ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ ۋېيگو خەۋەر قىلىدۇ) 7ـئاينىڭ 13ـ كۈنىدىن 16ـكۈنىگىچە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى 9ـنۆۋەتلىك ماناس خەلقئارا مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
6-ئاينىڭ 15-كۈنى، قىرغىز سەنئەتكارلىرى پائالىيەت نەق مەيدانىدا «ماناس»نى ئېيتماقتا. شۇ كۈنى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى 9-نۆۋەتلىك ماناس خەلقارا مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى تەشكىلىي كومىتېتى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى 9-نۆۋەتلىك ماناس خەلقارا مەدەنىيەت -ساياھەت بايرىمى 7-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈ فوتوسى
6-ئاينىڭ 15-كۈنى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى 9-نۆۋەتلىك ماناس خەلقئارا مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى تەشكىلىي كومىتېتى شىنجاڭ خەلقئارا تارقىتىش مەركىزىدە تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، پائالىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ساياھەت بايلىقى، خەلقنىڭ ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى ۋە تەرەققىيات سودا پۇرسىتىنى تونۇشتۇردى.
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 9-نۆۋەتلىك ماناس خەلقئارا مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى پائالىيىتى 7-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 1-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ، جياڭسۇ ئۆلكىسى، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى، جۇڭگو خۇانېڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە ھەمكارلىشىدۇ. پائالىيەتنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە، ئاتۇش شەھىرى، ئاقتۇ ناھىيەسى، ئاقچى ناھىيەسىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىنىدۇ.