ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شياۋمى خەۋەر قىلىدۇ) 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، 2023-يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ۋە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، ئالتاي شەھىرى، ئارشاڭ ناھىيەسىگە جۇڭگو كىلىمات ئېكولوگىيەسى داڭلىق ماركىسى «جۇڭگودىكى تەبىئىي ئوكسىگېنخانا» دېگەن ۋىۋىسكا بېرىلدى.
ھاۋاسى ساپ ئارشاڭ ناھىيەسى.ئارشاڭ ناھىيەلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەمىنلىگەن سۈرەت
«جۇڭگودىكى تەبىئىي ئوكسىگېنخانا» جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن كىلىمات ئېكولوگىيەسى داڭلىق ماركىسى بەرپا قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى كىلىمات ئېكولوگىيەسى داڭلىق ماركىسىنىڭ بىرى. ئالتاي شەھىرى، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى، ھاۋاسى ساپ، مەنپىي ئوكسىگېن ئىيونىنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، 6-تۈركۈمدىكى «جۇڭگودىكى تەبىئىي ئوكسىگېنخانا» قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
ئارشاڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شۈ يۇڭجۈن مۇنداق دېدى: «بىز <جۇڭگودىكى تەبىئىي ئوكسىگېنخانا>نىڭ ئۆزگىچە ئېكولوگىيەلىك كىلىمات داڭلىق ماركا قىممىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ كۈتۈنۈش كىلىمات شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، كۈتۈنۈشنى چۆرىدەپ يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئارام ئېلىش، كۈتۈنۈشكە جەلپ قىلىمىز».