4- ئايدىن باشلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى. تىيانشان تورى باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان باش شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم قاراش، مۇھىم، زور ھۆكۈم، مۇھىم، زور تەدبىر قاتارلىقلاردىن ئۈزۈندە ئېلىپ، «ئۆگىنىش كارتىسى» (خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما نۇسخا) يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى مەھكەم ئىگىلىشى، چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىشى، سىستېمىلىق ئۆگىنىشى ئۈچۈن تەپسىلىي، قولاي بولغان ئۆگىنىش ماتىرىيالى بىلەن تەمىنلەپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىنى نەزەرىيە ئاساسىغا ئىگە قىلدى.