壮观!直拍奥依塔克冰川公园雪崩来袭

6月14日,在阿克陶县奥依塔克镇,奥依塔克冰川公园出现壮观雪崩景象。

奥依塔克冰川公园占地面积50多平方公里,约有40平方公里原始森林和高山草甸,密林深处是雪豹、银狐的藏身之地。最佳旅行时间为7、8 月间,阿克陶县城气温高达30多℃时,这里不过10-20℃。

1.jpg

2021年7月19日,游客在位于阿克陶县的奥依塔克冰川公园景区游览。翟汝增摄

奥依塔克冰川公园三面环山,游客们在这里不仅可以看到常年被积雪覆盖的阿依拉尼什雪山,更能欣赏到罕见的低纬度现代冰川其克拉孜冰川。其克拉孜冰川的海拔只有2804米,是我国境内海拔最低的冰川,运气好的游客还能看到雪崩的场景。

不过不必紧张,公园里的雪崩只是一处具有观赏性的场景。这是由于每年七八月份,冰川上厚达百余米的积雪在强烈的阳光照射下,致使积雪融化后向山下缓慢滑落,整个过程持续1分钟左右,游客们在距山8公里外的观景台欣赏此景,十分安全。

据了解 ,奥依塔克冰川公园在从喀什市到塔县的路上,距喀什市120公里,在国道314中巴公路边上,根据指示牌往奥依塔克冰川公园方向行驶看到路牌右转进去,继续前行30公里即可到达。

温馨提示,公园开放时间为10:00—20:00,门票+区间车为53元/人。前往公园需办理边境通行证,带上身份证在户籍所在地公安机关办理即可。景区内徒步要带好充足的水和食物,注意防风防晒保暖,建议选择晴天前往,能看到完整的雪山。

来源综合:阿克陶县融媒体中心、新疆是个好地方、石榴云客户端

ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش|بىۋاسىتە سىنغا ئېلىنغان ئويتاغ مۇزلۇق باغچىسىدىكى قار كۆچۈش

6-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەسى ئويتاغ بازىرىنىڭ ئويتاغ مۇزلۇق باغچىسىدا ھەيۋەتلىك قار كۆچۈش مەنزىرىسى شەكىللەندى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى ئويتاغ مۇزلۇق باغچىسىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 50 نەچچە كىۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، بۇ يەردە تەخمىنەن 40 كىۋادىرات كىلومېتىرلىق ئىپتىدائىي ئورمان ۋە ئېگىز تاغ چىملىقى بار، قويۇق ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسى يىلپىز، كۈمۈش رەڭ تۈلكىلەرنىڭ پاناھلىنىدىغان جايى. بۇ جاينىڭ ئەڭ ياخشى ساياھەت ۋاقتى 7-ۋە 8-ئاي بولۇپ، ئاقتۇ ناھىيە بازىرىنىڭ تېمپىراتۇرىسى 30 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشقان ۋاقىتتا، بۇ يەرنىڭ تېمپىراتۇرىسى 10 سېلسىيە گىرادۇستىن 20 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ.

1.jpg

2021-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئاقتۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان ئويتاغ مۇزلۇق باغچىسى مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا.جەي رۇزېڭ فوتوسى

   ئويتاغ مۇزلۇق باغچىسىنىڭ ئۈچ تەرىپىنى تاغ ئوراپ تۇرىدىغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان ئايلانىش قارلىق تېغىنى كۆرۈپلا قالماي، يەنە ئاز ئۇچرايدىغان تۆۋەن كەڭلىكتىكى ھازىرقى زامان مۇزلۇقى ــــ چىكىرئېغىز مۇزلۇقىنىمۇ تاماشا قىلالايدۇ. چىكىرئېغىز مۇزلۇقىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2804 مېتىرلا كېلىدىغان بولۇپ، دۆلىتىمىز تەۋەسىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئەڭ تۆۋەن مۇزلۇق ھېسابلىنىدۇ، تەلەيلىك ساياھەتچىلەر بۇ يەردە قار كۆچۈش مەنزىرىسىنىمۇ كۆرەلەيدۇ.

بىراق ھەرگىز جىددىيلەشمەڭ، باغچىدىكى قار كۆچۈش پەقەتلا بىر تاماشا قىلىدىغان مەنزىرە. ھەر يىلى 7-، 8-ئايلاردا، مۇزلۇقتىكى قېلىنلىقى 100 مېتىردىن ئاشىدىغان يىغىندى قار كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا ئېرىپ تاغ باغرىغا ئاستا-ئاستا سىيرىلىپ چۈشىدۇ، پۈتكۈل جەريان پەقەت بىر مىنۇت ئەتراپىدىلا داۋاملىشىدۇ، ساياھەتچىلەر تاغدىن سەككىز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا بۇ مەنزىرىنى تاماشا قىلىدۇ، ناھايىتى بىخەتەر.

ئىگىلىنىشىچە، ئويتاغ مۇزلۇق باغچىسى قەشقەر شەھىرىدىن تاشقورغان ناھىيەسىگە بارىدىغان يولدا بولۇپ، قەشقەر شەھىرىگە 120 كىلومېتىر كېلىدىكەن، دۆلەت يولى 314-لىنىيەسىنىڭ جۇڭگو-پاكىستان تاشيولى بويىدىكى كۆرسىتىش تاختىسى بويىچە ئويتاغ مۇزلۇق باغچىسى تەرەپكە قاراپ مېڭىپ يول تاختىسىنى كۆرگەندىن كېيىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ كىرىپ، داۋاملىق ئالدىغا 30 كىلومېتىر ماڭغاندا يېتىپ بارغىلى بولىدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش، باغچىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى سائەت 10:00 دىن 20:00 گىچە، ئىشىك بېلىتى + ئارىلىق ئاپتوموبىلى 53 يۈەن/ ئادەم. باغچىغا بېرىش ئۈچۈن چېگرا يول خېتى بېجىرىش كېرەك، كىملىكنى ئېلىپ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدا بېجىرسە بولىدۇ. ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونىدا پىيادە ماڭغاندا يېتەرلىك سۇ ۋە يېمەكلىك ئېلىۋېلىشىنى، شامال، ئاپتاپتىن، سوغۇقتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشىنى، ھاۋا ئوچۇق كۈنلەرنى تاللاپ، قارلىق تاغنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئۇنىۋېرسال مەنبە: ئاقتۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، شىنجاڭ ياخشى جاي، ئانار بۇلۇت تېرمىنالى

发布时间 :
2023/06/20
责任编辑 :
栏目归属 :
美丽风光
يوللانغان ۋاقتى:
2023/06/20
مەسئۇل مۇھەررىر :
تەۋە سەھىپە:
گۈزەل مەنزىرە
相关专题
مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس سەھىپىلەر