شىن شىجيەن
بۇ يىل ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 243 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %101.38 ئاشتى. بۇ، بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچىنىڭ گۈزەل شىنجاڭنىڭ ھەيۋەتلىك تاغ - دەريالىرى ۋە جۇلالىق ئادىمىيەت مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ساياھەتچىلىكنىڭ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى سىرتقا نامايان قىلىشتا بارغانسېرى مۇھىم رول ئېلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى «شىددەتلىك» ئېشىش ئۆزگىچە مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقىنىڭ پايدىسىدىن بولدى، يەنە «مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى بەرپا قىلىش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش» ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىلگەنلىكىنىڭ پايدىسىدىن بولدى.
مەدەنىيەت ساياھەتنىڭ جېنى، ساياھەت مەدەنىيەتنىڭ ۋاسىتىسى. بولۇپمۇ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مەدەنىيىتى جۇلالانغان، تارىخى مول، سەنئىتى رەڭدار بولغان ياخشى جايدا، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مەدەنىيەت، تارىخ، سەنئەتنى ئۆزئارا يۇغۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
بېيتىڭ قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى، يارغول قەدىمىي شەھىرى، قىزىل مىڭئۆي، كىروران خارابىسى قاتارلىق تارىخىي يادىكارلىقلار مىڭ يىللار مابەينىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولماقتا، ئون ئىككى مۇقام، «ماناس»، «جاڭغىر» قاتارلىق مەدەنىيەت گۆھەرلىرى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گۈلزارلىقىدا جۇلالانماقتا... شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ بىپايان تۇپراققا نۇرغۇن تارىخىي يادىكارلىقلار تارقالغان، بۇ تۇپراقتا نۇرغۇن مەدەنىيەت مىراسلىرى ساقلانغان، نۇرغۇن سەنئەت گۆھىرى توپلانغان. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىپ، ئاجايىپ ھەيۋەتلىك تەبىئىي گۈزەللىكنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش بىلەن بىللە، مۇقەررەر ھالدا قويۇق مەدەنىيەت گۈزەللىكى، تارىخ گۈزەللىكى، سەنئەت گۈزەللىكىگە مەپتۇن بولىدۇ.
ساياھەت «قىزغىنلىق»ى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى، سەنئىتىنى ئۆزئارا يۇغۇرۇش بىزنىڭ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇشىمىزنى چەكسىز ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلىدى. بۇ، ھەم شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن، ھەم ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم يول. جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشتىن، ھەرقايسى جايلاردىكى مۇزېيلارنى «توردا ئالقىشلانغان جاي»غا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقىچە، يەنە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى قۇرۇشقىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مەدەنىيەتنىڭ روھنى تاۋلاش، مەدەنىيەتنىڭ كۈچ - قۇۋۋەت بېغىشلاش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ قالتىس سەھىپىسىنى پۈتتى.
مەدەنىيەت، تارىخ، سەنئەتنى ساياھەتچىلىك بىلەن يۇغۇرۇش يەنە يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشنىڭ رېئال ئېھتىياجى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.» دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىپ، ساياھەتچىلىكتىن ئىبارەت بۇ كۆزنەك ئارقىلىق «تىيانشاندىن چىقتى تولۇن ئاي، كۆز يەتكۈسىز بۇلۇت دېڭىزى ئارىسىدىن»دىن ئىبارەت سەلتەنەتلىك قىياپەتتىن زوق ئېلىشنى، «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر»دىن ئىبارەت تارىخنىڭ ئەكس ساداسىنى چۈشىنىشنى، «ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ»دىن ئىبارەت شادىيانە مېلودىيەنى ھېس قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىز كىشىلەرنىڭ «شىنجاڭنى چۈشىنىش» ئۈمىدىنى چوڭقۇر دەرىجىدە قاندۇرۇپ، ساياھەتچىلىك يولىغا تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت، تارىخ، سەنئەت ئېلېمېنتلىرىنى سىڭدۈرۈپ، شىنجاڭغا كەلگەن كىشىلەرنى شىنجاڭنى تېخىمۇ بىۋاسىتە چۈشىنىش، شىنجاڭنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.
مەدەنىيەت، تارىخ، سەنئەتنى ساياھەتچىلىك بىلەن يۇغۇرۇشتا ئاچقۇچلۇق بولغىنى، ئىسلاھات چارىسى، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى، بازارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى، رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەھسۇلات يېتىلدۈرۈش. ئىجادىي ئايلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى پەن - تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارىيى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە سورۇنلىرىدىكى تۈرلۈك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مەدەنىيەت - سەنئەت بايلىقلىرىنى «ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش» «جانلاندۇرۇش» كېرەك. ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق ئىچكى يادروسىنى چىڭ تۇتۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت يۇغۇرۇلغان يېڭى مەنزىرىلەرنى پائال بەرپا قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ دۆلەت دەرىجىلىك، دۇنيا دەرىجىلىك بىر تۈركۈم مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما ماركىلىرىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان، رايون خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان، ئۆزىنىڭ ماركىسى بار بولغان، ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان بىر تۈركۈم مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما تاۋارلىرىنى كېڭەيتىش، ئېچىش كېرەك.
مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى بەرپا قىلىش ئىچكى خاس مەزمۇننى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىدۇ، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. مەۋقەنى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ ياخشى جايغا قويۇپ، بىز يۇغۇرۇشقا بولىدىغانلىرىنى تولۇق يۇغۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى خاس مەزمۇننى بېيىتىش، ماركا يارىتىش، كەسىپ ھالىتى يېتىلدۈرۈش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلام، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى تېخىمۇ كۆپ «ماكان»غا ئىگە قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ كۆپ «يېڭى يەر بەلگىسى»گە ئىگە قىلىپ، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ كۆپ «قەلبداشلىق كۆۋرۈكى»گە ئىگە قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ گۈزەل نامىنى ھەممە يەرگە تارقىتايلى.