پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل ـ پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە سىجىل كۈچەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى قەلبى قوشۇلۇش، مەنىۋى جەھەتتىن بىر-بىرىگە تايىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاش ئۈچۈن، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، تىيانشان تورى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان باش شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم قاراش، مۇھىم، زور ھۆكۈم، مۇھىم، زور تەدبىر قاتارلىقلاردىن ئۈزۈندە ئېلىپ، «ئۆگىنىش كارتىسى» (خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما نۇسخا) يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى مەھكەم ئىگىلىشى، چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىشى، سىستېمىلىق ئۆگىنىشى ئۈچۈن تەپسىلىي، قولاي بولغان ئۆگىنىش ماتىرىيالى بىلەن تەمىنلىدى.