭ دەسلەپكى ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات، پۈتۈن ئاپتوموبىل قاتارلىقلاردىن نۆۋەتتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش ھەم زاپچاسلار، يېنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق 10 مىڭ خىلدىن ئارتۇق مالنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشقا كېڭەيدى.
بەزىدە تاللا بازىرىدا مال سېتىۋالغاندا، مال جازىسىدىكى چەت ئەل تاۋارلىرىنى كۆرگەندە، جياڭ تۇڭ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي پەخىرلەنگەن ھالدا: «بۇنى بەلكىم بىزنىڭ نۆۋەتچى پويىزىمىز ئېلىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلايتتى.
جياڭ تۇڭ كېلەر يىلى پېنسىيەگە چىقىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشقان بولۇپ، نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالسىلا، يۈك - تاقلىرىنى رەتلەپ پاراۋوزغا چىقىدۇ. «چۇڭچىڭدىن شىنجاڭ ئارقىلىق ياۋروپاغا بېرىشتا، ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنگىچە خىزمەت قىلغان ھالەتتىمۇ، مەن نۆۋەتچى پويىزنىڭ كۈچ ئۇلاش بىرىنچى كالتىكىنى ياخشى يەتكۈزۈپ ھەيدەيمەن» دېدى ئۇ.
«جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى ھەيدەپ شىنجاڭغا كېلىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدى مۇخبىرلار.
«ئەلۋەتتە ئويلىدىم، مەن ئىزچىل شىنجاڭغا، ھەتتا ياۋروپاغا ھەيدەپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدىم.» جياڭ تۇڭ مۇخبىرلارنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا دەرھال جاۋاب بەردى.
«خىزمەت خاراكتېرى بىزنىڭ تەۋەلىكتىن ھالقىپ پويىز ھەيدىمەسلىكىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.» جياڭ تۇڭ ئەپسۇسلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «كېلەر يىلى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئالاتاۋغا بېرىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ چېگرادىن قانداق چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقىمەن».