شىنجاڭ گېزىتى، تۇرپان، 3-ئاينىڭ 23-كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ خەيبو خەۋەر قىلىدۇ: 3-ئايدا باھار نۇرلىرى چېچىلدى، ئۆرۈك چېچەكلىرى غۇنچىلاپ ئېچىلدى. 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، «شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار، گۈلگە پۈركەلگەن تۇرپان» − 2024-يىللىق شىنجاڭ ئەتىياز پەسىللىك «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» ئۈلگە كۆرسىتىش كۆرەك پائالىيىتى ھەم ئىدىقۇت ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى شاڭخۇ كەنتىدە باشلىنىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى بىر مەيدان ئۆرۈك چېچىكى ئۇچرىشىشىغا ئورتاق قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشنىڭ كۆرۈلۈش مىقدارى 6 مىليون 300 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، تۇرپاندىكى ئۆرۈك چېچىكىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى تېخىمۇ كۆپ تاماشىبىنغا ھەمبەھرىلەندى.
باشلىنىش مۇراسىمىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت سارىيى، تۇرپان ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى، تۇرپان مۇزېيى ئايرىم - ئايرىم تاللاپ ئەۋەتكەن ئېسىل نومۇرلار ئورۇنلىنىپ، تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان ئەدەبىيات - سەنئەت كاتتا زىياپىتى تەقدىم قىلىندى. ئېسىل ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىدا ھەم ئېسىل چالغۇلار بىلەن ئورۇنلانغان لەرزان مۇزىكىلار، ھەم قايناق ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرغان ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرى بار ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، نازىركوم ئۇسسۇلى نەق مەيدان كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى، ئارتىسلار رەڭدار كىيىملەرنى كىيىپ، شوخ، جانلىق، قىزىقارلىق، يۇمۇرلۇق ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ھەر يىلى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرىلىرىدا، تۇرپاندا ئۆرۈك دەرەخلىرى ھۈپپىدە چېچەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى چېچەك سەيلىسى قىلىدىغان، باھار سەيلىسى قىلىدىغان ياخشى جاي بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ يىل سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئارقا - ئارقىدىن كۆرۈلگەچكە، ئۆرۈك چېچىكىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى سەل كەينىگە سۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ساياھەتچىلەرنىڭ باھار سەيلىسى قىلىش قىزغىنلىقىغا تەسىر يەتكۈزەلمىدى. ساياھەتچى پەرھات ئېزىز ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ ئۆرۈك دەرىخى ئاستىدا داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشتى، «ھازىر ھاۋا ئىللىدى، بىز بۇ يەرگە كېلىپ باھار سەيلىسى قىلىپ، ناھايىتى راھەت ھېس قىلدۇق».
پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ساياھەتچىلەر ئۆرۈك چېچىكىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە توپ تېپىش، چوكا تاشلاش ئويۇنى قاتارلىق ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەرگە بىۋاسىتە قاتناشتى، يەنە ساپال بۇيۇملار، تالدىن توقۇلغان بۇيۇملار، ئۈجمە قەغىزى ياساش قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرى بىر - بىرلەپ نامايان قىلىنىپ، ساياھەتچىلەرگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ جەلپكارلىقى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدۇرۇلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆرۈكلۈكلەردىكى بازار ۋە بازار سورۇنلىرىمۇ زور تۈركۈم ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، تۇرپاننىڭ تۈرلۈك خاس مەھسۇلاتلىرى، مەززىلىك تائاملىرى ساياھەتچىلەرنىڭ چىن كۆڭلىدىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، ئۇلار بەس - بەستە قەدىمىنى توختىتىپ تاللاپ سېتىۋالدى. يار بازىرى شاڭخۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەھلىيا تۇرسۇن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بىرنەچچە خىل قۇرۇق ئۈزۈم تەييارلىغانىدىم، سېتىلىش مىقدارى ياخشى بولدى، چۈشتىن بۇرۇنلا 500 يۈەنلىكتىن ئارتۇق ساتتىم».
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت سارىيىنىڭ ساراي باشلىقى جوۋ ۋېنلياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ مەيدان ئەدەبىيات - سەنئەت كاتتا مەرىكىسىدە چېچەك ۋاسىتە قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى يەنىمۇ بېيىتىلدى، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇنۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىللە، يەنە قويۇق مەدەنىيەت كەيپىياتى ھېس قىلدۇرۇلدى.