ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شياۋمى خەۋەر قىلىدۇ) 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، 2023-يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ۋە «شىنجاڭ ياخشى جاي» ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، ئالتاي شەھىرى، چىڭگىل ناھىيەسى كىشىگە ياقىدىغان كىلىمات مۇھىتى، ئوبدان رايون ئەۋزەللىكى، ياخشى تەبىئىي مۇھىتى بىلەن كىلىمات ئېكولوگىيە داڭلىق ماركىسى «سالقىندايدىغان ساياھەت مەنزىلگاھى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.
سالقىن چىڭگىل ناھىيەسى. لەززەت باقىتبېك فوتوسى
بۇ داڭلىق ماركىنى جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى باش بولۇپ بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ، «سالقىندايدىغان ساياھەت مەنزىلگاھى» بولۇپ باھالىنىش ئۈچۈن، ساياھەت ۋە كىلىمات قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىكى شەرتلەرنى قاندۇرۇش كېرەك. بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيان، ئالتاي شەھىرى، چىڭگىل ناھىيەسى كەينى-كەينىدىن كەلگەن «سالقىندايدىغان ساياھەتچىلەر»گە قارىتا مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەر، ساياھەت، سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىشتىن ئىبارەت يۈرۈشلۈك ئىنچىكە ساياھەت تاكتىكىسى قاتارلىقلارنى تۈزۈپ، يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى جەلپ قىلدى، توپلىدى، ئېلىپ قالدى.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن يەرلىكنىڭ كىلىمات بايلىقى ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق تولۇق قېزىپ ھەم جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىل تىپتىكى مېتېئورولوگىيە ساياھىتى داڭلىق ماركا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت دەرىجىلىك «سالقىندايدىغان ساياھەت مەنزىلگاھى» داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.