ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 12-كۈنى شىخەنزە خۇايۈەن ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، خۇنەن ئاۋىياتسىيە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان شىخەنزە-ۋۇشى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇ، شىخەنزىنىڭ ۋۇشى بىلەن قۇرغان تۇنجى ھاۋا يولى ھېسابلىنىدىكەن.
6-ئاينىڭ 10-كۈنى، خۇنەن ئاۋىياتسىيەسى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان شىخەنزە-ۋۇشى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشنى كۈتۈۋالدى.سۈرەتنى شىخەنزە خۇايۈەن ئايرودۇرۇمى تەمىنلىگەن
شىخەنزە-ۋۇشى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەپتىدە ئۈچ نۆۋەت ئۇچۇش پىلانلانغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى ئۇچىدىكەن، بېرىش مۇساپىسىدە سائەت 9دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ۋۇشىدىن ئۇچۇپ، سائەت 15تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە شىخەنزىگە يېتىپ بارىدىكەن، قايتىش مۇساپىسىدە سائەت 16دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە شىخەنزىدىن ئۇچۇپ، سائەت 21دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە ۋۇشىغا يېتىپ بارىدىكەن. شىخەنزە-ۋۇشى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى ئىككى جايدىكى يولۇچىلارغا تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سەپەرگە چىقىش تەسىراتى ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا ئىككى جاينىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قاتناش ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.
بىڭتۇەن 8-شى شىخەنزە شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يەن جىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل، شىخەنزە شەھىرى «شىنجاڭدا ساياھەت قىلىشتىكى تۇنجى بېكەت» ماركىسىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قاتار ساياھەت مۇكاپاتى تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى يولغا قويدى، بۇ ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىش، مەخسۇس پويىز ساياھەت كوپىراتىپى ۋە مېھمانسارايدا قونۇش قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ. «پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ گۈزەل شىنجاڭغا، شىخەنزىگە كېلىپ ساياھەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز» دېدى يەن جىڭ.